بۇ ئۈچ خىل سورۇندا بالىڭىزنى چوقۇم قۇچىقىڭىزدا كۆتۈرۋىلىڭ
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5817:قېتىم كورۇلدى
    ئادەتتە بالىلار يول مېڭىشنى ئۆگەنگەندىن كىيىن، ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ مېڭىشىغا قويۇپ بىرىدۇ؛ چۈنكى يول مېڭىشنى ئۆگىنىپ بولغان بالىلار ئاساسەن ئىككى ياشلارغا يېقىنلىشىپ قالغان بولۇپ، بەدەن ئېغىرلىقىمۇ بىرقەدەر ئېغىر كىلىدۇ، شۇڭا ئاتا-ئانىلار ئۇلارنى قۇچىقىدا كۆتۈرۋالغاندا ئاسانلا ھېرىپ قالىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، بالىلار ئۆزى مېڭىپ بەرسە، ئۇلارنىڭ سۆڭىكىنىڭ يىتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق بولىدۇ. بىراق، ئاتا-ئانىلار شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كىرەككى، تۆۋەندىكى بىر نەچچە خىل سورۇنلاردا، ھەرقانچە ھېرىپ قالسىمۇ، بالىسىنى قۇچىقىدا كۆتۈرۋىلىش كىرەك؛ بولمىغاندا، ئاسانلا خەتەرلىك ئەھۋال كىلىپ چىقىشى مۇمكىن.
ئاپتۇماتىك لىفىتقا ئولتۇرغان ۋاقىتتا
    ئۈچ ياشتىن تۆۋەن بالىلارنىڭ خەتەرنى تۇنۇش ۋە ئايرىش ئىقتىدارى بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئاپتۇماتىك لىفىت، تۇرمۇشىمىزدىكى ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان خەتەرلىك ئۈسكىنىلەرنىڭ بىرى، شۇڭا چوقۇم بىخەتەرلىككە دىققەت قىلماق كىرەك. كىچىك بالا ئەسلىدىنلا ئاپتۇماتىك لىفىتقا قانداق ئولتۇرۇشنى بىلمەيدۇ، ئۇنى بۇنى تۇتۇشقا ئامراق كىلىدۇ ھەم جىم تۇرمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاپتۇماتىك لىفىتقا ئولتۇرغاندا خەتەرلىك ئەھۋاللارنىڭ كۆرۈلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئۈچ ياشتىن تۆۋەن بالىلارنى ئاتا-ئانىسى چوقۇم قۇچىقىدا كۆتۈرۋىلىشى كىرەك.
ئادەم كۆپ سورۇنلاردا
    ئادەم كۆپ سورۇنلار، بالىلارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، خەتەر كۆپ يۈز بىرىدىغان رايون ھىسابلىنىدۇ؛ مەسىلەن، سودا ساراي، چوڭ تىپتىكى تاللا بازىرى قاتارلىقلار. چوڭ تىپتىكى سودا ساراي ۋە تاللا بازارلىرىدا كىشىلەر ئېقىمى بىرقەدەر كۆپ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە مال جاھازىلىرىمۇ بىرقەدەر كۆپ بولغاچقا، بويى نىسبەتەن كىچىك ھەمدە نىسبەتەن شوخراق كەلگەن بالىلار يۈگرەپ ئويناپ، ئاسانلا سوقۇلۇپ كىتىپ يارىلىنىدىغان ئەھۋال كىلىپ چىقىشى مۇمكىن. يەنە بىر تەرەپتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇنداق سورۇنلار، بالا ئوغرىلايدىغان قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنىڭ جىنايەت سادىر قىلىشتىكى ئالدىن تاللايدىغان ئورۇنلار بولۇپ، ئەگەر بالا ئاتا-ئانىسىدىن يېراقلاپ كەتكەندە، يامان ئاقىۋەت ئېلىپ كىلىشى مۇمكىن. شۇڭا بۇنداق سورۇنلاردا ئەڭ ياخشىسى بالىڭىزنى كۆتۈرۋالغىنىڭىز ياخشى.
ئايلانما ئىشىكتىن ئۆتكەن ۋاقىتتا
    ئايلانما ئىشىك، نۇرغۇن كىچىك بالىلارغا قىزىقارلىق بىلىنىدۇ؛ چۈنكى ئايلانما ئىشىك ئۆزلىكىدىن ئايلىنىپ تۇرىدىغان بولغاچقا، بەزى بالىلار ئۇنىڭ ئىچىدە چۆرگىلەپ ئويناشنى ياخشى كۆرىدۇ. بىراق، كىچىك بالىلار خەتەرنى تونۇشنى ۋە ئايرىشنى بىلمەيدۇ؛ شۇڭا ئۇلار ئويۇن ئويناش جەريانىدا، ئىشىككە قىسىلىپ زەخمىگە ئۇچرايدىغان ئەھۋاللار كىلىپ چىقىشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئايلانما ئىشىكتىن ئۆتكەن ۋاقىتتا، چوقۇم بالىڭىزنى كۆتۈرۋىلىشىڭىز كىرەك؛ ھەتتا بالىڭىز بىلەن سىرتلارغا چىققاندا، يېقىن ئەتراپتا ئايلانما ئىشىك بار ئەھۋال ئاستىدا، بالىڭىزغا ياخشى قاراپ، ئۇنىڭ ئايلانما ئىشىك ئىچىدە چۆرگىلەپ ئوينىشىنى توسىشىڭىز كىرەك.

قوساقتىكى ھامىيلە قىز بولسا، بۇ يەتتە خىل ئالامەت كۆرىلىدۇ

كۆپ قىسىم ھامىلدار ئاياللار ئەگەر قىز بالىغا ھامىلدار بولغان بولسا، ئادەتتە ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۇلاردا بەزىبىر ئالامەتلەر

ھامىلدار ئايالنىڭ بۇ خىل قىلمىشلىرىنىڭ ھامىيلىگە تەسىرى زور

ھامىلدار ئايالنىڭ قوسىقىدا باشقا بىر كىچىك ھاياتلىق بار بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ھەربىر ھەرىكەت-قىلمىشلىرى، قوساقتىكى بالىنىڭ بىخەتەرلىكىگ

بوۋاقلارنىڭ قوشۇمچە يىمەكلىكىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش كىرەك

قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشقا باشلىغان دەسلەپكى ئىككى ئايغا(ئالتە يەتتە ئايلىق بولغان ۋاقىت) سېلىشتۇرغاندا، سەككىز ئايلىق بولغاندىن باشلاپ

بوۋاققا بېلىق گۆشى يىگۈزۈشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى

ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، بېلىق گۆشى تەركىبىدە ۋىيتامىنلار ۋە مىنرالنى ماددىلار مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇمران ھەم تەملىك؛ شۇڭا بېلىق گۆشى، بوۋا

ئاياللار تۇنجى ھامىيلىنى ئالدۇرۋەتسە، زىيىنى ئىنتايىن چوڭ

دوختۇرلارنىڭ تەۋسىيىسىگە ئاساسلانغاندا، بىرىنچى ھامىيلىنى ئالدۇرۋىتىش ئاقىلانىلىق ئەمەس ئىكەن، بولمىغاندا تۆۋەندىكى تۆت خىل ئاقىۋەت

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号