ئالاھىدە چۆپ تەييارلاش
8 يىل ئىلگىرى ئاشپەز 61290:ئادەم ئۆگەندى
   خام ماتېرىيالى : ئۇن،ياغ، قوي گۆشى، غولپىياز، قارا قېرىنقۇلاق، كۆكمۇچ. قىزىلمۇچ، مايلىق يېسۋېلىك

   تەم خۇرۇچلىرى: تۇز، تېتىتقۇ، توخۇ تەم جەۋھىرى، زىرە، ئاقمۇچ، قىزىلمۇچ چانالمىسى،سامساق، ئاچچىقسۇ،  جاڭيۈ قاتارلىقلار.

   تەييارلاش ئۇسۇلى: ئۆلچەملىك ئاق ئۇنغا مۇۋاپىق مىقداردا تۇز سېلىپ ئىتىنى نورمال قىلىپ خېمىر يۇغۇرۇپ پىلتە قىلىپ تەييارلىۋالىمىز.

گۆشنى ياپراقچە قىلىپ توغرايمىز. غولپىياز ، كۆكمۇچ. قىزىلمۇچلارنى  ياپراقچە قىلىپ توغرىۋالىمىز.مايلىق يېسۋىلەكنى كالتە -كالتە قىلىپ توغرىۋالىمىز. قارا قېرىنقۇلاقنى سۇغا چىلاپ كۆپتۇرۋالىمىز.

قازانغا سۇ قۇيۇپ قاينىغاندا پىلتىنى ئاشتاختا ئۈستىگە ئېلىپ ئالقان بىلەن بېسىپ ياپىلاقداپ سوزۇپ غېرىچ ئۇزۇنلىقىدا ئۈزۈپ قازانغا سېلىپ پىشۇرۇپ سوغۇق سۇدا چايقاپ سۈيىنى سارقىتىپ تەييارلىۋالىمىز.


   قورۇش ئۇسۇلى: قازانغا ئۇچ چۆمۈچ ئەتراپىدا ياغ قۇيۇپ قىزىغاندا گۆشنى سېلىپ گۆش سارغىيىپ پىشقاندا ياغدىن ئوتكۇزۋالىمىز. قازانغا ئازراق ياغ قۇيۇپ قىزىغاندا  غولپىياز ،قىزىلمۇچ چانالمىسى سېلىپ قۇرۇپ ئارقىدىن قارا قېرىنقۇلاق، كۆكمۇچ. قىزىلمۇچلارنى سېلىپ تۇز تەمىنى تېتىپ ئاندىن مايلىق يېسۋىلەكنى سېلىپ ئاچچىقسۇ، سامساق سېلىپ ئارقىدىن تەييارلانغان چۆپنىڭ ئۇستىگە جاڭيۈ تېمىتىپ چۆپنى  قازانغا سېلىپ  ئارىلاشتۇرۇپ 

 قورۇپ تەخسىگە ئېلىپ ئىستېمال قىلساق بولىدۇ .

كۇچا سۇيۇقئېشى (تاڭمەن)

كۇچا سۇيۇقئېشى (تاڭمەن) 汤面 خام ماتىريالى: ئۇن، گۆش، سوڭەك، دۈمبە ياغ، سۇڭپىياز، سامساق، شوخلا، پالەك، شولتا،(پىڭخۇي) تەم خۇرۇچلىرى:تۇز، خ

جۇۋاۋا قىيمىسى تۇرۇپتىمۇ ئوخشايدۇ، ئىشەنمەي قالماڭ!

تۇرۇپنىڭ باھاسى گەرچە ئەرزان بولسىمۇ، ئەمما تەركىبىدە ئادەم بەدىنىگە زۆرۈر بولغان كۆپ خىل ئۇزۇقلۇق ماددىلار بار بولۇپ، كونىلارنىڭ "قى

مەن ئىجاد قىلغان بويتاقلار تامىقىنى كۆرۈپ بېقىڭ

ئىنتايىن تەملىك بولغان يېڭىچە بىر قورۇما چۆپ

ھەپتە ئاخىرىدا بىر چىنە ھاردۇق ئېشى ئىچىۋىلىڭ!

ھاردۇق ئېشى، يەرلىك ئالاھىدىلىكتىكى تائاملارنىڭ بىرى بولۇپ، ئىسمىدىنلا ئۇنىڭ رولىنى بېلىۋىلىشقا بولىدۇ. بىر كۈن ھېرىپ-چارچاپ ئىشلىگەن

جۇسەي تۇخۇم جۇۋاۋىنى يەۋەرمەي، بۇنىمۇ يەپ كۆرۈپ بېقىڭ

جۇۋاۋىنى نۇرغۇن كىشىلەر ياقتۇرۇپ ئىستېمال قىلىدۇ. جۇۋاۋىنى تەييارلاش ئاددىي ھەم يىيىشلىك بولۇپ، بىر ئائىلە كىشلىرى ئولتۇرۇپ بىللە جۇۋا

تەييارلاش ئاددىي ئەمما تەمى ياخشى بولغان قولايلىق چۆپ

بۈگۈن كۆپچىلىككە تونۇشتۇرماقچى بولغان قولايلىق ئۈگرە چۆپ، مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان قولايلىق تائاملارنىڭ بىرى بولۇپ، تەييارلاش ئۇسۇلى ئ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号