بوۋاقلارغا ئۇزۇقلۇق تولۇقلايدىغان شورۋىگۈرۈچ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 24752:ئادەم ئۆگەندى
   بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، قوشۇمچە يىمەكلىك يىگۈزۈش باشلىغان بوۋاقلارغا ماس كىلىدىغان ناشتىلىق—بېلىق گۆشى ۋە موگو قوشۇپ قاينىتىلغان شورۋىگۈرۈچ تۇنۇشتۇرىمىز.
كىتەرلىك ماتىريال
   تېرىسكا بېلىقى(鳕鱼، ئەگەر تېرىسكا بېلىقى تاپالمىساق باشقا گۆشى يۇمران بېلىق گۆشى بولسىمۇ بولىۋىرىدۇ)، موگو، يۇبەسەي ياپراق قىسمى، سەۋزە، گۈرۈچ
بىرىنچى قەدەم
   ماتىرياللارنى تەييارلايمىز
ئىككىنچى قەدەم
   قازاندا سۇ قاينىتىپ، بېلىق گۆشىنى بەش مىنۇت دۈملەپ پىشۇرۇمىز؛(دۈملەش ۋاقتىنى گۆشنىڭ چوڭ كىچىكلىكىگە قاراپ تەڭشىسەك بولىدۇ)
ئۈچىنچى قەدەم
   يۇبەسەينى پاكىزلاپ قازانغا سېلىپ بىر قاينىتىمىز، خام قالمىسىلا بولىدۇ؛
تۆتىنچى قەدەم
    موگونى تۇز سۈيىگە بەش مىنۇت چىلاپ قويغاندىن كىيىن، ياپراقچە ھالىتىدە توغرىۋالىمىز؛ سەۋزىنىمۇ ياپراقچە ھالىتىدە توغراپ، قاينىغان سۇغا سېلىپ بىر قاينىتىپ ئالىمىز، خام قالمىسىلا بولىدۇ.
بەشىنچى قەدەم
   دۈملەپ تەييارلىغان بېلىق گۆشىنى ئۇششاق چانايمىز، ياكى كۆكتات ئىزىش ماشىنىسىدا ئىزىۋەتسەكمۇ بولىدۇ.
ئالتىنچى قەدەم
   كۆكتاتلارنىڭ ھەممىنى ئۇششاق توغرايمىز؛ (دىققەت، كۆكتانى ماشىنىدا ئىزىۋىتىشكە بولمايدۇ)
يەتتىنچى قەدەم
   گۈرۈچنى قازانغا سېلىپ شورۋىگۈرۈچ قاينىتىپ، گۈرۈچ پىشقاندىن كىيىن ئاۋال بېلىق گۆشىنى سالىمىز؛
سەككىزىنچى قەدەم
   چاناپ توغرالغان كۆكتاتلارنى سېلىپ ئىككى مىنۇت قايناتساقلا بولىدۇ(ئەسكەرتىش: ئارىلاشتۇرۇپ مالتىلاپ تۇرۇشنى ئۇنۇتماڭ، بولمىسا قازانغا چاپلىشىۋالىدۇ)
توققۇزىنچى قەدەم
   ئىككى مىنۇت قايناتقاندىن كىيىن قاچىغا ئۇسساق بولىدۇ. يەتتە ئايلىقتىن 18ئايلىققىچە بولغان بوۋاقلارغا ماس كىلىدۇ.

بانان بىلەن مىفەن قوشۇلسا، ئەڭ ياخشى بالىلار تائامى بولىدۇ

باناننىڭ تەركىبىدە ھەرخىل ۋىيتامىن ۋە مىنرالنى ماددىلار كۆپ، يەنە بەلگىلىك مىقداردا كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، يىمەكلىك تالا ماددىلىرى، ئ

بۇ خىل ئۇششاق يىمەكلىكنى بوۋىقىڭىز ياقتۇرۇپ يەيدۇ

بۈگۈن كۆپچىلىككە تۇنۇشتۇرماقچى بولغىنىمىز، تۇخۇم بىلەن سۈت پاراشوكىدىن تەييارلانغان ئۇششقا يىمەكلىك بولۇپ، بۇ يىمەكلىكنىڭ چوڭ كىچىكل

بىر ياشلىق بالىلارنىڭ قوشۇمچە يىمەكلىكى—سەۋزە تۇخۇم قاتلىمىسى

تەملىك ھەم يۇمشاق پىشىدىغان سەۋزە تۇخۇم قاتلىمىسى، بوۋاقلارنىڭ ئەڭ ياخشى قوشۇمچە يىمەكلىكى بولۇپ، بىر ياش ئىچىدىكى بوۋاقلارغا تەييارل

بالىڭىزغا كاۋا بىلەن پىچەكگۈلنى ماسلاشتۇرۇپ تاماق ئىتىپ بىرىڭ

كاۋا بىلەن پىچەكگۈلدىن تۆۋەندىكىدەك تائامنى تەييارلاپ بالىڭىزغا يىگۈزسىڭىز، ئۇنىڭغا يىگۈزۈپ بولالماي قوللىرىڭىز ئاغرىپ كىتىدۇ. ئىشەن

ئالتە ئايلىق بوۋاقلار قوشۇمچە يىمەكلىكى—خوڭگا تۇخۇم ئۇيۇتمىسى

خوڭگا قوشۇپ تەييارلانغان تۇخۇم ئۇيۇتمىسى يىيشلىك ھەم تەملىك بولۇپ، ئىنتايىن يۇمشاق، بوۋاقلارنىڭ ھەزىم قىلمىقى ئاسان بولىدۇ.

بوۋىقىڭىزغا كاۋا قوشۇلغان بولكا پىشۇرۇپ بىرىڭ

كاۋىنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرىنى سۆزلەپ ئولتۇرمىساقمۇ، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ. بوۋاقلار گەرچە قوشۇمچە يىمەكلىك يىيىشنى باشلىغان تەقد

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号