بەزى ئاتا-ئانىلار، باشقىلارنىڭ بالىسىنىڭ مۇنەۋۋەرلىكىنى كۆرسە، ھەمىشە ئۇلارغا زوقلىنىپ، "مىنىڭ بالاممۇ ئۇلارنىڭ بالىسىنىڭ يېرىمىچىلىك بولالىغان بولسا نىمە دىگەن ياخشى بولاتتى ھە" دەپ ئويلاپ كىتىدۇ. ئۇنداقتا، بۇنداق ئادەمنىڭ زوقىنى كەلتۈرىدىغان مۇنەۋۋەر بالىلار تۇغۇلىشىدىنلا شۇنداق مۇنەۋۋەر تۇغۇلغانمۇ؟ بۇنىڭ ئۇنداق ئەمەسلىكىنى ھەممەيلەن ئىنىق بىلىدۇ. ئەمىلىيەتتە، مۇنەۋۋەر بالىلارنىڭ بۇ خىل ئەدەپ-قائىدىلىك كىلىشى، ئۇلارنىڭ ئائىلسىنىڭ كەيپىيات مۇھىتى ۋە ئاتا-ئانىسىنىڭ يىتەكلىشىنىڭ توغرا بولغانلىقىدىن بولۇپ، ئەگەر ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشى ۋە گەپ-سۆزلىرىنى قائىدىلىك تەرتىپكە كىرگۈزەلىسە، ئۇنداقتا كەلگۈسىدە چوقۇم مۇنەۋۋرە بولغان بىر بالىغا ئىرىشەلەيدۇ.

ھازىر، يالغۇز پەرزەنتلەر بىرقەدەر كۆپ، ئىككى پەرزەنتلىك ئائىلىلەرمۇ ئاز ئەمەس. بەزى ئانىلار ئىشتىن توختاپ، ئۆيدە پۈتۈن زىھنى بىلەن بالىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش جەريانىدا، بالىلارنىڭ ئۆزىنىڭ قول تىقىپ ئىش قىلىشىغا ئاساسى جەھەتتىن پۇرسەت بەرمەي، ھەممە ئىشلارنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىۋالىدۇ؛ بىراق، بۇ خىل ھەممە ئىشنى كۆتىرەگە ئېلىۋىلىش قىلمىشى، ئەمىلىيەتتە بالىلارغا كۆيۈنگەنلىك ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ ئۆز ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىۋىتىش بولىدۇ. شۇڭا، بەزى ئىشلارنى، بالىلار كىچىكىدىن باشلاپلا ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ قىلىشىغا قويۇپ بىرىش، ئۇلار ياخشى قىلالمىغان تەقدىردىمۇ، يەنىلا ئۇلارغا ئارىلىشىۋالماستىن، ئەكسىچە ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئورۇنلىشىغا رىغبەتلەندۈرۈش بىرىش كىرەك. بۇنىڭدا، بالىلار كەلگۈسى تۇرمۇشىدا، ئۆز ئىقتىدارلىرىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرلايدۇ.

بەزى بالىلار بىر ئىشلارنى قىلغاندا ئەستايىدىل بولمايدۇ، شۇڭلاشقا ئاتا-ئانىلار ئۇلارنىڭ خاتالىشىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، بالىلارنىڭ شۇ ياش مەزگىلىدە ئۆزى قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلىرىنىمۇ ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى قىلغىلى قويمايدۇ. بىز ئەمىلىيەتتە، بالىلارنىڭ ئۆزىنىڭ سىناپ بېقىشىغا قويۇپ بىرىشىمىز كىرەك؛ ئۇلار خاتالاشقان تەقدىردىمۇ، بۇنىڭدىن قورقۇپ قالماسلىقىمىز، ئۇلارنىڭ خاتالىقىنى چۈشەندۈرۈپ، كىيىنكى قېتىم ئوخشاش مەسىلىگە دۇچ كەلگەن ۋاقىتتا بۇنداق خاتالىقتىن ساقلىنىش ھەققىدە يىتەكلەش ئېلىپ بېرىش كىرەك. بۇنىڭدا، بالىلار تېخىمۇ ياخشى ئۆسۈپ-يىتىلەلەيدۇ ھەم ئۆگىنەلەيدۇ.

بەزى ئاتا-ئانىلار، ھەمىشە بالىلىرىنىڭ دەم ئېلىش ۋاقتى ۋە دەرستىن سىرتقى قىزىقىش ۋاقىتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بىرىشنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، بالىلاردا ۋاقىت قارىشى بولمايدۇ ھەمدە ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى سىناپ بېقىشقا پۇرسەت بولمايدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، ئاتا-ئانىلار، ئەڭ ياخشىسى بالىنىڭ ئۆزىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىشىغا ۋە ئۇلارنىڭ ئۆزىنى ئۆزىگە خوجا بولۇشىغا يول قويۇپ، ئۇلارنى شۇ كۈنى ئورۇنلاپ تۈگىتىشكە تىگىشلىك ۋەزىپىلىرىنى ۋە ۋاقتىنى ياخشى پىلانلاشقا يىتەكلەش كىرەك. بۇنىڭدا، ئۈنۈمى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ، بالىلارنىڭ ئۆزىنىڭ قىزىقىش ھەۋەسلىرىگە ئاساسەن مۇۋاپىق پىلانلاش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكىمۇ پايدىلىق بولىدۇ.