دوخوپكىدا زىخ كاۋاپ پىشۇرغاننى كۆرگەنمۇ؟
5 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 312795:ئادەم ئۆگەندى
    يېقىندا، دوخوپكىدا زىخ كاۋىپى پىشۇرۇپ سىناپ باققان ئىدىم، تەمى يامان ئەمەس چىقىپ قالدى. بۇ، زىخ كاۋاپ تەييارلاشتىكى ساغلام ھەم ئاددى بىر ئۇسۇل بولۇپ، دوستلىرىڭىز بىلەن يېغىلىش ئۆتكۈزگەن ۋاقىتتا تەييارلاپ سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ.
كىتەرلىك ماتىريال 
    قوي پاچاق گۆشى، پىياز
كىتەرلىك خۇرۇچ ماتىريالى
    تۇز، سوقۇلغان زىرە، قارىمۇچ، يىمەكلىك مېيى
كىتەرلىك قورال-سايمان
    قەلەي قەغەز، بامبۇك زىخ، دوخوپكا
 
تەييارلاش ئۇسۇلى
 
Step 1
    قوي پاچاق گۆشنى، تەرەپ ئۇزۇنلىقى 1.5سانتىمىتىر قىلىپ تۆت بۇرجەك ھالەتتە توغرايمىز.
    پىيازنى قەلەمچە ھالىتىدە توغرايمىز.
 
Step 2
    توغرالغان قوي گۆشىنى بىر قاچىغا سېلىپ، ئۈستىگە توغرىغان پىيازنى قوشىمىز.
    ئىككى قوشۇق تۇز قوشقاندىن كىيىن، ئۈستىگە ئازراق سۇ قۇيىمىز.
    قولىمىزدا تەكشى مۇجۇپ بەرگەندىن كىيىن، يېرىم سائەت ئەتراپىدا قويۇپ قويىمىز.
 
Step 3
    بامبۇك زىخنى قايناقسۇدا بىر دىزىنفىكسىيەلەيمىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە، قايناقسۇغا چىلانغان بامبۇك زىخمۇ ئاسان كۆيۈپ كەتمەيدۇ.
    ئالدىدا قويۇپ قويغان گۆشنى زىخقا ئۆتكۈزىمىز.
 
Step 4
    دوخوپكا تەخسىسىنىڭ ئۈستىگە بىر قەۋەت قەلەي قەغىزى سېلىپ، ئۈستىگە گۆش ئۆتكۈزۈپ تەييارلىغان زىخچىلارنى تىزىمىز.
    ئالدىن قىزىتىپ تەييار قىلىنغان دوخوپكىغا سېلىپ، ئاستى ئۈستى 200گىرادوسلۇق ئوتتا 20 مىنۇت پىشۇرىمىز؛
    20مىنۇتتىن كىيىن زىخ كاۋاپلارنى دوخوپكىدىن ئېلىۋالىمىز 
    ئۈستىگە بىر قەۋەت زىرە تالقىنى ۋە قارىمۇچ تالقىنى سپىمىز.

Step 5
    ئەگەر ئىشلەتكەن گۆشىڭىز مېيى يوق قارا گۆش بولسا، ئەڭ ياخشىسى ئۈستىگە بىر قەۋەت يىمەكلىك مېيى سۈرۈش كىرەك. ئەگەر ئىشلەتكەن گۆشىڭىز ماي ئارىلاش گۆش بولسا، بۇ قەدەمنى ئورۇنلىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.
    كەينىدىن كاۋاپنى قايتىدىن دوخوپكىغا سېلىپ، 200گىرادوسلۇق ئوتتا قايتا 3مىنۇت قويغاندىن كىيىن ئالسىڭىز بولىدۇ.
 
Step 6
     بۇ كاۋاپنى پىشۇرغاندا، قوي گۆشىگە ئەڭ ياخشىسى ماي ئارىلاش بولغان كەينى پاچاق گۆش ئىشلەتىسىڭىز، كاۋاپ تېخىمۇ تەملىك پىشىدۇ.

پالەك پىنتوزا شورپىسىنىڭ ئۇزۇقلۇقى مول ھەم ساغلام

ياز تۈگەپ كۈز كۈنلىرىنىڭ يىتىپ كىلىشىگە ئەگىشىپ، ھاۋامۇ تەدرىجى سۇغۇپ بارماقتا؛ بۇنداق ئەھۋالدا، يازنىڭ كۈنلىرى ئىچىش خوشياقمىغان شور

باش كۈزدە ئىچىشكە ماس كىلىدىغان قۇۋۋەت شورپىلىرى

قازاننىڭ توخۇ-ئۆردەك شورپىسى قاينىتىش كونوپكىسىنى بېسىپ تۇۋاقنى يېپىپ قويساق، ۋاقىت توشقاندىن كىيىن ئازراق تۇز ۋە قارىمۇچ سېلىپ تەم تە

كالا گۆشى كومىلىچى شورپىسى قان ۋە كالتسىي تولۇقلايدۇ

كالا گۆشى كومىلىچى شورپىسى كۆپچىلىككە تۇنۇشلۇق، ئۇنىڭ ئۇزۇقلۇق قىمىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپلا قالماي، تەمىمۇ ياخشى، چوڭلار ھەم بالىل

قان ئاز ئاياللار ئىچىشكە ماس كىلىدىغان ئاددىغىنا شورپا

بۇ يەردە ئېيتىلغان "بەش قىزىل"، قىزىل پۇرچاق، قىزىل پوستلۇق خاسىڭ، چىلان، ئالقات ۋە قىزىل شىكەرنى كۆرسىتىدۇ. بۇ بەش خىل يىمەكلىك ماتىري

ھازىرقى ياز كۈنىدە ئىچىشكە ماس كىلىدىغان شورپىلار

ياز كۈنلىرىدە ئادەمنىڭ ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ تاماق يىگۈسى كەلمەيدۇ، ئادەتتە بىز ئىچىپ ئادەتلەنگەن شورپىلارنى تېخىمۇ كۆڭۈل تارتمايدۇ. بىرا

شوخلا تۇخۇم شورپىسىغىمۇ بەلگىلىك تاكتىكا كىتىدىكەن ئەمەسمۇ!!!

شوخلا تۇخۇم شورپىسى، ئىنتايىن كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىل ئاممىباپ تائام بولۇپ، شوخلا بىلەن تۇخۇمنى ماسلاشتۇرۇپ قاينىتىش ئارقىلىق تەييارل

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号