قولدا تىتىلغان چۈچىمەل توخۇ گۆشى
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 395689:ئادەم ئۆگەندى
       بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ ھۇزۇرىغا ئېلىپ كەلگىنىمىز، ئىشتىھانى ئاچىدىغان سوغۇق سەي—قولدا تىتىلغان چۈچىمەل توخۇ گۆشى قەلەمچىسى، بۇ خىل سۇغۇق سەينىڭ تەمى چۈچىمەل ئەمما يىڭى ھەم يىيىشلىك كىلىدۇ.

كىتەرلىك ماتىريال:

توخۇ تۆش گۆشى، زەنجىۋىل، سوڭپىياز، يۇمغاقسۈت، ئاق كۈنجۈت

تېتىتقۇ خۇرۇچلىرى:

شېڭچوۋ جىياڭيۇسى، ئاق ئاچچىقسۇ، قىزىلمۇچ مېيى، شىكەر، تۇز

 

تەييارلاش ئۇسۇلى

-Step 1-

قازاندا سۇ ئېسىپ، سۇ قاينىغىلى ئاز قالغاندا، زەنجىۋىل، سوڭپىياز، توخۇ گۆشى قاتارلىقلارنى سېلىپ، تۇۋاقنى يېپىپ ئوتتۇراھال ئوتتا 15 مىنۇت قاينىتىمىز.

-Step 2-

    قازان قايناۋاتقان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، قىيام تەييارلىۋالىمىز؛ بىر چىنىگە ئىككى قوشۇق شېڭچوۋ جىياڭيۇسى، بىر قوشۇق ئاق ئاچچىقسۇ، ئىككى قوشۇق قىزىلمۇچ مېيى، بىر قوشۇق ئاق شىكەر، بىر قوشۇق تۇز قۇيىمىز ۋە مۇۋاپىق مىقداردا كۈنجۈت سالىمىز.

-Step 3-

    توخۇ گۆشى پىشقاندىن كىيىن، ئۇنى سۈزۈۋىلىپ سۇۋىتىمىز. سۇۋىغاندىن كىيىن قولىمىزدا تىتىپ قەلەمچە ھالىتىگە ئەكىلىپ، ئالدىدا تەڭشىگەن قىيامنى ۋە چاناپ تەييار قىلغان يۇمغاقسۈتنى ئۈستىگە تۆكسەك، بۈگۈن تۇنۇشتۇرماقچى بولغان چۈچۈمەل تەملىك توخۇ قەلەمچىسى تەييار بولغان بولىدۇ.

-Step 4-

    ئۆزىمىزنىڭ خاھىشىغا ئاساسەن، ئازراق كۈنجۈت مېيى ياكى كاۋاۋىچىن مېيى قوشساقمۇ بولىدۇ؛ چۈچۈمەل تەملىك كەلگەن، تىزدىن كىلىپ سىناپ بېقىڭ!

 

كاۋاۋىچىن مۇچ تەملىك توخۇ

خام ماتېرىيالى:توخۇ بىر دانە،كۆك-قىزىل مۇچ،غولپىياز،غولپىياز مايسىسى،زەنجىۋىل،سامساق مۇۋاپىق مىقداردا. تەم خۇرۇچلىرى:سۇ ماي،تۇز،كاۋا

چۈچىمەل قېرىن

خام ماتىريالى:قوي قېرىنى بىر دانە،كۆك-قىزىلمۇچ يېرىم تالدىن تەم خۇرۇچلىرى :تۇز قىزىلمۇچ يېغى ،سامساق ،ئاچچىقسۇ , تەييارلاش ئۇسۇلى :پىشۇ

تەملىك توخۇ تاشلىقى

تەييارلاش ئۇسۇلى:قازانغا سۇ قۇيۇپ دۇرا-دەرمەك بىلەن قېرى شورپا تەييارلاپ توخۇ تاشلىقىنى پىشۇرۇپ سۇزۋالىمىز.ئاندىن يالپاقداپ توغرىۋالى

كاۋاۋىچىن تەملىك قوي پاچىقى

خام ماتېرىيالى: قوي پاچىقى سەككىز دانە،كۆك-قىزىل مۇچ،غولپىياز ،سامساق مۇۋاپىق مىقداردا. تەم خۇرۇچلىرى:ئابدۇللا ئۇستام تېتىتقۇسى تەييار

پىياز ئارلاشتۇرۇلغان توخۇ گۆشى قەلەمچىسى

پىياز ئارلاشتۇرۇلغان توخۇ گۆشى قەلەمچىسى ئىشتىھانى ئاچىدىغان سۇغۇق سەي بۇلۇپ ، تەييارلاش ئۇسۇلى ئاددى ، تۆۋەندە بىز بىرلىكتە كۈرۈپ باق

كۆك پىياز ئارىلاشتۇرۇلغان قوي قېرىنى

قېرىننى پاكىزلاپ تەييارلىغاندىن كىيىن، قازانغا سېلىپ سۇدا پىشۇرۋالىمىز. قېرىن پىشقاندىن كيىن سۈزۈپ ئېلىپ، قەلەمچە شەكىلدە توغراپ قاچى

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号