بانان بىلەن مىفەن قوشۇلسا، ئەڭ ياخشى بالىلار تائامى بولىدۇ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 19429:ئادەم ئۆگەندى
   بۈگۈن كۆپچىلىككە ئېلىپ كەلگىنىمىز، ئاساسى تاماق بىلەن مىۋىنىڭ مۇكەممەل ماسلىشىشى—بانان پىشلاق تېرىق(小米) قاتلىمىسى. بانان، كىچىك دوستلارنىڭ ناھايىتى بەك ئالقىشىغا ئىرىشكەن مىۋە، ئادەتتە ئۇنى بىۋاستە ئىستىمال قىلغاندا، تەمى ناھايىتى بەك يەككە بولۇپ قالىدۇ. ئەگەر ئۇنى پىشلاق بىلەن بىرلەشتۈرۈپ كىچىك قاتلىما توقاچ تەييارلاپ بالىڭىزغا يىگۈزسىڭىز، خوشنىلىرىڭىزنىڭ بالىسىمۇ بۇنىڭدىن يىگۈسى كىلىپ يىغلىشىپ كىتىدۇ.
   بىلىشىڭىز كىرەككى، باناننىڭ تەركىبىدە ھەرخىل ۋىيتامىن ۋە مىنرالنى ماددىلار كۆپ، يەنە بەلگىلىك مىقداردا كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، يىمەكلىك تالا ماددىلىرى، ئاقسىل قاتارلىقلار بار بولۇپ، ئىنىرگىيە تۇلۇقلاشتىكى ئەڭ ياخشى يىمەكلىك ھىسابلىنىدۇ. بوۋاق ئەتىگىنى بۇ خىل قاتلىما توقاچنى يىسە، بىركۈن كەچكىچە جىسمى كۈچكە تولۇپ  كىتىدۇ.
   گۈرۈچ بىلەن تېرىقتىن باشقا، بۇ خىل قاتلىما توقاچقا يەنە پىشلاق قوشۇلغان بولۇپ، پىشلاقنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرىنى سۆزلەپ ئولتۇرۇش بىھاجەت. ئادەتتە 10جىڭ كالا سۈتىدە ئاندىن بىر جىڭ پىشلاق ئىشلەپ چىقىشقا بولىدۇ؛ كالا سۈتىنىڭ جەۋھىرى قويۇلدۇرۇلغان مەھسۇلات بولغاچقا، كىچىك بىر پارچىدىمۇ زور ئۇزۇقلۇق تەركىبى بار بولىدۇ.
   يىيىشكە ماس كىلىدىغان بالىلار: ئون ئايلىقتىن ئاشقان بوۋاق ۋە كىچىك بالىلار
   كىتەرلىك ماتىريال: بانان، پىشلاق، تېرىق، گۈرۈچ، تۇخۇم، ئىستىمال مېيى
تەييارلاش ئۇسۇلى

   يىمەكلىك ماتىرياللىرىنى تەييار قىلىۋالىمىز.
   گۈرۈچ بىلەن تېرىقنى يۇيۇپ پاكىزلىغاندىن كىيىن، ئۇنى دۈملەپ قاچىغا ئېلىپ قويىمىز.
   تۇخۇمنى چېقىپ، تۇخۇم سېرىقى بىلەن ئېقىنى تۇلۇق ئارىلاشتۇرىمىز؛
   باناننى ئۇششاقراق توغراپ، گۈرۈچ ۋە تېرىق ئېشى، پىشلاق ھەم چېقىلغان تۇخۇم قاتارلىقلارنى تەكشى ئارىلاشتۇرۇىمىز؛ (باناننى ئىزىۋەتكەندىن كىيىن ئاندىن ئارىلاشتۇرساقمۇ بولىدۇ)

   قازانغا ماي قۇيۇپ، ئارىلاشتۇرۇلغان يىمەكلىك ماتىرياللىرىنى قولىمىزدا كىچىك قاتلىما توقاچ ھالىتىگە ئەكەلگەندىن كىيىن، قازاندىكى قىزىغا مايغا سېلىپ، ھەر ئىككى تەرىپى سارغايغىچىلىك داغلايمىز.
   داغلاپ بولغاندىن كىيىن، تەخسىگە ئېلىپ، ئازراق سۇۋىغاندىن كىيىن بالىغا يىگۈزسەك بولىدۇ.

بانان بىلەن مىفەن قوشۇلسا، ئەڭ ياخشى بالىلار تائامى بولىدۇ

باناننىڭ تەركىبىدە ھەرخىل ۋىيتامىن ۋە مىنرالنى ماددىلار كۆپ، يەنە بەلگىلىك مىقداردا كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، يىمەكلىك تالا ماددىلىرى، ئ

بىر ياشلىق بالىلارنىڭ قوشۇمچە يىمەكلىكى—سەۋزە تۇخۇم قاتلىمىسى

تەملىك ھەم يۇمشاق پىشىدىغان سەۋزە تۇخۇم قاتلىمىسى، بوۋاقلارنىڭ ئەڭ ياخشى قوشۇمچە يىمەكلىكى بولۇپ، بىر ياش ئىچىدىكى بوۋاقلارغا تەييارل

بۇ خىل ئۇششاق يىمەكلىكنى بوۋىقىڭىز ياقتۇرۇپ يەيدۇ

بۈگۈن كۆپچىلىككە تۇنۇشتۇرماقچى بولغىنىمىز، تۇخۇم بىلەن سۈت پاراشوكىدىن تەييارلانغان ئۇششقا يىمەكلىك بولۇپ، بۇ يىمەكلىكنىڭ چوڭ كىچىكل

بالىڭىزغا كاۋا بىلەن پىچەكگۈلنى ماسلاشتۇرۇپ تاماق ئىتىپ بىرىڭ

كاۋا بىلەن پىچەكگۈلدىن تۆۋەندىكىدەك تائامنى تەييارلاپ بالىڭىزغا يىگۈزسىڭىز، ئۇنىڭغا يىگۈزۈپ بولالماي قوللىرىڭىز ئاغرىپ كىتىدۇ. ئىشەن

ئالتە ئايلىق بوۋاقلار قوشۇمچە يىمەكلىكى—خوڭگا تۇخۇم ئۇيۇتمىسى

خوڭگا قوشۇپ تەييارلانغان تۇخۇم ئۇيۇتمىسى يىيشلىك ھەم تەملىك بولۇپ، ئىنتايىن يۇمشاق، بوۋاقلارنىڭ ھەزىم قىلمىقى ئاسان بولىدۇ.

بوۋىقىڭىزغا كاۋا قوشۇلغان بولكا پىشۇرۇپ بىرىڭ

كاۋىنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرىنى سۆزلەپ ئولتۇرمىساقمۇ، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ. بوۋاقلار گەرچە قوشۇمچە يىمەكلىك يىيىشنى باشلىغان تەقد

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号