زىرە تەملىك قازان كاۋىپى، ئۇنتۇلغۇسىز لەززەت
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 75103:ئادەم ئۆگەندى
   زىرە تەملىك قۇۋۇرغا كاۋاپ، دوخوپكا كەتمەيدۇ، ئوت قالاپ چوغ چۈشۈرۈشمۇ كەتمەيدۇ؛ پەقەت ئاستى تۈز قازان بار بولسىلا، ئۆيىڭىزدىمۇ تەملىك قۇۋۇرغا كاۋاپ تەييارلاپ يىيەلەيسىز.
   كېتەرلىك ماتېرىيال: قوي قوۋۇرغا گۆشى بىر كىلوگىرام
   خۇرۇچ ماتېرىيالى: ئاق تۇرۇپ، قوۋزاق دارچىن، شاكال بەدىيان، زىرە تالقىنى، مۇچ تالقىنى، خۇڭشاۋ جىياڭيۇ، تېتىتقۇ ھارىقى، تۇز، زەنجىۋىل
 
تەييارلاش ئۇسۇلى
 
-1-
   ئالدى بىلەن، قازانغا سۇ قۇيۇپ، گۆشنى سۇغۇق سۇغا سالغاندىن كېيىن ئوتنى ئاچىمىز؛ قازانغا يېرىم تال تۇرۇپ، ئىككى قوشۇق تېتىتقۇ ھارىقى، توغرالغان زەنجىۋىل قاتارلىقلارنى سېلىپ قازاننى قاينىتىمىز؛ قازان بىر قايناپ چىققاندىن كېيىن، گۆشنى سۈزۈپ ئېلىپ، گۆشنىڭ يۈز قىسمىغا يېپىشىۋالغان موزىلارنى چايقىۋىتىمىز.
   قازاننى قايتىدىن ئېسىپ، ماي قۇيۇپ قىزىتىمىز؛ ماي قىزىغاندىن كىيىن، قاينىتىپ تەييارلىغان قۇۋۇرغا گۆشنى قازاندىكى مايغا سېلىپ، سىرتقى يۈز سارغايغىچىلىك كىچىك ئوتتا داغلايمىز.

-2-
   گۆش سارغايغاندىن كىيىن، قازانغا ئىككى قوشۇق خۇڭشاۋ جىياڭيۇ، بىر قوشۇق تۇز، قوۋزاق دارچىن، شاكال بەدىيان، كاۋاۋىچىن قاتارلىقلارنى قوشىمىز، يەنە مۇۋاپىق مىقداردا زىرە تالقىنى قوشىمىز؛ كەينىدىن گۆش پۈتۈنلەي چىلاشقىچىلىك سۇ قوشىمىز.
   چوڭ ئوتتا قازاننى قايناتقاندىن كىيىن، كىچىك ئوتقا ئالماشتۇرۇپ بىر يېرىم سائەت قاينىتىمىز. ئەگەر ئۆيىڭىزدە يۇقىرى بېسىملىق قازان بار بولسا، يۇقىرى بېسىملىق قازانغا سېلىپ قايناتسىڭىز، گۆش تېخىمۇ يۇمشاق پىشىدۇ.

-3-
   ۋاقىت توشقاندىن كىيىن ئۇسۇپ ئالسىڭىز بولىدۇ.
   ئەگەر تەملىك بولسۇن دېسىڭىز، ئاستى تۈز قازان ئىشلىتىپ، گۆشنى داغلىغان ۋاقىتتا، بىرتال بىرتالدىن قوشۇپ ئالدىرىماي داغلىشىڭىز كېرەك. ئاخىرىدا، گۆشنى ئۇسۇپ ئالغاندىن كىيىن، ئۈستىگە بىر قەۋەت زىرە تالقىنى ۋە مۇچ تالقىنى سېپىۋەتسىڭىز ھەمدە ئازراق ئاق كۈنجۈت سېپىپ زىننەتلىسىڭىز، بۈگۈنكى زىرە تەملىك قۇۋۇرغا قازان كاۋىپى تەييار بولغان بولىدۇ.

پالەك پىنتوزا شورپىسىنىڭ ئۇزۇقلۇقى مول ھەم ساغلام

ياز تۈگەپ كۈز كۈنلىرىنىڭ يىتىپ كىلىشىگە ئەگىشىپ، ھاۋامۇ تەدرىجى سۇغۇپ بارماقتا؛ بۇنداق ئەھۋالدا، يازنىڭ كۈنلىرى ئىچىش خوشياقمىغان شور

باش كۈزدە ئىچىشكە ماس كىلىدىغان قۇۋۋەت شورپىلىرى

قازاننىڭ توخۇ-ئۆردەك شورپىسى قاينىتىش كونوپكىسىنى بېسىپ تۇۋاقنى يېپىپ قويساق، ۋاقىت توشقاندىن كىيىن ئازراق تۇز ۋە قارىمۇچ سېلىپ تەم تە

كالا گۆشى كومىلىچى شورپىسى قان ۋە كالتسىي تولۇقلايدۇ

كالا گۆشى كومىلىچى شورپىسى كۆپچىلىككە تۇنۇشلۇق، ئۇنىڭ ئۇزۇقلۇق قىمىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپلا قالماي، تەمىمۇ ياخشى، چوڭلار ھەم بالىل

قان ئاز ئاياللار ئىچىشكە ماس كىلىدىغان ئاددىغىنا شورپا

بۇ يەردە ئېيتىلغان "بەش قىزىل"، قىزىل پۇرچاق، قىزىل پوستلۇق خاسىڭ، چىلان، ئالقات ۋە قىزىل شىكەرنى كۆرسىتىدۇ. بۇ بەش خىل يىمەكلىك ماتىري

ھازىرقى ياز كۈنىدە ئىچىشكە ماس كىلىدىغان شورپىلار

ياز كۈنلىرىدە ئادەمنىڭ ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ تاماق يىگۈسى كەلمەيدۇ، ئادەتتە بىز ئىچىپ ئادەتلەنگەن شورپىلارنى تېخىمۇ كۆڭۈل تارتمايدۇ. بىرا

شوخلا تۇخۇم شورپىسىغىمۇ بەلگىلىك تاكتىكا كىتىدىكەن ئەمەسمۇ!!!

شوخلا تۇخۇم شورپىسى، ئىنتايىن كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىل ئاممىباپ تائام بولۇپ، شوخلا بىلەن تۇخۇمنى ماسلاشتۇرۇپ قاينىتىش ئارقىلىق تەييارل

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号