بۇ ئۈچ تۈرلۈك يىمەكلىكنىڭ ھامىيلىگە بولغان تەسىرى چوڭ
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5814:قېتىم كورۇلدى
    ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، نۇرغۇن يىمەكلىكلەرنى خالىغانچە ئىستىمال قىلىشقا بولمايدۇ؛ بولۇپمۇ تۆۋەندىكى ئۈچ خىل يىمەكلىكنىڭ ھامىيلىگە بولغان تەسىرى نىسبەتەن چوڭ بولۇپ، ھامىلدار ئاياللار ئالاھىدە دىققەت قىلمىقى لازىم.
تاتلىق يىمەكلىكلەر
    تۇغۇت تەجىربىسى بار ئاياللارنىڭ ھەممىسى ئىنىق بىلىدۇ؛ ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، ھامىلدار ئايالنىڭ بەدىنىدىكى ھورمۇن سەۋيىسىدە ئۆزگىرىش كۆرۈلىدىغان بولغاچقا، تاتلىق يىمەكلىكلەرنى بەك كۆپ ئىستىمال قىلغاندا، بەدەننىڭ يۈكىنى ئېغىرلىۋىتىپلا قالماي، يەنە تېخى نۇرغۇنلىغان ھامىلدارلىق مەزگىلى كىسەللىكلىرىنىڭ كىلىپ چىقىشىغا سەۋەپچى بولىدۇ. مەسىلەن، ھامىلدارلىق مەزگىلى دىئابىت كىسىلى؛ بۇ، ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىل ھامىلدارلىق مەزگىلى كىسەللىكى بولۇپ، بىرقەدەر چوڭ دەرىجىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قەنت قوبۇل قىلىش مىقدارىنىڭ زىيادە كۆپ بولۇپ كەتكەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۆزىڭىزنىڭ ۋە قورسىقىڭىزدىكى ھامىيلىنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن، تاتلىق يىمەكلىكلەرنى ئازراق يىيىشىڭىز ياكى ۋاقتىنچە يىمەسلىكىڭىز كىرەك.
ئاچچىق يىمەكلىكلەر
    ھازىرقى زاماندىكى تۇرمۇش بېسىمى زىيادە ئېغىر بولغانلىقتىن، نۇرغۇنلىغان ياشلارنىڭ ئېغىر تەملىك يىمەكلىكلەرنى يىيىشنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. مەسىلەن، ئاچچىق يىمەكلىكلەر. بۇنىڭدا، ئىشتىھانى قوزغىتىشقا بولۇپلا قالماي، يەنە تېخى بەدەننى قىزىتىدۇ؛ بىراق، ھامىلدار ئاياللار ئاچچىق يىمەكلىكلەرنى يىسە بولمايدۇ. چۈنكى، ئەگەر ھامىلدار ئاياللار ئاچچىق يىمەكلىكنى كۆپ يەۋالسا، بىر تەرەپتىن ئاسانلا قوقاقلاپ كىتىدۇ ھەمدە ئاشقازان-ئۈچەيلىرىگە زىيانلىق تەسىر كۆرسىتىدۇ؛ يەنە بىر تەرەپتىن بولسا، ھامىلدار ئايالدىكى ھورمۇن ئاجرىلىپ چىقىشنى غىدىقلاپ، ئۇلارنىڭ بەدىنىدىكى زەھەرلىك ماددىلارنىڭ مىقدارىنىڭ ئېشىپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەمدە ھامىيلىنىڭ بەدىنىگە يۆتكىلىپ، ھامىيلە زەھىرىنى شەكىللەندۈرىدۇ. بۇنداق ئەھۋال ئۇزۇن داۋاملاشسا، ھامىيلىنىڭ ئۆسۈپ-يىتىلىشىگە تەسىر يىتىدۇ.
تۇزلانغان يىمەكلىك
    نۇرغۇن ئاياللار، ھامىلدار بولغاندىن كىيىن ئېغىر تەملىك يىمەكلىكلەرنى ياخشى كۆرىدىغان بولپ قالىدۇ؛ ھەمىشە تاماق تەمى يوقتەك بىلىنىپ، تاماقنى تۇزلۇقراق قىلىدىغان بولۇپ قالىدۇ ھەمدە بۇندىن باشقا، تۇزلانغان يىمەكلىكلەرگىمۇ بەكرەك قىزىقىدۇ. ئەمىلىيەتتە، ئاياللارنىڭ ھامىلدارلىق مەزگىلىدە تۇزلانغان يىمەكلىك يىيىشى ياخشى ئەمەس. بۇنىڭدا، بىر تەرەپتىن تۇزلانغان يىمەكلىكنىڭ تۇز تەركىبى بىرقەدەر يۇقىرى بولغاچقا، ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى يۇقىرى قان بېسىم كىسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ھامىلدار ئايالنىڭ ۋە ھامىيلىنىڭ ساغلاملىقىغا تەھدىت ئېلىپ كىلىدۇ؛ يەنە بىر تەرەپتىن، تۇزلۇنغان يىمەكلىكلەرنى تەييارلاش جەريانىدا، بەلگىلىك مىقداردا نىترىت كىسلاتا تۇزلىرى تۈرىدىكى ماددىلار ھاسىل بولىدىغان بولۇپ، بۇ خىلدىكى ماددىلارنىڭ ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان راك كسەللىكى پەيدا قىلىش خارەكتىرى بار. شۇڭا، ھامىلدار ئاياللار ئىمكان قەدەر تۇزلۇق يىمەكلىكلەرنى يىيىشتىن ساقلىنىشى كىرەك.

قوساقتىكى ھامىيلە قىز بولسا، بۇ يەتتە خىل ئالامەت كۆرىلىدۇ

كۆپ قىسىم ھامىلدار ئاياللار ئەگەر قىز بالىغا ھامىلدار بولغان بولسا، ئادەتتە ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۇلاردا بەزىبىر ئالامەتلەر

ھامىلدار ئايالنىڭ بۇ خىل قىلمىشلىرىنىڭ ھامىيلىگە تەسىرى زور

ھامىلدار ئايالنىڭ قوسىقىدا باشقا بىر كىچىك ھاياتلىق بار بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ھەربىر ھەرىكەت-قىلمىشلىرى، قوساقتىكى بالىنىڭ بىخەتەرلىكىگ

بوۋاقلارنىڭ قوشۇمچە يىمەكلىكىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش كىرەك

قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشقا باشلىغان دەسلەپكى ئىككى ئايغا(ئالتە يەتتە ئايلىق بولغان ۋاقىت) سېلىشتۇرغاندا، سەككىز ئايلىق بولغاندىن باشلاپ

بوۋاققا بېلىق گۆشى يىگۈزۈشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى

ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، بېلىق گۆشى تەركىبىدە ۋىيتامىنلار ۋە مىنرالنى ماددىلار مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇمران ھەم تەملىك؛ شۇڭا بېلىق گۆشى، بوۋا

ئاياللار تۇنجى ھامىيلىنى ئالدۇرۋەتسە، زىيىنى ئىنتايىن چوڭ

دوختۇرلارنىڭ تەۋسىيىسىگە ئاساسلانغاندا، بىرىنچى ھامىيلىنى ئالدۇرۋىتىش ئاقىلانىلىق ئەمەس ئىكەن، بولمىغاندا تۆۋەندىكى تۆت خىل ئاقىۋەت

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号