ئۇزۇن ئۆمۈر ئېشىنى ئۆيدە تەييارلاش ئۇسۇلى
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 54623:ئادەم ئۆگەندى
   ئادەتتە ئائىلىدىكى بىرەرسىمىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنى كەلگەندە، كۆپىنچە سىرتلارغا چىقىپ تاماق يىيىشنى ياكى تورت يەپ غەرپچە تۇغۇلغان كۈن ئۆتكۈزۈشنى ياخشى كۆرىمىز؛ ئەمىلىيەتتە، ئۆيدە ئاددىغىنا ئۇزۇن ئۆمۈر ئېشى تەييارلاپ يىسەك، تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك بولىدۇ.
كىتەرلىك ماتىريال
   چۆپ (ماشىنىدا چىقارغان چۆپ ياكى گومەننىڭ قايسىسى بولسا بولىۋىرىدۇ)، تۇخۇم، شوخلا، پىياز، سامساق، بەسەي ياپراقچىسى، چىچەكسەي، موگو، راك، سەۋزە
خۇرۇچ ماتىرياللىرى
   مۇچ قىيامى، تۇز، قارىمۇچ،
 
تەييارلاش ئۇسۇلى
 
-1-
   قازاندا سۇ قاينىتىپ چۆپنى پىشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن سۇغۇق سۇغا چىلاپ قويىمىز؛ چۆپ پىشۇرغان سۇدا، چىچەكسەي بىلەن بەسەي ياپراقچىسىنى قاينىتىۋالىمىز.
 
-2-
   موگونى ئالدىنئالا سۇغا چىلاپ قويۇپ كۆپتۈرگەندىن كىيىن، ئۇششاق قىلىپ توغرايمىز؛ شوخلىنى ئۇششاق توغرايمىز؛ پىيازنى قەلەمچە قىلىپ توغرايمىز؛ سەۋزىنى ياپراقچە ھالىتىدە ئازراق شەكىل چىقىرىپ توغرىۋالىمىز.

-3-
   ئاستى تۈز قازانغا ئازراق ماي قۇيۇپ، تۇخۇمنى قوچىماستىن بىۋاستە قازانغا چېقىپ خېباۋدەن قاتۇرىمىز؛ تۇخۇم قاتۇرۇش جەريانىدا، راكنىمۇ بىللە قازاندىكى مايدا داغلاپ پىشۇرۋالىمىز.

-4-
   تۇخۇم بىلەن راكنى قاتۇرۇپ ۋە داغلاپ بولغاندىن كىيىن قاچىغا ئېلىپ قويۇپ تۇرىمىز؛ قازانغا داۋاملىق تۈردە يەنە ئازراق ماي قۇيۇپ قىزىتىپ، پىياز، موگو، سامساق، سەۋزىلەرنى سېلىپ تەم چىقىرىپ قورۇيمىز.

-5-
   شوخلىنى سېلىپ، ئازراق سۇ قۇيۇپ قاينىتىپ قىيام قىلىمىز؛ ئەگەر ئاچچىقراق يىيىشنى ياخشى كۆرسىڭىز، ئازراق مۇچ تالقىنى ياكى مۇچ قىيامى قوشۇۋەتسىڭىز بولىدۇ.
 
-6-
   قازاننىڭ سۈيى قويۇلغان ۋاقىتتا، ئۈستىگە ئالدىدا پىشۇرۋالغان بەسەي ياپراقچىسىنى تاشلاپ، ئازراق تۇز قوشۇپ تەم تەڭشىگەندىن كىيىن ئوتنى ئۆچۈرىمىز.
 
-7-
   پىشۇرۇپ تەييار قىلغان چۆپنى قازانغا سېلىپ تەكشى ئارىلاشتۇرىمىز.

-8-
   ئاخىرىدا تەخسىگە ئۇسۇپ ئېلىپ، ئالدىدا تەييارلىغان تۇخۇم، راك، چىچەكسەي قاتارلىقلار بىلەن تەخسىنى بىزىگەندىن كىيىن ئۈستىگە ئازراق قارىمۇچ سېپىۋەتسەكلا بولىدۇ.

كۇچا سۇيۇقئېشى (تاڭمەن)

كۇچا سۇيۇقئېشى (تاڭمەن) 汤面 خام ماتىريالى: ئۇن، گۆش، سوڭەك، دۈمبە ياغ، سۇڭپىياز، سامساق، شوخلا، پالەك، شولتا،(پىڭخۇي) تەم خۇرۇچلىرى:تۇز، خ

جۇۋاۋا قىيمىسى تۇرۇپتىمۇ ئوخشايدۇ، ئىشەنمەي قالماڭ!

تۇرۇپنىڭ باھاسى گەرچە ئەرزان بولسىمۇ، ئەمما تەركىبىدە ئادەم بەدىنىگە زۆرۈر بولغان كۆپ خىل ئۇزۇقلۇق ماددىلار بار بولۇپ، كونىلارنىڭ "قى

مەن ئىجاد قىلغان بويتاقلار تامىقىنى كۆرۈپ بېقىڭ

ئىنتايىن تەملىك بولغان يېڭىچە بىر قورۇما چۆپ

ھەپتە ئاخىرىدا بىر چىنە ھاردۇق ئېشى ئىچىۋىلىڭ!

ھاردۇق ئېشى، يەرلىك ئالاھىدىلىكتىكى تائاملارنىڭ بىرى بولۇپ، ئىسمىدىنلا ئۇنىڭ رولىنى بېلىۋىلىشقا بولىدۇ. بىر كۈن ھېرىپ-چارچاپ ئىشلىگەن

جۇسەي تۇخۇم جۇۋاۋىنى يەۋەرمەي، بۇنىمۇ يەپ كۆرۈپ بېقىڭ

جۇۋاۋىنى نۇرغۇن كىشىلەر ياقتۇرۇپ ئىستېمال قىلىدۇ. جۇۋاۋىنى تەييارلاش ئاددىي ھەم يىيىشلىك بولۇپ، بىر ئائىلە كىشلىرى ئولتۇرۇپ بىللە جۇۋا

تەييارلاش ئاددىي ئەمما تەمى ياخشى بولغان قولايلىق چۆپ

بۈگۈن كۆپچىلىككە تونۇشتۇرماقچى بولغان قولايلىق ئۈگرە چۆپ، مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان قولايلىق تائاملارنىڭ بىرى بولۇپ، تەييارلاش ئۇسۇلى ئ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号