يازدا زەنجىۋىل قىشتا لوبو | كالا گۆشى تۇرۇپ شورپىسى
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 68385:ئادەم ئۆگەندى
    كونىلارنىڭ يازدا زەنجىۋىل ياخشى قىشتا تۇرۇپ دىگەن گېپى بار. قىشنىڭ سۇغۇق كۈنلىرىدە، كالا پەش گۆشى بىلەن تۇرۇپنى بىللە قاينىتىپ شورپا قىلىپ ئىچسىڭىز، ئاشقازاننى ئىللىتىپ ئادەمنى ئىسسىق باسىدۇ.
كىتەرلىك ماتىريال
    ئاق تۇرۇپ، كالا پەش گۆشى، غولپىياز مايسىسى، زەنجىۋىل، يۇمغاقسۈت
كىتەرلىك خۇرۇچ ماتىريالى
    شاكال بەدىيان، كاۋاۋىچىن، تۇز
 
تەييارلاش ئۇسۇلى
 
Step 1
تۇرۇپنى ئاقلاپ چوڭراق قىلىپ توغرايمىز.


Step 2
قازانغا سۇغۇق سۇ قۇيۇپ، كالا گۆشىنى سېلىپ قاينىتىمىز؛
    قازان قايناپ چىققاندىن باشلاپ ھىسابلاپ، 10 مىنۇت قاينىتىپ، گۆشنى سۈزۈپ ئېلىۋالىمىز ھەمدە سۇدا بىر چايقاپ، چاپلىشىۋالغان موزىلىرىنى چىقىرۋىتىمىز.

Step 3
توكلۇق يۇقىرى بېسىملىق قازان تەييارلاپ، سۈزۈپ ئالغان كالا گۆشىنى، زەنجىۋىل پارچىسى ۋە غولپىياز مايسىسىنى سالىمىز.
شاكال بەدىياندىن ئىككىنى ۋە بىر چىمدىم زەنجىۋىل سالىمىز.

ئاخىرىدا شورپىغا كىتەرلىك بولغان سۇنى قۇيىمىز
قازاننىڭ قوي-كالا گۆشى پىشۇرۇش ئىقتىدارىنى تاللاپ، ئېغىزىنى يېىپ 50 مىنۇت پىشۇرۇمىز.

Step 4
ۋاقىت توشقاندىن كىيىن، غولپىياز مايسىسىنى سۈزۈپ ئېلىۋالىمىز.

ئاق تۇرۇپنى سالىمىز

ئاخىرىدا قازاننىڭ تۇۋىقىنى ئۇچۇق قويۇپ 20 مىنۇت قاينىتىپ، تۇرۇپنى پىشۇرۇپ يۇمشىتىمىز.
     ئۇسۇپ ئېلىشتىن ئاۋال، تۇز قۇيۇپ تەمىنى تەڭشىگەندىن كىيىن، ئۈستىگە ئۇششاق توغرالغان يۇمغاقسۈت سېپىۋەتسەك بۈگۈنكى كالا گۆشى تۇرۇپ شورپىسى تەييار بولغان بولىدۇ.

Step 5
    ئەگەر توكلۇق يۇقىرى بېسىملىق قازان بولمىسا، ئادەتتىكى قازاندا قايناتسىڭىزمۇ بولىدۇ؛ بىراق كالا گۆشىنى پىشىرۇشتا تېخىمۇ ئۇزۇن قاينىتىشىڭىز كىرەك.

پالەك پىنتوزا شورپىسىنىڭ ئۇزۇقلۇقى مول ھەم ساغلام

ياز تۈگەپ كۈز كۈنلىرىنىڭ يىتىپ كىلىشىگە ئەگىشىپ، ھاۋامۇ تەدرىجى سۇغۇپ بارماقتا؛ بۇنداق ئەھۋالدا، يازنىڭ كۈنلىرى ئىچىش خوشياقمىغان شور

باش كۈزدە ئىچىشكە ماس كىلىدىغان قۇۋۋەت شورپىلىرى

قازاننىڭ توخۇ-ئۆردەك شورپىسى قاينىتىش كونوپكىسىنى بېسىپ تۇۋاقنى يېپىپ قويساق، ۋاقىت توشقاندىن كىيىن ئازراق تۇز ۋە قارىمۇچ سېلىپ تەم تە

كالا گۆشى كومىلىچى شورپىسى قان ۋە كالتسىي تولۇقلايدۇ

كالا گۆشى كومىلىچى شورپىسى كۆپچىلىككە تۇنۇشلۇق، ئۇنىڭ ئۇزۇقلۇق قىمىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپلا قالماي، تەمىمۇ ياخشى، چوڭلار ھەم بالىل

قان ئاز ئاياللار ئىچىشكە ماس كىلىدىغان ئاددىغىنا شورپا

بۇ يەردە ئېيتىلغان "بەش قىزىل"، قىزىل پۇرچاق، قىزىل پوستلۇق خاسىڭ، چىلان، ئالقات ۋە قىزىل شىكەرنى كۆرسىتىدۇ. بۇ بەش خىل يىمەكلىك ماتىري

ھازىرقى ياز كۈنىدە ئىچىشكە ماس كىلىدىغان شورپىلار

ياز كۈنلىرىدە ئادەمنىڭ ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ تاماق يىگۈسى كەلمەيدۇ، ئادەتتە بىز ئىچىپ ئادەتلەنگەن شورپىلارنى تېخىمۇ كۆڭۈل تارتمايدۇ. بىرا

شوخلا تۇخۇم شورپىسىغىمۇ بەلگىلىك تاكتىكا كىتىدىكەن ئەمەسمۇ!!!

شوخلا تۇخۇم شورپىسى، ئىنتايىن كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىل ئاممىباپ تائام بولۇپ، شوخلا بىلەن تۇخۇمنى ماسلاشتۇرۇپ قاينىتىش ئارقىلىق تەييارل

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号