چىلىغان كۆكتات ئۆزى تەملىك، ماينى باسىدىغان بولۇپ، تاماققا قوشۇپ يىيىشكە ئەڭ ماس كىلىدۇ. تۆۋەندە كۆپچىلىككە تونۇشتۇرماقچى بولغان بۇ خىلدىكى ئارلاشقا چىلىغان كۆكتاتنىڭ تەييارلاش ئۇسۇلى ئاددى بولۇپ، بىر ئاخشام چىلاپ قويساقلا يىيىشكە بولىدۇ؛ تەمى يىڭى، ئىشتىھانى ئاچىدىغان بولۇپ، كۆپچىلىكنىڭ ياقتۇرۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

تەييارلاش ئۇسۇلى:
1. ماتىريال تەييارلاش. كاللەك سەي، كەرەپشە، سەۋزە، ئاق تۇرۇپ، زەنجىۋىل، كىچىك قىزىل مۇچ.

2. بارلىق ماتىرياللارنى يۇيۇپ پاكىزلاپ سۈيى قۇرىغاندىن كىيىن، ئايرىم-ئايرىم ھالدا قەلەمچە قىلىپ توغراپ، ماي يۇقى بولمىغان داسقا سالىمىز.

3. داسقا ئىككى قوشۇق تۇز سېلىپ تەكشى ئارلاشتۇرغاندىن كىيىن، بىر سائەت ئەتراپىدا قويۇپ تۇزلايمىز.

4. چوڭراق چىنىدىن بىرنى ئېلىپ، ئۇنىڭغا ئۈچ قوشۇق تۇز، ئىككى قوشۇق ئاق شىكەر، تۆت قوشۇق ئاق سىركە، 2 قوشۇق مۇچ سۈيى، يېرىم چىنە سوۋىتىلغان قايناقسۇ قويۇپ، قوچۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرىمىز، بۇ ۋاقىتتا كۆكتاپ چىلايدىغان سۇ تەييار بولغان بولىدۇ.

5. كۆكتاتلارنى تۇزلاپ بولغاندىن كىيىن، نۇرغۇن سۇ يېغىلىپ قالىدۇ؛ رەسىمىدىكىگە ئوخشاش يېغىلىپ قالغان سۇلارنى تۆكىۋىتىمىز.

6. تەييارلىغان بارلىق كۆكتاتلارنى ۋە كۆكتات چىلاش سۈيىنى بىر يىڭى ساقلايدىغان تاماق قاچىسىغا سېلىپ تەكشى ئارىلاشتۇرغاندىن كىيىن، قاچىنىڭ ئېغىزىنى يېپىپ توڭلاتقۇغا سېلىپ بىر ئاخشام قويۇپ قويساقلا يىيىشكە بولىدۇ.

7. يىگەن ۋاقىتتا ئازراق قىزىلمۇچ مېيى سېپىۋەتسەك تېخىمۇ تەملىك بولىدۇ.

ئەسكەرتىش : تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەنلەرنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ!
友情提示:未经许可抄袭转载者必究相关责任

دىېھقانچە چىلىغان تۇرۇپ پوستى ئىسمى؛دىېھقانچە چىلىغان تۇرۇپ پوستى <农家罗卜皮> ئاساسلىق ماتېرىيال ؛ 1-. ئاق لوبو يەنى<水罗卜>ئىككى كىلو قوشۇ
ئاساسلىق كېرەكلىك ماتىرياللار : ئاق تۇرۇپ 1 كىلو ، تۇز 50 گىرام ، سامساق 5 تال ، ئاق ئاچچىقسۇ 500 مىللىلىتىر ، لىمون شىرنىسى مۇۋاپىق مىقداردا
تەييارلاش ئۇسۇلى:پېچەكگۇلنىڭ پۇستىنى ئاقلاپ پاكىز يۇيۇپ قەلەمچە قىلىپ توغرىۋالىمىز.قازانغا سۇقۇيۇپ پېچەكگۇلنى سېلىپ قاينىتىپ پىشۇرۇپ
خام ماتىريالى: يېسۋېلىك بىر تۇپ، تەم خۇرۇچلىرى:تۇز، چۈچۈتۇلگەن ياغ، ئاچچىقسۇ، كاۋاۋىچىن ئۇنى، قىزىلمۇچ ئۇنى، تېتىتقۇ، قىزىلمۇچ يېغى چى
ئىشلەش ئۇسۇلى: يىسىۋەلەكنى پاكىز يۇيۇپ ،سۈيىنى ساقىتىپ ئۇزۇنسىغا 4 پارچە قىلىپ توغرايمىز ئالمىنى ئاقلاپ ئۇرۇقچىللىرىنى چىقىرىپ توغرا
كىشىلەرنىڭ ساغلاملىق كۈتۈنۈش ئېڭىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشىگە ئەگىشىپ، نۇرغۇن كىشىلەر كۈندىلىك تۇرمۇشىدا كۆكتاتنى ئاساس قىلىپ ئۇزۇقلىنىدى
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1
新公网安备 65010202000516号