
ئۆيىدە دوخوپكا بار بولغان دوستلار بۈگۈن تۇنۇشتۇرماقچى بولغان بۇ خىل توخۇ كاۋىپىنى ھەرگىز ئۆتكۈزۈۋەتمەڭلار!
چۈچۈك ھەم تەملىك توخۇ كاۋىپى
ئاساسلىق ماتىريال:
پارچىلانمىغان بىر پۈتۈن توخۇ گۆشى، سوقۇلغان قىزىلمۇچ، سامساق
تېتىتقۇ ماتىريالى:
يىمەكلىك مېيى، شىڭچۇ جىياڭيۇسى، تېتىتقۇ ھارىقى، پەمىدۇر قىيامى، قارامۇچ

-Step 1-
ئالدى بىلەن تەم كىرگۈزۈش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان قىيام تەييارلىۋالىمىز؛ چىنىگە 15گىرام ئەتراپىدا سوقۇلغان قىزىلمۇچ ۋە سوقۇلغان سامساق سالىمىز.
كەينىدىن يەنە تۆت قوشۇق شېڭچۇ جىياڭيۇسى، ئىككى قوشۇق تېتىتقۇ ھارىقى ۋە بىر قوشۇق پەمىدۇر قىيامى قوشىمىز؛ ھەمدە تەكشى ئارلاشتۇرۇپ ئىشلىتىش ئۈچۈن تەييار قىلىپ قويىمىز.
-Step 2-
توخۇنى قولىمىزدا بېسىپ تۈز ھالەتكە ئەكىلىمىز.

تەم كىرىشكە ئاسان بولسۇن ئۈچۈن، ئارىدا ياكى باشقا ئۇچلۇق نەرسىدە توخ گۆشىنىڭ سىرتقى يۈزلىرىگە تۆشۈك تىشىپ قويىمىز.

توخۇنى يىڭى ساقلاش پىلاستىر خالتىنىڭ ئىچىگە سېلىپ، كەيندىن ئالدىدا تەييارلانغان قىيامنىمۇ پىلاستىر خالتىنىڭ ئىچىگە تۆكۈپ، توخۇ گۆشىنىڭ ھەممە يەرلىرىگە سۇۋايمىز؛ ئاخىرىدا پىلاستىر خالتىنىڭ ئىچىدىكى ھاۋانى چىقىرۋىتىپ، خالتىنىڭ ئېغىزىنى چىڭ چىگىپ توڭلاتقۇغا سېلىپ 4 سائەتتىن ئارتۇق ساقلايمىز.
-Step 3-
ۋاقىت توشقاندىن كىيىن، توخۇ گۆشىنى توڭلاتقۇدىن ئېلىپ، يۈزىگە تەكشى بىر قەۋەت ماي سۇۋىغاندىن كىيىن، دوخوپكىغا سالىمىز؛ دوخوپكىغا سالغاندىن كىيىن، تۇنجى قېتىم دوخۇپكا قىزىقلىقىنى 160گىرادوسقا تەڭشەپ 25 مىنوت قاقلاپ پىشۇرىمىز؛ ئەگەر تەييار قىلغان توخۇ نىسبەتەن چوڭراق بولۇپ قالسا، بۇ ۋاقىتنى يەنە 10 مىنۇت ئۇزارتىشقا توغرا كىلىدۇ.
-Step 4-
25 مىنۇت توشقاندىن كىيىن، دوخوپكا قىزىقلىقىنى 180 گىرادوسقا ئېچىقىپ يەنە 10 مىنۇت قويىمىز.

ۋاقىت توشقاندىن كىيىن دوخوپكىدىن ئېلىپ، ئۈستىگە ئازراق قارىمۇچ چېچىۋەتسەك، بۈگۈنكى بۇ توخۇ كاۋىپى تەييار بولغان بولىدۇ.
بۇ خىل توخۇ كاۋىپىنى تەييارلاش ناھايىتى ئاددى بولۇپ، قىيامغا چىلاپ توڭلاتقۇدا ساقلىغان ۋاقتىمىز قانچە ئۇزۇن بولسا، شۇنچە تەم كىرىدۇ؛ يىگەن ۋاقىتتا، كۆكتاپ ۋە مىۋىلەر بىلەن ماسلاشتۇرۇپ يىسەك تېخىمۇ ياخشى.


تەييارلاش ئۇسۇلى:دوفونى قەنىت شەكلىدە چاسا توغرايمىز،شوخلىغا بەش يىرىدىن يىنىك پىچاق ئۇرۇپ بىر قاچىغا سېلىپ ئۇستىگە قايناق سۇ قۇيۇپ ش
ياز تۈگەپ كۈز كۈنلىرىنىڭ يىتىپ كىلىشىگە ئەگىشىپ، ھاۋامۇ تەدرىجى سۇغۇپ بارماقتا؛ بۇنداق ئەھۋالدا، يازنىڭ كۈنلىرى ئىچىش خوشياقمىغان شور
قازاننىڭ توخۇ-ئۆردەك شورپىسى قاينىتىش كونوپكىسىنى بېسىپ تۇۋاقنى يېپىپ قويساق، ۋاقىت توشقاندىن كىيىن ئازراق تۇز ۋە قارىمۇچ سېلىپ تەم تە
كالا گۆشى كومىلىچى شورپىسى كۆپچىلىككە تۇنۇشلۇق، ئۇنىڭ ئۇزۇقلۇق قىمىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپلا قالماي، تەمىمۇ ياخشى، چوڭلار ھەم بالىل
بۇ يەردە ئېيتىلغان "بەش قىزىل"، قىزىل پۇرچاق، قىزىل پوستلۇق خاسىڭ، چىلان، ئالقات ۋە قىزىل شىكەرنى كۆرسىتىدۇ. بۇ بەش خىل يىمەكلىك ماتىري
ياز كۈنلىرىدە ئادەمنىڭ ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ تاماق يىگۈسى كەلمەيدۇ، ئادەتتە بىز ئىچىپ ئادەتلەنگەن شورپىلارنى تېخىمۇ كۆڭۈل تارتمايدۇ. بىرا
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1
新公网安备 65010202000516号