قۇۋۋەت تۇلۇقلايدىغان قارا توخۇ شورپىسى
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 94776:ئادەم ئۆگەندى
    بۈگۈن تۇنۇشتۇرماقچى بولغان قۇۋۋەت تۇلۇقلاش قارا توخۇ شورپىسى، ئادەمگە قۇۋۋەت ۋە ماغدۇر تۇلۇقلايدىغان بولۇپ، تېنى ئاجىز، جىگەر ۋە بۆرەك ئىقتىدارى ئاجىز، تۇغۇتلۇق ئايال ۋە ئوپراتسىيىدىن كىيىن ئەسلىگە كىلىۋاتقان كىشىلەر توپىنىڭ ئىستىمال قىلىشىغا ناھايىتى ماس كىلىدۇ.
كىتەرلىك ماتىريال:
     قارا توخۇ، زەنجىۋىل، چىلان
تېتىتقۇ خۇرۇچلىرى:
     تۇز، تېتىتقۇ ھارىقى، قان تىپەر (党参)، كەتىراچىنى(黄芪)، داڭگۈي، ئالقات
تەييارلاش ئۇسۇلى
 
-Step 1-
ئاۋال بىر قازان سۇ قاينىتىپ، زەنجىۋىل ۋە بىر قوشۇق تېتىتقۇ ھارىقى قوشىمىز.
توغراپ تەييارلىغان قارا توخۇ گۆشىنى قازانغا سېلىپ قاينىتىۋالىمىز.
بىر مىنۇت قايناتقاندىن كىيىن، موزىلىرىنى قايرىۋىتىپ قارا توخۇ گۆشىنى سۈزىۋىلىپ ئىشلىتىش ئۈچۈن قويۇپ قويىمىز.

-Step 2-
قۇم قازىنى تەييار قىلىپ، قاينىتىپ ئالغان قارا توخۇ گۆشىنى سالىمىز.
چىلان، قان تىپەر، كەتىراچىنى ۋە داڭگۈيلارنى سالىمىز.
ئاخىرىدا كۆپرەك سۇ قوشىمىز.
چوڭ ئوتتا قاينىتىۋالغاندىن كىيىن، ئوتتۇرا ھال ئوتقا ئالماشتۇرۇپ، تۇۋاقنى يېپىپ 2 سائەتتىن ئارتۇق قاينىتىمىز.
-Step 3-
قارا توخۇ گۆشى پىشقاندىن كىيىن، ئازراق ئالقات ۋە ئۈچ قۇشۇق تۇز قۇيىمىز.
كەينىدىن يەنە 10 مىنۇت ئەتراپىدا قايناتساقلا بولىدۇ.
-Step 4-
     شورپىنى قايناتقاندا، زەنجىۋىل بىلەن تېتىتقۇ ھارىقى بەك كۆپ بولۇپ كىتىشىدىن ساقلىنىڭ؛ تۇزنى بولسا ئاخىرىدا ئاندىن قوشۇشنى ئەستىن چىقارماڭ؛ بۇنىڭدا قاينىتىلغان شورپا تېخىمۇ تەملىك بولىدۇ.

پالەك پىنتوزا شورپىسىنىڭ ئۇزۇقلۇقى مول ھەم ساغلام

ياز تۈگەپ كۈز كۈنلىرىنىڭ يىتىپ كىلىشىگە ئەگىشىپ، ھاۋامۇ تەدرىجى سۇغۇپ بارماقتا؛ بۇنداق ئەھۋالدا، يازنىڭ كۈنلىرى ئىچىش خوشياقمىغان شور

باش كۈزدە ئىچىشكە ماس كىلىدىغان قۇۋۋەت شورپىلىرى

قازاننىڭ توخۇ-ئۆردەك شورپىسى قاينىتىش كونوپكىسىنى بېسىپ تۇۋاقنى يېپىپ قويساق، ۋاقىت توشقاندىن كىيىن ئازراق تۇز ۋە قارىمۇچ سېلىپ تەم تە

كالا گۆشى كومىلىچى شورپىسى قان ۋە كالتسىي تولۇقلايدۇ

كالا گۆشى كومىلىچى شورپىسى كۆپچىلىككە تۇنۇشلۇق، ئۇنىڭ ئۇزۇقلۇق قىمىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپلا قالماي، تەمىمۇ ياخشى، چوڭلار ھەم بالىل

قان ئاز ئاياللار ئىچىشكە ماس كىلىدىغان ئاددىغىنا شورپا

بۇ يەردە ئېيتىلغان "بەش قىزىل"، قىزىل پۇرچاق، قىزىل پوستلۇق خاسىڭ، چىلان، ئالقات ۋە قىزىل شىكەرنى كۆرسىتىدۇ. بۇ بەش خىل يىمەكلىك ماتىري

ھازىرقى ياز كۈنىدە ئىچىشكە ماس كىلىدىغان شورپىلار

ياز كۈنلىرىدە ئادەمنىڭ ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ تاماق يىگۈسى كەلمەيدۇ، ئادەتتە بىز ئىچىپ ئادەتلەنگەن شورپىلارنى تېخىمۇ كۆڭۈل تارتمايدۇ. بىرا

شوخلا تۇخۇم شورپىسىغىمۇ بەلگىلىك تاكتىكا كىتىدىكەن ئەمەسمۇ!!!

شوخلا تۇخۇم شورپىسى، ئىنتايىن كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىل ئاممىباپ تائام بولۇپ، شوخلا بىلەن تۇخۇمنى ماسلاشتۇرۇپ قاينىتىش ئارقىلىق تەييارل

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号