جۇۋاۋا قىيمىسى تۇرۇپتىمۇ ئوخشايدۇ، ئىشەنمەي قالماڭ!
5 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 37875:ئادەم ئۆگەندى
   
   تۇرۇپ، قىش كۈنىدە ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان كۆكتات بولۇپ، مەيلى ئاق تۇرۇپ، قىزىل تۇرۇپ ياكى كۆك تۇرۇپ بولسۇن، بازاردىكى ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان ھەمدە ئەڭ ئەرزان كۆكتاتلارنىڭ بىرىدۇر. لېكىن، سىز تۇرۇپنى ھەرگىز بوش كۆرمەڭ، ئۇنىڭ باھاسى گەرچە ئەرزان بولسىمۇ، ئەمما تەركىبىدە ئادەم بەدىنىگە زۆرۈر بولغان كۆپ خىل ئۇزۇقلۇق ماددىلار بار بولۇپ، كونىلارنىڭ "قىشتا تۇرۇپ يازدا زەنجىۋىل يەپ بەرسە، دوختۇرنىڭ ئالدىغا بېرىش كەتمەيدۇ" دېگەن گېپى بىكارغا ئېيتىلمىغان.

   تۇرۇپنىڭ ئىستېمال ئۇسۇلى ھەر خىل بولۇپ، جۇۋاۋا يىيىشنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەرمۇ، تۇرۇپتا قىيما قىلىپ جۇۋاۋا پىشۇرۇپ يىسە، ئېغىز خۇمارىنى بېسىپلا قالماي، يەنە بەدەنگە ئۇزۇقلۇق تولۇقلاش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
تەييارلاش ئۇسۇلى
   بىرىنچى قەدەمدە، تۇرۇپنى ئاقلاپ يۇيۇپ پاكىزلىغاندىن كېيىن، قەلەمچە قىلىپ توغرىۋالىمىز.
   ئىككىنچى قەدەمدە، گۆشنى قىيما قىلىپ توغرايمىز؛ پىياز ۋە زەنجىۋىلنى ئاقلاپ پاكىزىلاپ چاناپ توغرىۋالىمىز.
   ئۈچىنچى قەدەمدە، گۆش، پىياز، زەنجىۋىل قاتارلىقلارنى بىر قاچىغا سېلىپ، مۇۋاپىق مىقداردا كاۋاۋىچىن تالقىنى ۋە جىياڭيۇ قوشۇپ، تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ بىردەم قويۇپ قويىمىز؛
   تۆتىنچى قەدەمدە، تۇرۇپ قەلەمچىسىگە مۇۋاپىق مىقداردا تۇز قوشۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرىمىز؛ بىردەم قويۇپ سۈيى چىققاندىن كېيىن، سۈيىنى سىقىۋىتىپ چاناپ قىيما ھالىتىگە ئەكىلىمىز.
   بەشىنچى قەدەمدە، تۇرۇپنى گۆش قىيمىسىغا قوشۇپ، ئۈستىگە مۇۋاپىق مىقداردا ئىستىمال مېيى، كۈنجۈت مېيى، تۇز قاتارلىقلارنى قوشۇپ، تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ جۇۋاۋا قىيمىسى تەييارلايمىز.
   ئالتىنچى قەدەمدە، داسقا مۇۋاپىق ئۇن ئېلىپ خېمىر يۇغۇرىمىز.
   يەتتىنچى قەدەمدە، خېمىرنى كىچىك كىچىكتىن ئۈزۈپ، يايغۇدا يېيىپ جۇۋاۋا جىلتى تەييارلايمىز.
   سەككىزىنچى قەدەمدە، جىلتقا قىيما سېلىپ جۇۋاۋا تۈگىمىز.
   توققۇزىنچى قەدەمدە، قازانغا سۇ قۇيۇپ قاينىتىپ، جۇۋاۋىنى سېلىپ پىشۇرۇپ ئالساقلا بولىدۇ.

كۇچا سۇيۇقئېشى (تاڭمەن)

كۇچا سۇيۇقئېشى (تاڭمەن) 汤面 خام ماتىريالى: ئۇن، گۆش، سوڭەك، دۈمبە ياغ، سۇڭپىياز، سامساق، شوخلا، پالەك، شولتا،(پىڭخۇي) تەم خۇرۇچلىرى:تۇز، خ

جۇۋاۋا قىيمىسى تۇرۇپتىمۇ ئوخشايدۇ، ئىشەنمەي قالماڭ!

تۇرۇپنىڭ باھاسى گەرچە ئەرزان بولسىمۇ، ئەمما تەركىبىدە ئادەم بەدىنىگە زۆرۈر بولغان كۆپ خىل ئۇزۇقلۇق ماددىلار بار بولۇپ، كونىلارنىڭ "قى

مەن ئىجاد قىلغان بويتاقلار تامىقىنى كۆرۈپ بېقىڭ

ئىنتايىن تەملىك بولغان يېڭىچە بىر قورۇما چۆپ

ھەپتە ئاخىرىدا بىر چىنە ھاردۇق ئېشى ئىچىۋىلىڭ!

ھاردۇق ئېشى، يەرلىك ئالاھىدىلىكتىكى تائاملارنىڭ بىرى بولۇپ، ئىسمىدىنلا ئۇنىڭ رولىنى بېلىۋىلىشقا بولىدۇ. بىر كۈن ھېرىپ-چارچاپ ئىشلىگەن

جۇسەي تۇخۇم جۇۋاۋىنى يەۋەرمەي، بۇنىمۇ يەپ كۆرۈپ بېقىڭ

جۇۋاۋىنى نۇرغۇن كىشىلەر ياقتۇرۇپ ئىستېمال قىلىدۇ. جۇۋاۋىنى تەييارلاش ئاددىي ھەم يىيىشلىك بولۇپ، بىر ئائىلە كىشلىرى ئولتۇرۇپ بىللە جۇۋا

تەييارلاش ئاددىي ئەمما تەمى ياخشى بولغان قولايلىق چۆپ

بۈگۈن كۆپچىلىككە تونۇشتۇرماقچى بولغان قولايلىق ئۈگرە چۆپ، مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان قولايلىق تائاملارنىڭ بىرى بولۇپ، تەييارلاش ئۇسۇلى ئ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号