لاۋپەيزى گۈيرۇ لەغمەن
4 يىل ئىلگىرى ئاشپەز 147021:ئادەم ئۆگەندى

خام ماتىريالى: قوي گۆشى، غولپىياز، بەسەي، كۆكمۇچ، شەنلاجاۋ،  سامساق، زەنجىۋىل، تۇخۇم ، مور ، ئۇن

تەم خۇرۇچلىرى: تۇز،ئاقمۇچ، كاۋاۋىچىن ئۇنى، جىياڭيۇ، كىراخمال،تېتىتقۇ، توخۇ تەم جەۋھىرى

تەييارلاش ئۇسۇلى: خېمىرنى ئېتىنى نۇرمال قىلىپ لەغمەن خېمىرى يۇغۇرۋالىمىز. زەنجىۋىل،كاۋاۋىچىننى قايناق سۇغا چىلاپ قۇيىمىز. گۆشنى نىپىز يالپاق چاسا شەكىلدە توغراپ تۇز، كىراخمال، تۇخۇم، جاڭيو، ئازراق سۇ يېغى، ئاقمۇچ، كاۋاۋىچىن ئۇنى، تېتىتقۇ، توخۇ تەم جەۋھىرى قاتارلىقلار  بىلەن تەملەندۇرۋالىمىز.  بەسەينى نىپىز ياپلاقلاپ  توغرايمىز ، كۆكمۇچنى ئۈچ بۇرجەك شەكىلدە توغرىۋالىمىز، غولپىيازنى قىيپاچ تۇغرايمىز،سامساقنى زەنجىۋىللەرنى  يالپاقلايمىز، شەنلاجاۋنى قىسقا بۆلەك توغرايمىز.

ھەقلىق مەزمۇن ئايرىش سىزىقى

تەم شىرنىسى تەييارلاش ئۇسۇلى:بىر قاچىغا سوڭەك شورپىسى ياكى قايناقسۇ قۇيۇپ بۇنىڭغا تۇز، ئاقمۇچ، كاۋاۋىچىن، ساۋگۇ جاڭيۇ، كىراخمال سېلىپ ئارلاشتۇرۇپ تەم شىرنىسى تەييارلىۋالىمىز.
قورۇش ئۇسۇلى: قازانغا قازانغا بەش چۆمۈچ ئەتراپىدا ياغ قۇيۇپ قىزىغاندا تەملەندۈرۈلگەن گۆشنى سېلىپ قىزغۇچ سارغىيىپ پىشقاندا، بەسەي، كۆكمۇچلارنىمۇ بىرگە سېلىپ ياغدىن ئۆتكۈزۋالىمىز. قازانغا قايتىدىن يېرىم چۆمۆچ ياغ قۇيۇپ نورمال قىزىغاندا غولپىياز، سامساق ، زەنجىۋىل، شەنلاجاۋلانى   سېلىپ قورۇپ ئارقىدىن مايدىن ئۆتكۈزۋالغان گۆش ، بەسەي، كۆكمۇچلارنى سېلىپ بىللە قورۇپ بولغاندىن كىيىن مورنى سېلىپ،  تەييارلانغان تەم شىرنىسىنى  قۇيۇپ تەكشى ئارلاشتۇرۇپ  تەخسىگە ئېلىپ پىشۇرۇلغان ئاق چۆپ بىلەن بىرگە ئىستىمال قىلساق بۇلىدۇ .

كۇچا سۇيۇقئېشى (تاڭمەن)

كۇچا سۇيۇقئېشى (تاڭمەن) 汤面 خام ماتىريالى: ئۇن، گۆش، سوڭەك، دۈمبە ياغ، سۇڭپىياز، سامساق، شوخلا، پالەك، شولتا،(پىڭخۇي) تەم خۇرۇچلىرى:تۇز، خ

جۇۋاۋا قىيمىسى تۇرۇپتىمۇ ئوخشايدۇ، ئىشەنمەي قالماڭ!

تۇرۇپنىڭ باھاسى گەرچە ئەرزان بولسىمۇ، ئەمما تەركىبىدە ئادەم بەدىنىگە زۆرۈر بولغان كۆپ خىل ئۇزۇقلۇق ماددىلار بار بولۇپ، كونىلارنىڭ "قى

مەن ئىجاد قىلغان بويتاقلار تامىقىنى كۆرۈپ بېقىڭ

ئىنتايىن تەملىك بولغان يېڭىچە بىر قورۇما چۆپ

ھەپتە ئاخىرىدا بىر چىنە ھاردۇق ئېشى ئىچىۋىلىڭ!

ھاردۇق ئېشى، يەرلىك ئالاھىدىلىكتىكى تائاملارنىڭ بىرى بولۇپ، ئىسمىدىنلا ئۇنىڭ رولىنى بېلىۋىلىشقا بولىدۇ. بىر كۈن ھېرىپ-چارچاپ ئىشلىگەن

جۇسەي تۇخۇم جۇۋاۋىنى يەۋەرمەي، بۇنىمۇ يەپ كۆرۈپ بېقىڭ

جۇۋاۋىنى نۇرغۇن كىشىلەر ياقتۇرۇپ ئىستېمال قىلىدۇ. جۇۋاۋىنى تەييارلاش ئاددىي ھەم يىيىشلىك بولۇپ، بىر ئائىلە كىشلىرى ئولتۇرۇپ بىللە جۇۋا

تەييارلاش ئاددىي ئەمما تەمى ياخشى بولغان قولايلىق چۆپ

بۈگۈن كۆپچىلىككە تونۇشتۇرماقچى بولغان قولايلىق ئۈگرە چۆپ، مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان قولايلىق تائاملارنىڭ بىرى بولۇپ، تەييارلاش ئۇسۇلى ئ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号