شۆلگىيىڭىزنى ئېقىتقۇدەك پىشۇرۇلغان قۇۋۇرغا كاۋاپ
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 139533:ئادەم ئۆگەندى
    بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە تۇنۇشتۇرىغىنىمىز، قوي گۆشىدىن تەييارلانغان قۇۋۇرغا كاۋاپ بولۇپ، بۇ تائامنى تەييارلاش ئاسان، ئەمما ئۆزى تەملىك بولۇپ، پىشۇرۇش جەريانىدا دىققەت بىلەن تۇرمىسىڭىز، شۆلگىيىڭىز كاۋاپقا ئېقىپ كىتىدۇ!!!
كىتەرلىك ماتىريال:
    قوي قۇۋۇرغا گۆشى، زەنجىۋىل، يۇمغاقسۈت، سوقۇلغان قىزىلمۇچ (ئۆزىڭىزنىڭ ياخشى كۆرىشىگە قاراپ قوشسىڭىز بولىدۇ)
تېتىتقۇ خۇرۇچلىرى:
    يىمەكلىك مېيى، كاۋاۋىچىن، تۇز، زىرە

 
تەييارلاش ئۇسۇلى
 
-Step 1-
قۇۋۇرغا گۆشنى يۇقىرى بېسىملىق قازانغا سالىمىز.

ئۈستىگە زەنجىۋىل، كاۋاۋىچىن قوشىمىز.

ئۈچ قۇشۇق تۇز قوشىمىز.

ماتىريال چۆكۈشكىدەك سۇ قۇيىمىز.
قازاننىڭ ئېغىزىنى يېپىپ، توكلۇق يۇقىرى بېسىملىق قازاندا 30مىنۇت، ئادەتتىكى يۇقىرى بېسىملىق قازان بولسا 20 مىنۇت قايناتساق بولىدۇ.
-Step 2-
    گۆش پىشقاندىن كىيىن، گۆشنى سۈزىۋالىمىز؛ شورپىسىنى بولسا ئۆزىڭىزنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئاساسەن ئاز-تولا تەڭشەپ، بىۋاستە ئىستىمال قىلسىڭىز بولىدۇ.
گۆشنى ئازراق سۇۋۇتقاندىن كىيىن، يۈز قىسمىغا ئۈچ قوشۇق تۇزنى تەكشى سېپىمىز.

زىرە ۋە سوقۇلغان قىزىلمۇچ قوشۇپ، قولىمىزدا گۆشنىڭ يۈزىگە تەكشى يېيىلتىمىز.


بۇ ھالەتتە بىر سائەت قويۇپ تۇزلايمىز.
-Step 3-
بىر سائەت قويۇپ قويغاندىن كىيىن، گۆشنىڭ سىرتقى يۈزىگە بىر قەۋەت يىمەكلىك مېيى سۈرۈيمىز.

دوخوپكا تەخسىسىگە قويىمىز.

ئۈستىگە بىر قەۋەت قوغۇشۇن قەغىزى (锡箔纸) ياپىمىز.

ئالدىن قىزىتىپ تەييارلانغان دوخوپكىغا سېلىپ، ئاستى ئۈستى 200 گىرادوسلۇق ئوتتا 20 مىنۇت قاقلاپ پىشۇرۇمىز.

 قوغۇشۇن قەغىزى يېپىپ قويۇشتىكى سەۋەپ، سۇ تەركىبىنىڭ خوراپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈندۇر.

-Step 4-
20 مىنۇتتىن كىيىن، گۆشنى ئېلىپ ئۈستىدىكى قوغۇشۇن قەغىزىنى ئېلىۋىتىپ. داۋاملىق 200گىرادوسلۇق ئوتتا يەنە 10 مىنۇت پىشۇرىمىز.

سىرتقى يۈزى رەڭگى ئۆزگىرىپ، پۇراقلىرى تارقالغۇچە قويىمىز.
-Step 5-
    بۇ خىل ئۇسۇلدا تەييارلانغان قۇۋۇرغا كاۋاپ، سىرتى چۈچۈك ئىچى يۇمران ھەم شورپىلىق كىلىدۇ. قانداقراق؟ شۆلگىيىڭىز كاۋاپقا ئېقىپ كەتمىگەندۇ؟

پالەك پىنتوزا شورپىسىنىڭ ئۇزۇقلۇقى مول ھەم ساغلام

ياز تۈگەپ كۈز كۈنلىرىنىڭ يىتىپ كىلىشىگە ئەگىشىپ، ھاۋامۇ تەدرىجى سۇغۇپ بارماقتا؛ بۇنداق ئەھۋالدا، يازنىڭ كۈنلىرى ئىچىش خوشياقمىغان شور

باش كۈزدە ئىچىشكە ماس كىلىدىغان قۇۋۋەت شورپىلىرى

قازاننىڭ توخۇ-ئۆردەك شورپىسى قاينىتىش كونوپكىسىنى بېسىپ تۇۋاقنى يېپىپ قويساق، ۋاقىت توشقاندىن كىيىن ئازراق تۇز ۋە قارىمۇچ سېلىپ تەم تە

كالا گۆشى كومىلىچى شورپىسى قان ۋە كالتسىي تولۇقلايدۇ

كالا گۆشى كومىلىچى شورپىسى كۆپچىلىككە تۇنۇشلۇق، ئۇنىڭ ئۇزۇقلۇق قىمىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپلا قالماي، تەمىمۇ ياخشى، چوڭلار ھەم بالىل

قان ئاز ئاياللار ئىچىشكە ماس كىلىدىغان ئاددىغىنا شورپا

بۇ يەردە ئېيتىلغان "بەش قىزىل"، قىزىل پۇرچاق، قىزىل پوستلۇق خاسىڭ، چىلان، ئالقات ۋە قىزىل شىكەرنى كۆرسىتىدۇ. بۇ بەش خىل يىمەكلىك ماتىري

ھازىرقى ياز كۈنىدە ئىچىشكە ماس كىلىدىغان شورپىلار

ياز كۈنلىرىدە ئادەمنىڭ ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ تاماق يىگۈسى كەلمەيدۇ، ئادەتتە بىز ئىچىپ ئادەتلەنگەن شورپىلارنى تېخىمۇ كۆڭۈل تارتمايدۇ. بىرا

شوخلا تۇخۇم شورپىسىغىمۇ بەلگىلىك تاكتىكا كىتىدىكەن ئەمەسمۇ!!!

شوخلا تۇخۇم شورپىسى، ئىنتايىن كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىل ئاممىباپ تائام بولۇپ، شوخلا بىلەن تۇخۇمنى ماسلاشتۇرۇپ قاينىتىش ئارقىلىق تەييارل

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号