توخۇ شورپىسى قاينىتىشتىكى ئەڭ ياخشى ھەمرا
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 60153:ئادەم ئۆگەندى
   قىش ۋە ئەتىياز پەسىللىرىدە ئادەمنىڭ بەدىنى ئاسانلا قۇرغاقلىشىپ قالىدۇ. كونا جۇڭگۇ تىبابىتى دوختۇرلىرىنىڭ قارىشىچە، بۇ ۋاقىتتا ئۆپكىگە نەملىك يەتكۈزۈپ بىرىدىغان يىمەكلىكلەرنى يىيىش ئارقىلىق بەدەنگە تەڭشەش ئېلىپ بىرىش كىرەك ئىكەن؛ مەسىلەن، قىشلىق بامبۇك نوتىسى.
    قىشلىق بامبۇك نوتىسىنىڭ ئاقسىل تەركىبى يۇقىرى، كىراخمال تەركىبى تۆۋەن بولۇپ، تەركىبىدە ئون نەچچە خىل ئامىنو كىسلاتالىرى ۋە باشقا ئۇزۇقلۇق ماددىلار بار. قىشلىق بامبۇك نوتىسى ئىستىمال قىلغاندا، ئۈچەي يوللىرىنىڭ قىمىرلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەزىم قىلىشقا ۋە قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق بولىدۇ.
    ئەمىلىيەتتە، قىشلىق بامبۇك نوتىسىنى توخۇ گۆشى بىلەن بىرلىكتە شورپا قاينىتىپ ئىچسەك، تەمى ئۆزگىچە بولۇپلا قالماي، توخۇ گۆشى ۋە قىشلىق بامبۇك نوتىسى تەركىبىدىكى ئۇزۇقلۇق ماددىلارنىڭ ساقلىنىپ قېلىشى ئەڭ ياخشى بولىدۇ ھەمدە بەدەنگە سۈمۈرۈلۈش دەرىجىسىمۇ ئەڭ يۇقىرى بولىدۇ.
كىتەرلىك ماتىريال
    يەرلىك توخۇ گۆشى، قىشلىق بامبۇك نوتىسى، قىشلىق موگۇ، چىلان، زەنجىۋىل، تۇز
 
تەييارلاش ئۇسۇلى
 
Step 1
    توخۇ گۆشىنى كىچىك پارچە قىلىپ توغرايمىز، قىشلىق بامبۇك نوتىسىنى ياپىلاق پارچە ھالىتىدە توغرايمىز.
Step 2
    توخۇ گۆشىنى سۇغۇق سۇغا سېلىپ، ئۈستىگە زەنجىۋىل پارچىسى قوشۇپ قاينىتىۋالغاندىن كىيىن، سۈزۈپ ئالىمىز.
    قىشلىق بامبۇك نوتىسىنى قىزىق سۇغا سېلىپ، بىر قوشۇق تۇز قوشۇپ، 8-7مىنۇت قاينىتىمىز؛ بۇنىڭدا، ئۇنىڭ چۈچۈمەل تەمى ۋە ئوت-چۆپ ئاچچىقى يوقايدۇ.
Step 3
    سۈزۈپ ئالغان توخۇ گۆشىنى يۇيۇپ ئۈستىگە چاپلىشىۋالغان موزىلىرىنى پاكىزە چىقىرۋەتكەندىن كىيىن، شورپا قازىنىغا سېلىپ، ئۈستىگە ئۈچ تال چىلان، تۆت تال يۇيۇپ پاكىزلانغان قىشلىق موگو سالىمىز؛ ئاخىرىدا قىشلىق بامبۇك نوتىسىنى سېلىپ، شورپىغا كىتەرلىك سۇ قۇيىمىز.
     چوڭ ئوتتا قايناتقاندىن كىيىن، يۈزىگە لەيلەپ چىققان موزىلىرىنى سۈزىۋىتىپ، تۇۋاقنى يېپىپ بىرسائەت قاينىتىمىز.
Step 4
     ئۇسۇپ ئېلىشتىن بۇرۇن ئازراق تۇز سېلىپ تەمنى تەڭشىۋالساقلا، ئىسسىق توخۇ شورپىسى ئىچەلەيمىز.
Step 5
     قىشلىق بامببۇك نوتىسى قوشۇپ قاينىتىلغان توخۇ شورپىسى ئۇنداق مايلىق بولۇپ كەتمەيدۇ، خاتىرجەم ئىچەلەيسىز.

پالەك پىنتوزا شورپىسىنىڭ ئۇزۇقلۇقى مول ھەم ساغلام

ياز تۈگەپ كۈز كۈنلىرىنىڭ يىتىپ كىلىشىگە ئەگىشىپ، ھاۋامۇ تەدرىجى سۇغۇپ بارماقتا؛ بۇنداق ئەھۋالدا، يازنىڭ كۈنلىرى ئىچىش خوشياقمىغان شور

باش كۈزدە ئىچىشكە ماس كىلىدىغان قۇۋۋەت شورپىلىرى

قازاننىڭ توخۇ-ئۆردەك شورپىسى قاينىتىش كونوپكىسىنى بېسىپ تۇۋاقنى يېپىپ قويساق، ۋاقىت توشقاندىن كىيىن ئازراق تۇز ۋە قارىمۇچ سېلىپ تەم تە

كالا گۆشى كومىلىچى شورپىسى قان ۋە كالتسىي تولۇقلايدۇ

كالا گۆشى كومىلىچى شورپىسى كۆپچىلىككە تۇنۇشلۇق، ئۇنىڭ ئۇزۇقلۇق قىمىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپلا قالماي، تەمىمۇ ياخشى، چوڭلار ھەم بالىل

قان ئاز ئاياللار ئىچىشكە ماس كىلىدىغان ئاددىغىنا شورپا

بۇ يەردە ئېيتىلغان "بەش قىزىل"، قىزىل پۇرچاق، قىزىل پوستلۇق خاسىڭ، چىلان، ئالقات ۋە قىزىل شىكەرنى كۆرسىتىدۇ. بۇ بەش خىل يىمەكلىك ماتىري

ھازىرقى ياز كۈنىدە ئىچىشكە ماس كىلىدىغان شورپىلار

ياز كۈنلىرىدە ئادەمنىڭ ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ تاماق يىگۈسى كەلمەيدۇ، ئادەتتە بىز ئىچىپ ئادەتلەنگەن شورپىلارنى تېخىمۇ كۆڭۈل تارتمايدۇ. بىرا

شوخلا تۇخۇم شورپىسىغىمۇ بەلگىلىك تاكتىكا كىتىدىكەن ئەمەسمۇ!!!

شوخلا تۇخۇم شورپىسى، ئىنتايىن كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىل ئاممىباپ تائام بولۇپ، شوخلا بىلەن تۇخۇمنى ماسلاشتۇرۇپ قاينىتىش ئارقىلىق تەييارل

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号