جۇسەي تۇخۇم جۇۋاۋىنى يەۋەرمەي، بۇنىمۇ يەپ كۆرۈپ بېقىڭ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 43126:ئادەم ئۆگەندى
   جۇۋاۋىنى نۇرغۇن كىشىلەر ياقتۇرۇپ ئىستېمال قىلىدۇ. جۇۋاۋىنى تەييارلاش ئاددىي ھەم يىيىشلىك بولۇپ، بىر ئائىلە كىشلىرى ئولتۇرۇپ بىللە جۇۋاۋا تۈگۈپ، كەينىدىن ئىسسىق ھور ئۆرلەپ تۇرغان جۇۋاۋىنى بىللە ئولتۇرۇپ يىسەك، ئائىلىنىڭ ھەقىقىي بەختىنى ھېس قىلالايمىز.
   ئادەتتە كىشىلەر جۇۋاۋا تۈگكەندە، ئاساسلىقى پىياز گۆش ۋە جۇسەي تۇخۇم قىيمىنى ئاساس قىلىدۇ؛ ئايرىم بىر قىسىم كىشىلەر، گۆش بەسەي، گۆش چىڭسەي قاتارلىق قىيمىلاردىمۇ تەييارلايدۇ. تەن ساغلاملىقى ۋە كۈتۈنۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىدىغان بۈگۈنكى كۈندە، نۇرغۇن كىشىلەر گۆشسىز تائامغا قاراپ يۈزلەنمەكتە؛ بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، جۇۋاۋىنىمۇ گۆشسز قىيمىدا تۈگۈپ ئىستېمال قىلىدىغانلار بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ. لېكىن، تۇرمۇشتا گۆشسىز قىيمىلىق جۇۋاۋا تەييارلىماقچى بولساق، مۇتلەق كۆپ قىسىم كىشىلەر جۇسەي تۇخۇم قىيمىسىنى تاللايدۇ؛ بىراق، بۇنداق يەككە بىر خىل تەمنى يەۋەرسىڭىز، ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ تەمدىن يېنىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن. شۇڭا بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، يەنە بىر خىل ساپ كۆكتات قىيمىسىدىن جۇۋاۋا تەييارلاش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
   يۇمران چىڭسەينى يۇيۇپ پاكىزلىغاندىن كېيىن، قىسقىراق بۆلەك ھالىتىدە توغراپ، قازاندىكى قايناتقان سۇغا سېلىپ بىر مىنۇت قاينىتىمىز؛ بىر مىنۇتتىن كېيىن سۈزۈپ ئېلىپ، سوغۇق سۇدىن ئۆتكۈزىمىز. چىڭسەينى بۇنداق سۇدا قاينىتىۋىلىشتىكى مەقسەت، چىڭسەي تەركىبىدىكى ئوكسالىك كىسلاتسىنى(草酸) يوقىتىش ئۈچۈندۇر.
   مۇۋاپىق مىقداردا موگو ۋە قارا قېرىنقولاق تەييارلاپ، سۇغا چىلاپ يۇمشاتقاندىن كېيىن، بۇلارنىمۇ سۇدا بىر قاينىتىپ ئالىمىز. كەينىدىن چىڭسەي، قارا قېرىنقولاق، موگولارنى بىرگە ئارىلاشتۇرۇپ، ئىزىش ماشىنىسىدا ئىزىپ قىيما ھالىتىگە ئەكېلىمىز. ئەگەر ئىزىش ماشىنىسى بولمىسا، ئازراق جاپا تارتىپ، ئۇششاق قىلىپ چاناپ توغرايمىز. چاناپ بولغاندىن كېيىن، ئەگەر سۈيى بەك كۆپ بولۇپ كەتكەندەك ھېس قىلساق، چانالغان كۆكتاتلارنى قولىمىزدا سىقىپ سۈيىنى چىقىرىۋەتسەك بولىدۇ.
   چىنىدىن بىرنىڭغا تۇخۇمدىن تۆتنى (كونكرېتنى سانىنى، تەييارلىماقچى بولغان جۇۋاۋا مىقدارىغا ئاساسەن ئۆزىڭىز بەلگىلىسىڭىز بولىدۇ) چېقىپ، نەچچە تېمىم ئاچچىقسۇ تېمىتىپ قوچۇيمىز. قازان ئېسىپ، تۇخۇمنى قاتۇرۇپ تەييارلايمىز. تۇخۇمنى قاتۇرۇش جەريانىدا، چۆمۈچتە توختىماي مالتىلاپ بەرسىڭىز، تۇخۇم ئۇششاق پارچە ھالىتىدە چىقىدۇ.
   توغرالغان كۆكتاتلار بىلەن قاتۇرۇلغان تۇخۇمنى بىر قاچىغا سېلىپ، ئۈستىگە چانالغان غولپىياز مايسىسى، تۇز، قارىمۇچ، كاۋاۋىچىن تالقىنى، يېمەكلىك مېيى قاتارلىقلاردىن ئازراقتىن قوشۇپ ئارىلاشتۇرۇپ قىيما تەييارلايمىز.

   جۇۋاۋا جىلتىنى بازاردىن تەييارنى سېتۋالساقمۇ ياكى ئۆيدە ئۆزىمىز خېمىر يۇغۇرۇپ يېيىپ تەييارلىساقمۇ بولىدۇ، بۇ يەردە جىلتە تەييارلاش جەريانىنى تونۇشتۇرۇپ ئولتۇرمايمىز. قىيما تەييار بولغاندىن كېيىن جۇۋاۋىنى تۈگۈپ تەييارلايمىز.
   ئاخىرىدا، قازاندا سۇ قاينىتىپ، جۇۋاۋىنى سېلىپ پىشۇرىمىز. جۇۋاۋا پىشۇرغاندا، ئەڭ ياخشىسى قازانغا سۇنى كۆپرەك قۇيماق لازىم، بۇنىڭدا جۇۋاۋا خېمىرسى تىتىلىپ قىيما سىرتىغا چىقىپ كەتمەيدۇ.

   بۇ خىل كۆكتات جۇۋاۋىسى ھەقىقەتەن ئوخشايدۇ، چوڭلارلا ئەمەس، بالىلارمۇ ياقتۇرۇپ يەيدۇ. قولايلىق ۋاقىت تاپقاندا، ئۆيىڭىزدە تەييارلاپ يەپ سىناپ كۆرۈڭ!

كۇچا سۇيۇقئېشى (تاڭمەن)

كۇچا سۇيۇقئېشى (تاڭمەن) 汤面 خام ماتىريالى: ئۇن، گۆش، سوڭەك، دۈمبە ياغ، سۇڭپىياز، سامساق، شوخلا، پالەك، شولتا،(پىڭخۇي) تەم خۇرۇچلىرى:تۇز، خ

جۇۋاۋا قىيمىسى تۇرۇپتىمۇ ئوخشايدۇ، ئىشەنمەي قالماڭ!

تۇرۇپنىڭ باھاسى گەرچە ئەرزان بولسىمۇ، ئەمما تەركىبىدە ئادەم بەدىنىگە زۆرۈر بولغان كۆپ خىل ئۇزۇقلۇق ماددىلار بار بولۇپ، كونىلارنىڭ "قى

مەن ئىجاد قىلغان بويتاقلار تامىقىنى كۆرۈپ بېقىڭ

ئىنتايىن تەملىك بولغان يېڭىچە بىر قورۇما چۆپ

ھەپتە ئاخىرىدا بىر چىنە ھاردۇق ئېشى ئىچىۋىلىڭ!

ھاردۇق ئېشى، يەرلىك ئالاھىدىلىكتىكى تائاملارنىڭ بىرى بولۇپ، ئىسمىدىنلا ئۇنىڭ رولىنى بېلىۋىلىشقا بولىدۇ. بىر كۈن ھېرىپ-چارچاپ ئىشلىگەن

جۇسەي تۇخۇم جۇۋاۋىنى يەۋەرمەي، بۇنىمۇ يەپ كۆرۈپ بېقىڭ

جۇۋاۋىنى نۇرغۇن كىشىلەر ياقتۇرۇپ ئىستېمال قىلىدۇ. جۇۋاۋىنى تەييارلاش ئاددىي ھەم يىيىشلىك بولۇپ، بىر ئائىلە كىشلىرى ئولتۇرۇپ بىللە جۇۋا

تەييارلاش ئاددىي ئەمما تەمى ياخشى بولغان قولايلىق چۆپ

بۈگۈن كۆپچىلىككە تونۇشتۇرماقچى بولغان قولايلىق ئۈگرە چۆپ، مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان قولايلىق تائاملارنىڭ بىرى بولۇپ، تەييارلاش ئۇسۇلى ئ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号