سۈتتەك ئاق ھەم قۇۋۋەتلىك بولغان بېلىق شورپىسى تەييارلاش
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 92303:ئادەم ئۆگەندى
   كىچىك ۋاقتىمدا، چوڭلار ھەمىشە "كىچىك بالا دېگەن بېلىق شورپىسىنى كۆپرەك ئىچىپ بەرسە ياخشى، شۇنىڭدا تېخىمۇ ئەقىللىق بولىدۇ" دىيىشەتتى. ئۇ ۋاقىتتا مەن بۇنى تازا بەك چۈشىنپ كەتمەيتتىم، لېكىن ئانام ھەر قېتىم بېلىق شورپىسى قىلغان ۋاقىتتا، مەن تۈگىتىپ ئىچىپ بولاتتىم.
   ئەمەلىيەتتە، "بېلىق شورپىسى ئادەمنى ئەقىللىق قىلىدۇ" دېگەن قاراشنىڭمۇ ئاساسى يوق ئەمەس؛ تاپان بېلىقنىڭ جىگەرنى قۇۋۋەتلەپ كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش ۋە مېڭىنى ساغلاملاشتۇرۇپ ئەقلىي ئىقتىدارنى ئاشۇرۇش رولى بار، موگونىڭ بولسا كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈنۈمى بار. شۇڭا، ئەگەر تاپان بېلىق بىلەن موگو ماسلاشتۇرۇلۇپ شورپا تەييارلانسا، ئۇزۇقلۇق قىممىتى ھەسسىلەپ ئاشىدۇ.
   بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، تاپان بېلىق قۇۋۋەت شورپىسى تەييارلاش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
   كىتەرلىك ماتېرىيال: تاپان بېلىق(鲫鱼)، يۇمران دۇفۇ، ئاق موگو
   خۇرۇچ ماتېرىياللىرى: تۇخۇم، تېتىتقۇ ھارىقى، تۇز، غولپىياز، زەنجىۋىل
 
تەييارلاش ئۇسۇلى
 
-1-
    بېلىقنىڭ پاكىزلىغاندىن كېيىن، ئىككى تەرىپىنى پىچاق بىلەن تىلىپ، ئىككى قوشۇق تېتىتقۇ ھارىقى، مۇۋاپىق مىقداردىكى زەنجىۋىل قەلەمچىسى، بىر قوشۇق تۇز قاتارلىقلارنى ئىككى يۈزىگە تەكشى سۈرۈپ، 10مىنۇت قويۇپ قويىمىز.
-2-
   قازانغا ماي قۇيۇپ قىزىتىپ، توغرالغان زەنجىۋىلدىن ئازراق سېلىپ تەم چىقارغاندىن كېيىن، بېلىقنى قازانغا سېلىپ، كىچىك ئوتتا سارغايغىچىلىك داغلايمىز؛ بىر يۈزى سارغىيىپ بولغاندا يەنە بىر يۈزىنى ئۆرۈپ داغلايمىز.
   ھەر ئىككى يۈزى سارغايغاندىن كېيىن، بېلىق چۆكۈشكىچىلىك سۇ قۇيۇپ، ئالدىنئالا قاتۇرۇپ تەييار قىلغان تۇخۇم ۋە توغرالغان غولپىيازنى سېلىپ، تۇۋاقنى يېپىپ چوڭ ئوتتا 10مىنۇت قاينىتىمىز.
-3-
   توغرالغان ئاق موگو بىلەن يۇمران دوفۇنى سېلىپ، تۇۋاقنى يېپىپ ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئوتتا 15مىنۇت قاينىتىپ پىشۇرىمىز.
   ئاخىرىدا تۇز تەمىنى تەڭشەپ، توغرالغان غولپىياز مايسىسىدىن ئازراق سېپىۋەتسەك، بۈگۈنكى بېلىق قۇۋۋەت شورپىسى تەييار بولغان بولىدۇ.
   تاپان بېلىق شورپىسىدا ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل بار بولۇپ، ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق بولغان ئۇزۇقلۇقلارنى تىز سۈرئەتتە تولۇقلاپلا قالماي، تىرىنى ياخشىلاش ۋە ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈش جەھەتتىمۇ ناھايىتى ياخشى ئۈنۈم كۆرسىتىدۇ.

پالەك پىنتوزا شورپىسىنىڭ ئۇزۇقلۇقى مول ھەم ساغلام

ياز تۈگەپ كۈز كۈنلىرىنىڭ يىتىپ كىلىشىگە ئەگىشىپ، ھاۋامۇ تەدرىجى سۇغۇپ بارماقتا؛ بۇنداق ئەھۋالدا، يازنىڭ كۈنلىرى ئىچىش خوشياقمىغان شور

باش كۈزدە ئىچىشكە ماس كىلىدىغان قۇۋۋەت شورپىلىرى

قازاننىڭ توخۇ-ئۆردەك شورپىسى قاينىتىش كونوپكىسىنى بېسىپ تۇۋاقنى يېپىپ قويساق، ۋاقىت توشقاندىن كىيىن ئازراق تۇز ۋە قارىمۇچ سېلىپ تەم تە

كالا گۆشى كومىلىچى شورپىسى قان ۋە كالتسىي تولۇقلايدۇ

كالا گۆشى كومىلىچى شورپىسى كۆپچىلىككە تۇنۇشلۇق، ئۇنىڭ ئۇزۇقلۇق قىمىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپلا قالماي، تەمىمۇ ياخشى، چوڭلار ھەم بالىل

قان ئاز ئاياللار ئىچىشكە ماس كىلىدىغان ئاددىغىنا شورپا

بۇ يەردە ئېيتىلغان "بەش قىزىل"، قىزىل پۇرچاق، قىزىل پوستلۇق خاسىڭ، چىلان، ئالقات ۋە قىزىل شىكەرنى كۆرسىتىدۇ. بۇ بەش خىل يىمەكلىك ماتىري

ھازىرقى ياز كۈنىدە ئىچىشكە ماس كىلىدىغان شورپىلار

ياز كۈنلىرىدە ئادەمنىڭ ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ تاماق يىگۈسى كەلمەيدۇ، ئادەتتە بىز ئىچىپ ئادەتلەنگەن شورپىلارنى تېخىمۇ كۆڭۈل تارتمايدۇ. بىرا

شوخلا تۇخۇم شورپىسىغىمۇ بەلگىلىك تاكتىكا كىتىدىكەن ئەمەسمۇ!!!

شوخلا تۇخۇم شورپىسى، ئىنتايىن كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىل ئاممىباپ تائام بولۇپ، شوخلا بىلەن تۇخۇمنى ماسلاشتۇرۇپ قاينىتىش ئارقىلىق تەييارل

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号