يالاڭ ھېسىپ شورپىسى
9 يىل ئىلگىرى axpaz712 60015:ئادەم ئۆگەندى

   خام ماتىريالى: كالا گوشى،تۇخۇم 1دانە، پالەك، سۇماي، كىراخمال، پەمىدۇر،ماش ئۇگرىسى، چانالغان قىزىلمۇچ، غولپىياز، باش پىياز، سامساق .

   قۇشۇمچە: قارا قېرىن قۇلاق ، مايلىق يىسۋېلىك،قىزىلمۇچ

   تەم خۇرۇچلىرى: تۇز،ئاقمۇچ،كاۋاۋىچىن ، ئاچچىقسۇ،

  تەييارلاش ئۇسۇلى: كالا گوشىنى توغراپ باش پىيازنىمۇ توغراپ ئاندىن يۇمشاق چاناپ خېمىر ھالەتكە كەلتۇرۇپ ،تۇز ، ئاقمۇچ،كاۋاۋىچىن ،كىراخمال ،تۇخۇم چېقىپ ئارلاشتۇرۇپ تەملەندۇرۇپ  خېمىر ھالەتكە  ئەكىلىپ تەييارلىۋالىمىز . ماش ئوگرىسىنى قايناق سۇغا چىلاپ قۇيىمىز، قارا قېرىن قۇلاق، پالەك، قىزىلمۇچلارنى ئىككى سانتىمىتىر چوڭلىقتا توغراپ تەييارلىۋالىمىز.

 تەييار بولغان گوشنى ئۇرۇك چوڭلىقىدا كومىلاچ قىلىپ تەييارلىۋالىمىز. قازانغا ياغ قۇيۇپ نۇرمال قىزىغاندا تەييار بولغان كومىلاچلارنى سېلىپ بوش ئوتتا  قىزارتىپ مايدىن ئوتكۇزۇپ  پىشۇرۋالىمىز.

   پىشۇرۇش ئۇسۇلى: قازانغا سۇ قۇيۇپ قاينىغاندا غولپىياز،سامساق،چانالغان قىزىلمۇچ،پەمىدۇر سېلىپ  تەييارلانغان كومىلاچنى سېلىپ ئارلاشتۇرۇپ ئارقىدىن قارا قېرىن قۇلاق، پالەك، مايلىق يىسۋېلىك، قىزىلمۇچ، تۇز، ئاقمۇچ، كاۋاۋىچىن سېلىپ تەمىنى تېتىپ ئازراق ئاچچىقسۇ قۇيۇپ قاچىغا ئېلىپ ئىستىمال قىلساق بۇلىدۇ.

 

پالەك پىنتوزا شورپىسىنىڭ ئۇزۇقلۇقى مول ھەم ساغلام

ياز تۈگەپ كۈز كۈنلىرىنىڭ يىتىپ كىلىشىگە ئەگىشىپ، ھاۋامۇ تەدرىجى سۇغۇپ بارماقتا؛ بۇنداق ئەھۋالدا، يازنىڭ كۈنلىرى ئىچىش خوشياقمىغان شور

باش كۈزدە ئىچىشكە ماس كىلىدىغان قۇۋۋەت شورپىلىرى

قازاننىڭ توخۇ-ئۆردەك شورپىسى قاينىتىش كونوپكىسىنى بېسىپ تۇۋاقنى يېپىپ قويساق، ۋاقىت توشقاندىن كىيىن ئازراق تۇز ۋە قارىمۇچ سېلىپ تەم تە

كالا گۆشى كومىلىچى شورپىسى قان ۋە كالتسىي تولۇقلايدۇ

كالا گۆشى كومىلىچى شورپىسى كۆپچىلىككە تۇنۇشلۇق، ئۇنىڭ ئۇزۇقلۇق قىمىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپلا قالماي، تەمىمۇ ياخشى، چوڭلار ھەم بالىل

قان ئاز ئاياللار ئىچىشكە ماس كىلىدىغان ئاددىغىنا شورپا

بۇ يەردە ئېيتىلغان "بەش قىزىل"، قىزىل پۇرچاق، قىزىل پوستلۇق خاسىڭ، چىلان، ئالقات ۋە قىزىل شىكەرنى كۆرسىتىدۇ. بۇ بەش خىل يىمەكلىك ماتىري

ھازىرقى ياز كۈنىدە ئىچىشكە ماس كىلىدىغان شورپىلار

ياز كۈنلىرىدە ئادەمنىڭ ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ تاماق يىگۈسى كەلمەيدۇ، ئادەتتە بىز ئىچىپ ئادەتلەنگەن شورپىلارنى تېخىمۇ كۆڭۈل تارتمايدۇ. بىرا

شوخلا تۇخۇم شورپىسىغىمۇ بەلگىلىك تاكتىكا كىتىدىكەن ئەمەسمۇ!!!

شوخلا تۇخۇم شورپىسى، ئىنتايىن كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىل ئاممىباپ تائام بولۇپ، شوخلا بىلەن تۇخۇمنى ماسلاشتۇرۇپ قاينىتىش ئارقىلىق تەييارل

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号