تەييارلاش ئاددىي ئەمما تەمى ياخشى بولغان قولايلىق چۆپ
5 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 44537:ئادەم ئۆگەندى
   بۈگۈن كۆپچىلىككە تونۇشتۇرماقچى بولغان قولايلىق ئۈگرە چۆپ، مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان قولايلىق تائاملارنىڭ بىرى بولۇپ، تەييارلاش ئۇسۇلى ئاددىي بولسىمۇ، ئەمما تەمى ئۈگرىخانىلاردىكى ھەقىقىي ئۈگرىدىن قېلىشمايدۇ.
   خام ماتېرىيالى:  تەييار ئۈگرە چۆپ، غولپىياز مايسىسى،
   تەم خۇرۇچلىرى: تۇز، توخۇ تەم جەۋھىرى، شىڭچۇۋ جىياڭيۇسى، ئاچچىقسۇ، كۈنجۈت مېيى(ياكى قوي مېيى)، ئادەتتىكى ئىستىمال مېيى، ئاقمۇچ
تەييارلاش ئۇسۇلى
   1. غولپىياز مايسىسىنى ئۇششاق توغراپ قاچىغا سالغاندىن كېيىن، ئۈستىگە مۇۋاپىق مىقداردا توخۇ تەم جەۋھىرى، تۇز، شىڭچۇۋ جىياڭيۇسى، ئاچچىقسۇ، كۈنجۈت مېيى، ئاقمۇچ قاتارلىقلارنى قوشۇپ ئارىلاشتۇرىمىز.
   2. ئازراق ئىستىمال مېيىنى قىزىتىپ، تەييار قىلغان قىيام ئۈستىگە قۇيىمىز.
   3. ئۈستىگە بىر پىيالە قايناقسۇ قۇيۇپ ئارىلاشتۇرىمىز.
پىشۇرۇش ئۇسۇلى
   4. قازاندا سۇ قاينىتىپ، ئۈگرە چۆپنى سېلىپ پىشۇرىمىز.
   5. چۆپ پىشقاندىن كېيىن سۈزۈپ ئېلىپ، تەييارلىغان قىيامغا سېلىپ ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىنلا ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ.

   بۇ خىل چۆپنى تەييارلاشتا، قوي مېيى ئىشلەتسەك تەمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ؛ ئەلۋەتتە، قوي مېيىنىڭ ئۆيدە ھەرۋاقىت بار بولۇشى ناتايىن، شۇڭا ئادەتتە قوي مېيى يوق ئەھۋال ئاستىدا، كۈنجۈت مېيى ئىشلەتسەك بولىدۇ.

كۇچا سۇيۇقئېشى (تاڭمەن)

كۇچا سۇيۇقئېشى (تاڭمەن) 汤面 خام ماتىريالى: ئۇن، گۆش، سوڭەك، دۈمبە ياغ، سۇڭپىياز، سامساق، شوخلا، پالەك، شولتا،(پىڭخۇي) تەم خۇرۇچلىرى:تۇز، خ

جۇۋاۋا قىيمىسى تۇرۇپتىمۇ ئوخشايدۇ، ئىشەنمەي قالماڭ!

تۇرۇپنىڭ باھاسى گەرچە ئەرزان بولسىمۇ، ئەمما تەركىبىدە ئادەم بەدىنىگە زۆرۈر بولغان كۆپ خىل ئۇزۇقلۇق ماددىلار بار بولۇپ، كونىلارنىڭ "قى

مەن ئىجاد قىلغان بويتاقلار تامىقىنى كۆرۈپ بېقىڭ

ئىنتايىن تەملىك بولغان يېڭىچە بىر قورۇما چۆپ

ھەپتە ئاخىرىدا بىر چىنە ھاردۇق ئېشى ئىچىۋىلىڭ!

ھاردۇق ئېشى، يەرلىك ئالاھىدىلىكتىكى تائاملارنىڭ بىرى بولۇپ، ئىسمىدىنلا ئۇنىڭ رولىنى بېلىۋىلىشقا بولىدۇ. بىر كۈن ھېرىپ-چارچاپ ئىشلىگەن

جۇسەي تۇخۇم جۇۋاۋىنى يەۋەرمەي، بۇنىمۇ يەپ كۆرۈپ بېقىڭ

جۇۋاۋىنى نۇرغۇن كىشىلەر ياقتۇرۇپ ئىستېمال قىلىدۇ. جۇۋاۋىنى تەييارلاش ئاددىي ھەم يىيىشلىك بولۇپ، بىر ئائىلە كىشلىرى ئولتۇرۇپ بىللە جۇۋا

تەييارلاش ئاددىي ئەمما تەمى ياخشى بولغان قولايلىق چۆپ

بۈگۈن كۆپچىلىككە تونۇشتۇرماقچى بولغان قولايلىق ئۈگرە چۆپ، مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان قولايلىق تائاملارنىڭ بىرى بولۇپ، تەييارلاش ئۇسۇلى ئ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号