قۇم قازان شورپىسى تەييارلاش 砂锅
7 يىل ئىلگىرى ئاشپەز 102186:ئادەم ئۆگەندى
  خام ماتېريالى: :ۋەنزە، موگۇ، پىنتوزا، مايلىق يىسۋېلىك ، دوفۇ، خەيدەي، دوفۇپى، غولپىياز،قىزىلمۇچ چانالمىسى
تەم خۇرۇچلىرى : شورپا، تۇز، قىزىلمۇچ چانالمىسى،  ۋېجىڭ ، جىجىڭ ، خاجو، ئاقمۇچ، شاڭيۇ . 
قۇشۇمچە: قارا قېرىن قۇلاق ، يېسۋېلىك، يىڭنىسىمان گۇمبىمەدەك
تەييارلاش ئۇسۇلى:كالا گوشىنى توغراپ غولپىياز،زەنجىۋىل توغراپ ئاندىن يۇمشاق چاناپ خېمىر ھالەتكە كەلتۇرۇپ ،تۇز ، ئاقمۇچ،كاۋاۋىچىن ،كىراخمال ،تۇخۇم چېقىپ ئارلاشتۇرۇپ تەملەندۇرۇپ  خېمىر ھالەتكە ئەكىلىپ تەييارلىۋالىمىز.ماش ئوگرىسىنى قايناق سۇغا چىلاپ قۇيىمىز.قارا قېرىن قۇلاق(مور) ،پالەك ،(مايلىق يىسۋېلىك)لەرنى چوڭراق پارچىلاپ  تەييارلىۋالىمىز. دوفۇ، خەيدەي، دوفۇپى  لارنىمۇ رەسىمدە كورسىتىلەەندەك توغراپ تەييارلىۋالساق بۇلىدۇ. تەييار بولغان گوشنى ئۇرۇك چوڭلىقىدا كومىلاچ قىلىپ تەييارلىۋالىمىز. قازانغا ياغ قۇيۇپ نۇرمال قىزىغاندا تەييار بولغان كومىلاچلارنى سېلىپ بوش ئوتتا  قىزارتىپ مايدىن ئوتكۇزۇپ  پىشۇرۋالىمىز.
پىشۇرۇش ئۇسۇلى: قازانغا سۇ قۇيۇپ قوينىڭ سوڭەكلىرىنى پارچىلاپ قاينىىتىپ شورپا  تەييارلىۋالىمىز.قاينىغاندا ۋەنزە، موگۇ، پىنتوزا، مايلىق يىسۋېلىك ، دوفۇ، خەيدەي، دوفۇپى، غولپىياز،قىزىلمۇچ چانالمىسى سېلىپ
ئارلاشتۇرۇپ، تۇز ،ئاقمۇچ، كاۋاۋىچىن سېلىپ  تەمىنى تېتىپ ئازراق كۈنجۇت يېغى تېمىتىپ قاچىغا ئېلىپ ئىستىمال قىلساق بۇلىدۇ.
ئەسكەرتىش: ئاشخانىلاردا  تەييارلانغان ماتىرياللارنى قۇم قازانغا سېلىپ  قۇم قازاندا پىشۇرۇلۇپ مېھمانلارنىڭ ئالدىغان  قاينىتىلۋاتقان ھالەتتە ئېلىپ چىقىلىدۇ .ئائىلىلەردە يۇقارقى كورسىتىلەن ئۇسۇلدا ماتىرياللارنى قازانغا سېلىپ  پۇشۇرۇپ قاچىغا ئېلىپ ئىستىمال قىلساقمۇ بۇلىدۇ.ھەم ئوزىڭىز ياقتۇرغان كۆكتاتلار بىلەن تەييارلىسىڭىزمۇ تامامەن بۇلىدۇ.
  ئالاھىدىلىكى: موگۇنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى ناھايتى مول بۇلۇپ ،ئاقسىل مىقدارى يۇقىرى ،ئادەم تىنى ئېھتىياجلىق بولغان ۋىتامىن  ماددىلارنى تۇلۇقلايدۇ. ئوزگىچە تەمى بىلەن خەلقىمىزنىڭ ياقتۇرۇپ ئىستىمال قىلىشىغا ئىرىشىپ كەلگەن 。

پالەك پىنتوزا شورپىسىنىڭ ئۇزۇقلۇقى مول ھەم ساغلام

ياز تۈگەپ كۈز كۈنلىرىنىڭ يىتىپ كىلىشىگە ئەگىشىپ، ھاۋامۇ تەدرىجى سۇغۇپ بارماقتا؛ بۇنداق ئەھۋالدا، يازنىڭ كۈنلىرى ئىچىش خوشياقمىغان شور

باش كۈزدە ئىچىشكە ماس كىلىدىغان قۇۋۋەت شورپىلىرى

قازاننىڭ توخۇ-ئۆردەك شورپىسى قاينىتىش كونوپكىسىنى بېسىپ تۇۋاقنى يېپىپ قويساق، ۋاقىت توشقاندىن كىيىن ئازراق تۇز ۋە قارىمۇچ سېلىپ تەم تە

كالا گۆشى كومىلىچى شورپىسى قان ۋە كالتسىي تولۇقلايدۇ

كالا گۆشى كومىلىچى شورپىسى كۆپچىلىككە تۇنۇشلۇق، ئۇنىڭ ئۇزۇقلۇق قىمىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپلا قالماي، تەمىمۇ ياخشى، چوڭلار ھەم بالىل

قان ئاز ئاياللار ئىچىشكە ماس كىلىدىغان ئاددىغىنا شورپا

بۇ يەردە ئېيتىلغان "بەش قىزىل"، قىزىل پۇرچاق، قىزىل پوستلۇق خاسىڭ، چىلان، ئالقات ۋە قىزىل شىكەرنى كۆرسىتىدۇ. بۇ بەش خىل يىمەكلىك ماتىري

ھازىرقى ياز كۈنىدە ئىچىشكە ماس كىلىدىغان شورپىلار

ياز كۈنلىرىدە ئادەمنىڭ ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ تاماق يىگۈسى كەلمەيدۇ، ئادەتتە بىز ئىچىپ ئادەتلەنگەن شورپىلارنى تېخىمۇ كۆڭۈل تارتمايدۇ. بىرا

شوخلا تۇخۇم شورپىسىغىمۇ بەلگىلىك تاكتىكا كىتىدىكەن ئەمەسمۇ!!!

شوخلا تۇخۇم شورپىسى، ئىنتايىن كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىل ئاممىباپ تائام بولۇپ، شوخلا بىلەن تۇخۇمنى ماسلاشتۇرۇپ قاينىتىش ئارقىلىق تەييارل

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号