قوساقنى تويغۇزۇپ خۇمارنى باسىدىغان قىياملىق چۆپ
5 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 73278:ئادەم ئۆگەندى
   بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، تەملىك ھەم يىيىشلىك بولغان ئاچچىق-چۈچۈك قىياملىق چۆپ تەييارلاش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
   بۇ خىل چۆپنىڭ يىيىشلىك بولۇشىنىڭ سەۋەبى، خېمىرنى يۇغۇرۇش بىلەن تەملەشتۈرۈش ئۈچۈن تەييارلانغان ئاچچىق قىيامدا بولۇپ، بۇ ئىككى نۇقتىنى ياخشى ئىگىلىيەلىسىڭىزلا، تەييارلىغان چۆپىڭىزنى قالدۇرماي يەۋىتىسىز.
تەييارلاش ئۇسۇلى
   ئالدى بىلەن خېمىر يۇغۇرىمىز. ئەگەر چۆپنى چىڭ ھەم يىيىشلىك چىقسۇن دىسىڭىز، ئامال بار يۇقىرى تالالىق ئۇن(高筋面粉) ئىشلىتىڭ. 500گىرام ئۇنغا 4گىرام تۇز قوشۇپ، كەينىدىن 240گىرام ئەتراپىدا ئىلمان سۇ قۇيۇپ خېمىر يۇغۇرىمىز.
   خېمىرنى يۇغۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، يېڭى ساقلاش پىلاستىرىدا خېمىرنى ئوراپ تىندۇرىمىز؛ تىندۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، خېمىرنى قايتىدىن يەنە بىر قېتىم ئەيلەيمىز.
   خېمىرنى ئەيلەپ بولغاندىن كېيىن يايغۇدا يېيىپ نىپىز ھالەتكە ئەكىلىمىز؛ كەينىدىن ئىككى بارماق كەڭلىكىدە چۆپ قىلىپ كىسىۋالىمىز ھەمدە كىسىۋالغان چۆپنى ئىككى بېشىدىن يېنىك تارتىپ تېخىمۇ نېپىزلىتىمىز.
   چۆپنى كىسىپ تارتىپ بولغاندىن كېيىن، قازاندا سۇ قاينىتىپ چۆپنى سېلىپ پىشۇرىمىز؛ چۆپ پىشقاندىن كېيىن سۈزۈپ ئېلىپ سوغۇق سۇدا چايقايمىز.
   بۇ ۋاقىتتا تەملەشتۈرۈشكە ئىشلىتىدىغان قىيام تەييارلايمىز. چىنىگە سامساق چانالمىسى، غولپىياز مايسىسى چانالمىسى، ئاق كۈنجۈت ۋە قىزىلمۇچ تالقىنى قاتارلىقنى سېلىپ، ئۈستىگە بىر چۆمۈچ قىزىتىلغان ماي قۇيىمىز؛ كەينىدىن ئۈستىگە ئۈچ قوشۇق جىياڭيۇ، ئىككى قوشۇق ئاچچىقسۇ، يېرىم قوشۇق تۇز قوشۇپ ئارىلاشتۇرساق، تەملەشتۈرۈش قىيامى تەييار بولىدۇ.
   تەييارلىغان قىيامنى چۆپنىڭ ئۈستىگە قۇيۇپ ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن، ئۈستىگە ئازراق غولپىياز مايسىسى سېپىۋەتسەكلا ئىستىمال قىلىشقا بولىدۇ.

كۇچا سۇيۇقئېشى (تاڭمەن)

كۇچا سۇيۇقئېشى (تاڭمەن) 汤面 خام ماتىريالى: ئۇن، گۆش، سوڭەك، دۈمبە ياغ، سۇڭپىياز، سامساق، شوخلا، پالەك، شولتا،(پىڭخۇي) تەم خۇرۇچلىرى:تۇز، خ

جۇۋاۋا قىيمىسى تۇرۇپتىمۇ ئوخشايدۇ، ئىشەنمەي قالماڭ!

تۇرۇپنىڭ باھاسى گەرچە ئەرزان بولسىمۇ، ئەمما تەركىبىدە ئادەم بەدىنىگە زۆرۈر بولغان كۆپ خىل ئۇزۇقلۇق ماددىلار بار بولۇپ، كونىلارنىڭ "قى

مەن ئىجاد قىلغان بويتاقلار تامىقىنى كۆرۈپ بېقىڭ

ئىنتايىن تەملىك بولغان يېڭىچە بىر قورۇما چۆپ

ھەپتە ئاخىرىدا بىر چىنە ھاردۇق ئېشى ئىچىۋىلىڭ!

ھاردۇق ئېشى، يەرلىك ئالاھىدىلىكتىكى تائاملارنىڭ بىرى بولۇپ، ئىسمىدىنلا ئۇنىڭ رولىنى بېلىۋىلىشقا بولىدۇ. بىر كۈن ھېرىپ-چارچاپ ئىشلىگەن

جۇسەي تۇخۇم جۇۋاۋىنى يەۋەرمەي، بۇنىمۇ يەپ كۆرۈپ بېقىڭ

جۇۋاۋىنى نۇرغۇن كىشىلەر ياقتۇرۇپ ئىستېمال قىلىدۇ. جۇۋاۋىنى تەييارلاش ئاددىي ھەم يىيىشلىك بولۇپ، بىر ئائىلە كىشلىرى ئولتۇرۇپ بىللە جۇۋا

تەييارلاش ئاددىي ئەمما تەمى ياخشى بولغان قولايلىق چۆپ

بۈگۈن كۆپچىلىككە تونۇشتۇرماقچى بولغان قولايلىق ئۈگرە چۆپ، مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان قولايلىق تائاملارنىڭ بىرى بولۇپ، تەييارلاش ئۇسۇلى ئ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号