پىياز ئارلاشتۇرۇلغان توخۇ گۆشى قەلەمچىسى
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 109247:ئادەم ئۆگەندى

 پىياز ئارلاشتۇرۇلغان توخۇ گۆشى قەلەمچىسى

   پىياز ئارلاشتۇرۇلغان توخۇ گۆشى قەلەمچىسى ئىشتىھانى ئاچىدىغان سۇغۇق سەي بۇلۇپ ، تەييارلاش ئۇسۇلى ئاددى ، تۆۋەندە بىز بىرلىكتە كۈرۈپ باقايلى .

ئاساسلىق ماتىريال :

     توخۇ تۆش گۆشى ، پىياز ، يۇمغاقسۈت ، زەنجىۋىل

كىتەرلىك تېتىتقۇلار :

    تۇز ، ئاق شىكەر ، شېڭچو جىياڭيۇسى ، مۇچ يېغى ، ئاق سىركە ، پىششىق كۈنجۈت

 

تەييارلاش ئۇسۇلى

Step 1

    پىيازنى ئاقلىۋالغاندىن كىيىن ، پىيازنىڭ چوقا قىسمىدىن تەڭ ئىككى پارچە قىلىپ كىسىمىز ، ئۇندىن كىيىن يان تەرەپتىن قەلەمچە قىلىپ توغرايمىز ؛

Step 2

   پىياز قەلەمچىسىنى قاچىغا سالغاندىن كىيىن يېرىم قۇشۇپ تۇز قۇيۇپ ، قولىمىزدا تەكشى مۇجۇپ ، 15 مىنۇت ئەتراپىدا تۇزلايمىز ؛

Step 3

   يېرىم قازان سوغۇق سۇ تەييارلاپ ، توخۇ تۆش گۆشى ، زەنجىۋىل پارچىسى ۋە سوڭپىيازلارنى قازانغا سالىمىز ،

   بىر قوشۇق قورۇمىغا قوشىدىغان ھاراق قۇيىمىز ،

   چوڭ ئوتتا قازاننى قاينىتىمىز ، سۇ قايناپ چىققاندىن كىيىن ، سۇ يۈزىگە لەيلەپ چىققان كىرەكسىز موزىلارنى سۈزۈۋىتىپ ، ئوتتۇرا ھال ئوتتا يەنە 15 مىنۇت قاينىتىمىز ؛

Step 4

   بۇ ۋاقىتتا بىر پىيالىگە ئۈچ قۇشۇق شېڭچو جىياڭيۇسى ، بىر قۇشۇق قىزىل مۇچ يېغى ، يېرىم قۇشۇق ئاق سىركە ، يېرىم قۇشۇق ئاق شىكەر ، بىر كىچك قۇشۇق تۇز ۋە مۇۋاپىق مىقداردىكى پىششىق كۈنجۈتنى سېلىپ قىيام تەييارلايمىز ،

   تەكشى قوچۇپ ئارىلاشتۇرىمىز ؛

Step 5

  توخۇ تۆش گۆشى پىشقاندىن كىيىن ، ئۇنى قازاندىن سۈزۈپ ئېلىپ قاچىغا سېلىپ سۇۋىتىمىز ؛ سۇۋىغاندىن كىيىن قولىمىزدا تىتىپ قەلەمچە ھالەتكە ئەكىلىمىز ؛

  تۇزلانغان پىيازنى سىقىپ سۈيىنى چىقىرۋەتكەندىن كىيىن ، توخۇ گۆشى قەلەمچىسىگە قوشىمىز ،

  تەييارلانغان قىيامنى ئۈستىگە تۆكۈپ ، تەكشى ئارلاشتۇرىمىز ،

  ئەڭ ئاخىرىدا ئازراق يۇقغاقسۈت سالىمىز ، بۇ ۋاقىتتا پىياز ئارلاشتۇرۇلغان توخۇ گۆشى قەلەمچىسى تەييار بولغان بۇلىدۇ .

Step 6

  قىزىل پىيازنىڭ ئاچچىق تەمى بار بولغانلىقتىن ، تاتلىق تەمى بار ئاق پىياز ئىشلەتسەكمۇ بۇلىدۇ . ئاق پىياز بىلەن توخۇ گۆشى قورۇمىسىنى ماسلاشتۇرساق ، باشقىچە تەملىك بۇلىدۇ ، ۋاقتىڭىز چىققاندا سىناپ باقسىڭىز بۇلىدۇ .

 

ئەسكەرتىش : تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئاپتور ھوقۇقى شىنجاڭ تەمزات مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتىگە تەۋە بۇلۇپ، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەنلەرنىڭ قانۇنى مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ!

友情提示:作品版权归新疆塔穆扎提文化传播有限公司所有,抄袭转载者必究法律责任!

 

كاۋاۋىچىن مۇچ تەملىك توخۇ

خام ماتېرىيالى:توخۇ بىر دانە،كۆك-قىزىل مۇچ،غولپىياز،غولپىياز مايسىسى،زەنجىۋىل،سامساق مۇۋاپىق مىقداردا. تەم خۇرۇچلىرى:سۇ ماي،تۇز،كاۋا

چۈچىمەل قېرىن

خام ماتىريالى:قوي قېرىنى بىر دانە،كۆك-قىزىلمۇچ يېرىم تالدىن تەم خۇرۇچلىرى :تۇز قىزىلمۇچ يېغى ،سامساق ،ئاچچىقسۇ , تەييارلاش ئۇسۇلى :پىشۇ

تەملىك توخۇ تاشلىقى

تەييارلاش ئۇسۇلى:قازانغا سۇ قۇيۇپ دۇرا-دەرمەك بىلەن قېرى شورپا تەييارلاپ توخۇ تاشلىقىنى پىشۇرۇپ سۇزۋالىمىز.ئاندىن يالپاقداپ توغرىۋالى

كاۋاۋىچىن تەملىك قوي پاچىقى

خام ماتېرىيالى: قوي پاچىقى سەككىز دانە،كۆك-قىزىل مۇچ،غولپىياز ،سامساق مۇۋاپىق مىقداردا. تەم خۇرۇچلىرى:ئابدۇللا ئۇستام تېتىتقۇسى تەييار

پىياز ئارلاشتۇرۇلغان توخۇ گۆشى قەلەمچىسى

پىياز ئارلاشتۇرۇلغان توخۇ گۆشى قەلەمچىسى ئىشتىھانى ئاچىدىغان سۇغۇق سەي بۇلۇپ ، تەييارلاش ئۇسۇلى ئاددى ، تۆۋەندە بىز بىرلىكتە كۈرۈپ باق

كۆك پىياز ئارىلاشتۇرۇلغان قوي قېرىنى

قېرىننى پاكىزلاپ تەييارلىغاندىن كىيىن، قازانغا سېلىپ سۇدا پىشۇرۋالىمىز. قېرىن پىشقاندىن كيىن سۈزۈپ ئېلىپ، قەلەمچە شەكىلدە توغراپ قاچى

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号