چۇچۇمەل ئاچچىق بېلىق شورپىسى
5 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 288101:ئادەم ئۆگەندى
   ئاساسلىق ماتىريالى: ئوتخور بېلىق بىر دانە، تۇخۇم
   تەم خۇرۇچلىرى: سۇيېغى، تۇز، قارىمۇچ، زەنجىۋىل، كاۋاۋىچىن، قاقمۇچ، سامساق، غولپىياز، ئاق قارا كۇنجۇت، قىزىلمۇچ قىيامى، توخۇ تەم جەۋھىرى، ئاق شېكەر، كىراخمال،
 تەييارلاش ئۇسۇلى
   1. بېلېقنى پاكىز يۇيۇپ، قىلتىرىقىنى شىلىپ ئېلىۋەتكەندىن كېيىن، يالپاقلاپ توغرىۋالىمىز؛ باشقا ماتىرياللارنىمۇ رەسىمدە كورسىتىلگەن ئۇسۇل بۇيىچە توغرىۋالىمىز.
   2. توغراپ تەييارلىغان بېلىقنى گۆشىنى قاچىغا سېلىپ، ئازراق تۇز قوشقاندىن كېيىن سۇ قۇيۇپ، بېلىقنىڭ قېنىنى چىقىرىمىز.
   3. بېلىق گۆشىنى سۈزۈپ ئالغاندىن كېيىن، قاچىنىڭ سۈيىنى تۆكۈۋىتىپ، بېلىق گۆشىنى قايتىدىن قاچىغا سېلىپ، ئۈستىگە تۇخۇمدىن بىرنى چاقىمىز ۋە تۇز، تېتىتقۇ، توخۇ تەم جەۋھىرى، كاۋاۋىچىن تالقىنى، ھۆل كىراخمال قاتارلىقلارنى قوشۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرىمىز.
   4. قازاننى قايتىدىن ئېسىپ ماي قۇيۇپ قىزىتىمىز؛ تەرتىپ بويىچە غولپىياز، قاقمۇچ، قىزىلمۇچ قىيامى قاتارلىقلارنى سېلىپ قورۇپ تەم چىقارغاندىن كېيىن، مۇۋاپىق مىقداردا سۇ قۇيىمىز.
   5. بېلىق گۆشىنى  قازانغا سېلىپ، قازان قاينىغاندىن كېيىن تۇز، تېتىتقۇ، توخۇم تەم جەۋھىرى، كاۋاۋىچىن تالقىنى قاتارلىقلارنى قوشۇپ ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن، سۈيى بىلەن قوشۇپ چىنىگە ئۇسسۇپ ئالىمىز.
   6. ئاخىرىدا ئۈستىگە كاۋاۋىچىن، سامساق، قاقمۇچ قاتارلىقلارنى قوشقاندىن كېيىن، ئازراق ماينى قىزىتىپ ئۈستىگە قۇيۇۋەتسەكلا، بۈگۈنكى چۈچۈمەل ئاچچىق تەملىك بېلىق شورپىسى تەييار بولغان بولىدۇ.
   ئالاھىدىلىكى: تەمى ئوزگىچە بۇلۇپ ئاچچىق چۇچۇك ،يىيىشلىك شەكلى كوركەم ،ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى .

پالەك پىنتوزا شورپىسىنىڭ ئۇزۇقلۇقى مول ھەم ساغلام

ياز تۈگەپ كۈز كۈنلىرىنىڭ يىتىپ كىلىشىگە ئەگىشىپ، ھاۋامۇ تەدرىجى سۇغۇپ بارماقتا؛ بۇنداق ئەھۋالدا، يازنىڭ كۈنلىرى ئىچىش خوشياقمىغان شور

باش كۈزدە ئىچىشكە ماس كىلىدىغان قۇۋۋەت شورپىلىرى

قازاننىڭ توخۇ-ئۆردەك شورپىسى قاينىتىش كونوپكىسىنى بېسىپ تۇۋاقنى يېپىپ قويساق، ۋاقىت توشقاندىن كىيىن ئازراق تۇز ۋە قارىمۇچ سېلىپ تەم تە

كالا گۆشى كومىلىچى شورپىسى قان ۋە كالتسىي تولۇقلايدۇ

كالا گۆشى كومىلىچى شورپىسى كۆپچىلىككە تۇنۇشلۇق، ئۇنىڭ ئۇزۇقلۇق قىمىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپلا قالماي، تەمىمۇ ياخشى، چوڭلار ھەم بالىل

قان ئاز ئاياللار ئىچىشكە ماس كىلىدىغان ئاددىغىنا شورپا

بۇ يەردە ئېيتىلغان "بەش قىزىل"، قىزىل پۇرچاق، قىزىل پوستلۇق خاسىڭ، چىلان، ئالقات ۋە قىزىل شىكەرنى كۆرسىتىدۇ. بۇ بەش خىل يىمەكلىك ماتىري

ھازىرقى ياز كۈنىدە ئىچىشكە ماس كىلىدىغان شورپىلار

ياز كۈنلىرىدە ئادەمنىڭ ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ تاماق يىگۈسى كەلمەيدۇ، ئادەتتە بىز ئىچىپ ئادەتلەنگەن شورپىلارنى تېخىمۇ كۆڭۈل تارتمايدۇ. بىرا

شوخلا تۇخۇم شورپىسىغىمۇ بەلگىلىك تاكتىكا كىتىدىكەن ئەمەسمۇ!!!

شوخلا تۇخۇم شورپىسى، ئىنتايىن كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىل ئاممىباپ تائام بولۇپ، شوخلا بىلەن تۇخۇمنى ماسلاشتۇرۇپ قاينىتىش ئارقىلىق تەييارل

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号