بۇ خىل ئۇششاق يىمەكلىكنى بوۋىقىڭىز ياقتۇرۇپ يەيدۇ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 19444:ئادەم ئۆگەندى
   بۈگۈن كۆپچىلىككە تۇنۇشتۇرماقچى بولغىنىمىز، تۇخۇم بىلەن سۈت پاراشوكىدىن تەييارلانغان ئۇششقا يىمەكلىك بولۇپ، بۇ يىمەكلىكنىڭ چوڭ كىچىكلىكى ۋە شەكلى، يېشى كىچىكرەك بوۋاقلارنىڭ يىيىشىگە ماس كىلىدۇ؛ ئېغىزغا كىرىپ بولغۇچە ئىرىپ كىتىدىغان بولۇپ، بوۋاققا قويۇپ بەرسىڭىز، ئۆزىمۇ يەپ كىتەلەيدۇ.
   كىتەرلىك ماتىريال: ئۈچ تال تۇخۇم، رىتسىپلىق سۈت پاراشوكى 30گىرام، ئاق شىكەر 5گىرام، لىمون بىر پارچە
   ماس كىلىدىغان دائىرە: سەككىز ئايلىقتىن يۇقىرى بوۋاقلارغا ماس كىلىدۇ
 
تەييارلاش ئۇسۇلى
   1. ئالدى بىلەن تۇخۇمنى چېقىپ ئېقى بىلەن سېرىقىنى ئايرىيمىز؛ ئەگەر ئۆيدە ئايرىيدىغان مەخسۇس قورال(تۆۋەندىكى رەسىمدىكىگە ئوخشاش) بولسا تېخى ياخشى، ئەگەر مەخسۇس قورال بولمىسا، ئۇنداقتا تۇخۇمنى بىراقلا چېقىۋەتمەي، ئېقىنى ئازراقتىن ئېقىتىپ، تۇخۇم سېرىقىنى ئايرىۋالسىڭىز بولىدۇ. سېرىقىنى ئايرىپ بولغاندىن كىيىن ئايرىم بىر قاچىغا سېلىپ تەييارلاپ قويىمىز؛
   2. تۇخۇم سېرىقى ئۈستىگە نەچچە تامچە لىمون سۈيى تېمىتىپ، شىكەرنى قوشىمىز ھەمدە تۇخۇمنى رەڭگى ئۆزگەرگۈچە قاتتىق قوچۇيمىز؛

   3. قوچۇپ تەييارلىغان تۇخۇم ئۈستىگە رىتسىپلىق سۈت پاراشوكى قوشۇپ، قۇشۇق بىلەن تەكشى ئارىلاشتۇرىمىز؛ (بۇيەردە ئېيتىلغان قوچۇش، قۇشۇقتا چەمبەر سىزىپ قوچۇش ئەمەس، بەلكى تىز سۈرئەتتە ئاستىدىن ئۈستىگە ئۆرۈپ قوچۇشنى كۆرسىتىدۇ)
   4. پاكىزە قەغەزدىن يۇمىلاق كۇنۇس شەكىللىك ۋارونكا ياساپ، ئۇچلۇق ئۇچىنى قايچىدا ئازراق كىسىۋىتىمىز ھەمدە قوچۇپ تەييارلىغان تۇخۇم ئۇمىچىنى قەغەز ۋارونكىغا قۇيۇپ، تىگىگە سىلتسىيلىق قەغەز سېلىپ تەييارلىغان دوخوپكا تەخسىسىگە ئاز-ئازدىن سىقىپ تېمىتىمىز(تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەنگە ئوخشاش)؛
   5. دوخوپكا تەخسىسىنى توشقۇزغاندىن كىيىن، تەخسىنى دوخوپكىغا سېلىپ، ئاستى ئۈستى ئوت 100گىرادوسلۇق تىمپىراتۇرىدا 30مىنۇت ئەتراپىدا قاقلاپ پىشۇرىمىز؛
   6. ۋاقىت توشقاندىن كىيىن ئېلىپ سۇۋۇتساقلا بوۋاق يىيىشنى باشلىسا بولىدۇ؛ يەپ بولالمىغىنىنى پاكىزە ھەم ئېغىزى ھىم ئىتىدىغان ئەينەك قۇتا ئىچىگە سېلىپ، توڭلاتقۇنىڭ سۇغۇق ساقلاش ئىشكابىغا سېلىپ ساقلىساق، ھەپتە ئەتراپىدا ساقلاشقا بولىدۇ.

بانان بىلەن مىفەن قوشۇلسا، ئەڭ ياخشى بالىلار تائامى بولىدۇ

باناننىڭ تەركىبىدە ھەرخىل ۋىيتامىن ۋە مىنرالنى ماددىلار كۆپ، يەنە بەلگىلىك مىقداردا كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، يىمەكلىك تالا ماددىلىرى، ئ

بۇ خىل ئۇششاق يىمەكلىكنى بوۋىقىڭىز ياقتۇرۇپ يەيدۇ

بۈگۈن كۆپچىلىككە تۇنۇشتۇرماقچى بولغىنىمىز، تۇخۇم بىلەن سۈت پاراشوكىدىن تەييارلانغان ئۇششقا يىمەكلىك بولۇپ، بۇ يىمەكلىكنىڭ چوڭ كىچىكل

بىر ياشلىق بالىلارنىڭ قوشۇمچە يىمەكلىكى—سەۋزە تۇخۇم قاتلىمىسى

تەملىك ھەم يۇمشاق پىشىدىغان سەۋزە تۇخۇم قاتلىمىسى، بوۋاقلارنىڭ ئەڭ ياخشى قوشۇمچە يىمەكلىكى بولۇپ، بىر ياش ئىچىدىكى بوۋاقلارغا تەييارل

بالىڭىزغا كاۋا بىلەن پىچەكگۈلنى ماسلاشتۇرۇپ تاماق ئىتىپ بىرىڭ

كاۋا بىلەن پىچەكگۈلدىن تۆۋەندىكىدەك تائامنى تەييارلاپ بالىڭىزغا يىگۈزسىڭىز، ئۇنىڭغا يىگۈزۈپ بولالماي قوللىرىڭىز ئاغرىپ كىتىدۇ. ئىشەن

ئالتە ئايلىق بوۋاقلار قوشۇمچە يىمەكلىكى—خوڭگا تۇخۇم ئۇيۇتمىسى

خوڭگا قوشۇپ تەييارلانغان تۇخۇم ئۇيۇتمىسى يىيشلىك ھەم تەملىك بولۇپ، ئىنتايىن يۇمشاق، بوۋاقلارنىڭ ھەزىم قىلمىقى ئاسان بولىدۇ.

بوۋىقىڭىزغا كاۋا قوشۇلغان بولكا پىشۇرۇپ بىرىڭ

كاۋىنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرىنى سۆزلەپ ئولتۇرمىساقمۇ، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ. بوۋاقلار گەرچە قوشۇمچە يىمەكلىك يىيىشنى باشلىغان تەقد

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号