بوغا گۆشى(鹿肉)
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 374004:ئادەم ئۆگەندى

    بوغا گۆشى ئەلا سۈپەتلىك يىمەكلىك بولۇپ، يۇمران ھەم تەملىك، مېيى ئاز كىلىدۇ ھەمدە كۆپ خىل قورىمىلارغا ۋە پىشىرۇش ئۇسۇللىرىغا ماس كىلىدۇ. بوغا گۆشىنىڭ تەركىبىدە ئاقسىل، ياغ، ئانورگانىك تۇز، ساخارىد تۈرى قاتارلىقلار نىسبەتەن مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئادەم بەدىنى تەرپىدىن ھەزىم قىلىپ سۈمۈرلۈشى نىسبەتەن ئوڭاي بولىدۇ.
خەنزۇچە ئاتىلىشى: 鹿肉
ئىنگىلىزچە ئاتىلىشى:  venison
ئۇزۇقلۇق قىممىتى
    بوغا گۆشىنىڭ تەبىئىتى مۆتىدىل بولۇپ، ماغدۇر قۇۋۋەت تۇلۇقلاش، بۆرەككە ئىسسىقلىق يەتكۈزۈپ باھنى كۈچەيتىش ئۈنۈمى بار. جۇڭگو ئەنئەنىۋى تىبابىتىنىڭ قارىشىچە، بوغا گۆشىنىڭ بۆرەكنى قۇۋۋەتلەش ئۈنۈمى بارلىق گۆش تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنىڭ ئىچىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن؛ بۇ سەۋەپلىك يىڭى توي قىلغان ئەر-خوتۇنلار ۋە بۆرەك ئىقتىدارى ئاجىزلىشىپ كەتكەن ياشانغانلارغا نىسبەتەن، بوغا گۆشى ئەڭ ياخشى قۇۋۋەت يىمەكلىكى بولۇپ ھىسابلىنىدىكەن.
   بوغا گۆشى يۇقىرى ئاقسىللىق، تۆۋەن ياغ تەركىبلىك ۋە تەركىبىدىكى خولىستىرىننىڭ مىقدارى تۆۋەن بولۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولۇپ، ئادەم بەدىنىنىڭ قان ئايلىنىش سېستىمىسى ۋە نىرۋا سېستىمىسىغا قارىتا ئىنتايىن ياخشى بولغان تەڭشەش رولى بار.
    يۇقارقىلاردىن باشقا يەنە، پۇت قوللىرى داۋاملىق مۇزلايدىغان كىشىلەرگە قارىتا، بوغا گۆشى كۆرنەرلىك دەرىجىدە پايدىلىق رول ئوينايدىكەن.
 

سىياھبېلىق(乌贼)

سىياھبېلىق گۈل شېخى، سىياھ بېلىق دەپمۇ ئاتىلىدۇ. سىياھبېلىق باش پۇتلۇق يۇمشاق تەنلىك ھايۋان.

يېشىل قۇيرۇق راك(青虾)

يېشىل قۇيرۇق راكنىڭ سۇ ئۈزۈش ئىقتىدارى ناچار، قىسقا ئارىلىققىلا ئۈزەلەيدۇ، ئادەتتە سۇ ئاستىدىكى چۆپلەر ئارىسىدا ئۆمىلەپ ھەرىكەت قىلىد

توشقان(兔子)

ئۇيغۇرچە نامىتوشقان خەنزۇچە ئاتىلىشى兔 ئىنگلىزچە نامىrabbit,bunny،Rabbit تارقالغان رايونلار تەۋەلىكىھايۋاناتلار

كەپتەر(鸽子)

كەپتەر، بىر خىل ئىنتايىن كۆپ كۆرۈلىدىغان قۇش، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا كەڭ كۆلەمدە بېقىپ، كەپتەر بولسا كەپتەر ئائىلىسىدىكى تۈرى يۈ

كالا گۆشىنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى

كالا گۆشى ھەممىمىزگە تۇنۇشلۇق بولغان يىمەكلىك گۆش تۈرى. ئۇنداقتا سىز كالا گۆشىنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى قانچىلىك بىلەمسىز؟

توخۇ گۆشى(鸡肉)

بۇ قىرغاۋۇل ئائىلىسىدىكى ئۆي توخۇسىنىڭ گۆشىدىن ئىبارەت. كەم قانلىق، قان ئازلىق، بەدەن ئاجىزلىق، مەنىي ئازلىق، ئىشتىھا تۇتۇلۇش، ئېغىر د

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号