غاز گۆشى(鹅肉)
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 370195:ئادەم ئۆگەندى

    غاز گۆشى تەركىبىدە ئادەم بەدىنىنىڭ يىتىلىشىگە زۈرۈر بولغان ھەر خىل ئامىنو كىسلاتالىرى بار بولۇپ، ئامىنو كىسلاتارلىرىنىڭ تەشكىللىنىشى ئادەم بەدىنى ئىھتىياجلىق بولىدىغان نسبەتكە ئىنتايىن يېقىنلىشىدۇ. غازگۆشى ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل ھىسابلىنىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ياغ تەركىبى نىسبەتەن تۆۋەن.
خەنزۇچە ئاتىلىشى:  鹅肉
چەتئەلچە ئاتىلىشى: goose
ئىستىمال قىلىشقا ماس كىلىدىغان كىشىلەر توپى: بەدىنى ئاجىز، قۇۋۋەت ۋە ئۇزۇقلۇق يىتىشمىگەنلەر
ئۇزۇقلۇق تەركىبى
    ھەر 100گىرام غاز گۆشى تەركىبىدە 251 كىلوكالورىيە ئىنىرگىيە، 17.9 گىرام ئاقسىل، 19.9 گىرام ياغ، 42 مىكروگىرام ۋىيتامىن A، 0.8 مىكروگىرام كاروتىن، 61.4 مىكروگىرام رېننول ئېكۋىۋالىنتى، 0.07 مىللىگىرام تىئامىن، 0.23 مىللىگىرام رىبوفلاۋىن، 4.9 مىللىگىرام نىكوتىنىك كىسلاتا، 0.22 مىللىگىرام ۋىيتامىن E، 74 مىللىگىرام خولىستىرىن، 232 مىللىگىرام كالىي، 58.8 مىللىگىرام ناترىي، 4 مىللىگىرام كالتسىي، 18 مىللىگىرام ماگنىي، 3.8 مىللىگىرام تۆمۈر، 0.04 مىللىگىرام مانگان، 1.36 مىللىگىرام سىنىك، 0.43 مىللىگىرام مىس، 144 مىللىگىرام فوسفور، 17.68 مىكروگىرام سېلىن بار.
ئىستىمال قىممىتى
    جۇڭگۇ تىبابىتىدە قارىلىشىچە، غاز گۆشىنىڭ قۇۋۋەت تۇلۇقلاش، ئاشقازاننى ئىللىتىپ ئىشتىھانى ئېچىش، رىماتىزىمنى ياخشىلاپ قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق ئۈنۈملىرى بار؛ بۇلاردىن باشقا يەنە ھۆتەلنى توختىتىپ بەلغەمنى بوشىتىش، قوغۇشۇن زەھىرىنى ياندۇرۇش قاتارلىق ئۈنۈملەرگە ئىگە.

سىياھبېلىق(乌贼)

سىياھبېلىق گۈل شېخى، سىياھ بېلىق دەپمۇ ئاتىلىدۇ. سىياھبېلىق باش پۇتلۇق يۇمشاق تەنلىك ھايۋان.

يېشىل قۇيرۇق راك(青虾)

يېشىل قۇيرۇق راكنىڭ سۇ ئۈزۈش ئىقتىدارى ناچار، قىسقا ئارىلىققىلا ئۈزەلەيدۇ، ئادەتتە سۇ ئاستىدىكى چۆپلەر ئارىسىدا ئۆمىلەپ ھەرىكەت قىلىد

توشقان(兔子)

ئۇيغۇرچە نامىتوشقان خەنزۇچە ئاتىلىشى兔 ئىنگلىزچە نامىrabbit,bunny،Rabbit تارقالغان رايونلار تەۋەلىكىھايۋاناتلار

كەپتەر(鸽子)

كەپتەر، بىر خىل ئىنتايىن كۆپ كۆرۈلىدىغان قۇش، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا كەڭ كۆلەمدە بېقىپ، كەپتەر بولسا كەپتەر ئائىلىسىدىكى تۈرى يۈ

كالا گۆشىنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى

كالا گۆشى ھەممىمىزگە تۇنۇشلۇق بولغان يىمەكلىك گۆش تۈرى. ئۇنداقتا سىز كالا گۆشىنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى قانچىلىك بىلەمسىز؟

توخۇ گۆشى(鸡肉)

بۇ قىرغاۋۇل ئائىلىسىدىكى ئۆي توخۇسىنىڭ گۆشىدىن ئىبارەت. كەم قانلىق، قان ئازلىق، بەدەن ئاجىزلىق، مەنىي ئازلىق، ئىشتىھا تۇتۇلۇش، ئېغىر د

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号