پۇت قولى ئىسسىمايدىغانلار، بۇ شورپىنى ئىچىپ كۆرۈپ بېقىڭ!
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 79042:ئادەم ئۆگەندى
    بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە پىچەكگۈل كەپتەر شورپىسى تۇنۇشتۇرىمىز. پىچەكگۈل بىلەن كەپتەرنى قوشۇپ شورپا قايناتساق قاننى قۇۋۋەتلەپ ماغدۇر تۇلۇقلاش، سۇغۇق يەل ھەيدەش ئۈنۈمى بار بولۇپ، كۈز ۋە قىش پەسىللىرىدە قۇۋۋەت تۇلۇقلاش ئۈچۈن ئىچىشكە ماس كىلىدۇ. بۇندىن باشقا پىچەكگۈل كەپتەر شورپىسى تۇغۇتتىن كىيىن ۋە ئوپراتسىيىدىن كىيىنكى ئەسلىگە كىلىشتە قۇۋۋەت تۇلۇقلاشقىمۇ ماس كىلىدىغان بولۇپ، دائىم ئىچىپ بەرگەندە تەن ساغلاملىقىغا پايدىلىق تەسىر كۆرسىتىدۇ.
كىتەرلىك ماتىريال
    كەپتەر، پىچەكگۈل، چىلان، ئالقات، زەنجىۋىل
كىتەرلىك خۇرۇچ ماتىريالى
    تۇز، قارىمۇچ تالقىنى
 
تەييارلاش ئۇسۇلى
 
Step 1
     كەپتەرنى يۇڭداپ ئىچ-قارنىنى ئېلىۋەتكەندىن كىيىن يۇيۇپ پاكىزلاپ، قۇيرۇق قىسمىنى كىسىپ ئېلىۋىتىمىز.

Step 2
    پىچەكگۈلنىڭ پوستىنى سويۇۋەتكەندىن كىيىن، بۆلەك ھالىتىدە توغرايمىز.
    توغراپ تەييارلىغان پىچەكگۈلنىڭ ھاۋادا ئوكسىدلىنىپ قارىداپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئۇنى سۇغا چىلاپ قويىمىز.
 
Step 3
    قازانغا سۇ قۇيۇپ، ئوت يېقىشتىن ئاۋال كەپتەرنى ۋە زەنجىۋىل پارچىسىنى سالىمىز.
    كەپتەر گۆشىنىڭ غەلىتە پۇراقلىرىنى يوقىتىش ئۈچۈن، سۇدا بىر قاينىتىۋالىمىز
    چوڭ ئوتتا قايناپ چىققاندىن كىيىن، كەپتەر گۆشىنى سۈزۈۋالىمىز.
 
 
Step 4
    شورپا قازىنى تەييارلاپ، چىلان بىلەن زەنجىۋىلنى سالىمىز
    ئالدىدا قازاندىن سۈزۈۋالغان كەپتەر گۆشىنى سۇدا بىر چايقىۋەتكەندىن كىيىن، ئۇنىمۇ شورپا قايناتماقچى بولغان قازانغا سېلىپ، قازانغا ئىسسىق سۇ قۇيىمىز.
    قازاننىڭ تۇۋىقىنى يېپىپ، چوڭ ئوتتا قايناپ چىققاندىن كىيىن، كىچىك ئوتقا ئالماشتۇرۇپ، 30 مىنۇت قاينىتىپ پىشۇرۇمىز.
 
Step 5
    30 مىنۇتقا توشقاندا، قازانغا پىچەكگۈلنى سالىمىز
    تۇۋاقنى يېپىپ كىچىك ئوتتا 90 مىنۇت قاينىتىمىز.
    ئوتنى ئۆچۈرۈشنىڭ بەش مىنۇت ئالدىدا، ئالقاتنى سالىمىز؛ بۇنىڭدا ئالقاتنىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ كەتمەيدۇ.
    ۋاقىت توشقاندىن كىيىن، بىر قوشۇق تۇز، يېرىم قۇشۇق قارىمۇچ تالقىنى قوشۇپ تەم تەڭشىگەندىن كىيىن ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ.
 
Step 6
    كەپتەر گۆشى تەركىبىدە ئاقسىل ۋە مىكرو ئىلمىنتلار ئىنتايىن مول، ئەكسىچە ياغ تەركىبى نىسبەتەن تۆۋەن؛ شۇڭلاشقا شورپا قاينىتىپ ئىچىشتە كەپتەر گۆشىنى كۆپرەك تاللىساق، ساغلاملىققا بەلگىلىك دەرىجىدە پايدىسى بار.

پالەك پىنتوزا شورپىسىنىڭ ئۇزۇقلۇقى مول ھەم ساغلام

ياز تۈگەپ كۈز كۈنلىرىنىڭ يىتىپ كىلىشىگە ئەگىشىپ، ھاۋامۇ تەدرىجى سۇغۇپ بارماقتا؛ بۇنداق ئەھۋالدا، يازنىڭ كۈنلىرى ئىچىش خوشياقمىغان شور

باش كۈزدە ئىچىشكە ماس كىلىدىغان قۇۋۋەت شورپىلىرى

قازاننىڭ توخۇ-ئۆردەك شورپىسى قاينىتىش كونوپكىسىنى بېسىپ تۇۋاقنى يېپىپ قويساق، ۋاقىت توشقاندىن كىيىن ئازراق تۇز ۋە قارىمۇچ سېلىپ تەم تە

كالا گۆشى كومىلىچى شورپىسى قان ۋە كالتسىي تولۇقلايدۇ

كالا گۆشى كومىلىچى شورپىسى كۆپچىلىككە تۇنۇشلۇق، ئۇنىڭ ئۇزۇقلۇق قىمىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپلا قالماي، تەمىمۇ ياخشى، چوڭلار ھەم بالىل

قان ئاز ئاياللار ئىچىشكە ماس كىلىدىغان ئاددىغىنا شورپا

بۇ يەردە ئېيتىلغان "بەش قىزىل"، قىزىل پۇرچاق، قىزىل پوستلۇق خاسىڭ، چىلان، ئالقات ۋە قىزىل شىكەرنى كۆرسىتىدۇ. بۇ بەش خىل يىمەكلىك ماتىري

ھازىرقى ياز كۈنىدە ئىچىشكە ماس كىلىدىغان شورپىلار

ياز كۈنلىرىدە ئادەمنىڭ ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ تاماق يىگۈسى كەلمەيدۇ، ئادەتتە بىز ئىچىپ ئادەتلەنگەن شورپىلارنى تېخىمۇ كۆڭۈل تارتمايدۇ. بىرا

شوخلا تۇخۇم شورپىسىغىمۇ بەلگىلىك تاكتىكا كىتىدىكەن ئەمەسمۇ!!!

شوخلا تۇخۇم شورپىسى، ئىنتايىن كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىل ئاممىباپ تائام بولۇپ، شوخلا بىلەن تۇخۇمنى ماسلاشتۇرۇپ قاينىتىش ئارقىلىق تەييارل

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号