توققۇز بالىسى بار ئەر سالامەتلىك تەكشۈرۈشىدە تۇغماس چىقىپ قالدى
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 7384:قېتىم كورۇلدى
   ماراكەشلىك بىر ئەر توي قىلغىلى 35 يىل بولغان ھەم 9 پەرزەنتلىك بولغان بولۇپ، ئەسلىدە بىر ئائىلە كىشىلىرى بەخىتلىك تۇرمۇش كەچۈرۋاتاتتى. بىراق يېقىنقى بىر قېتىملىق سالامەتلىك تەكشۈرۈش جەريانىدا، بۇ ئەرنىڭ ئەسلىدىنلا تۇغماس ئەر ئىكەنلىكى بايقالدى، چۈنكى ئۇ ئاجرىتىپ چىقارغان مەنىيدە بىرتالمۇ ئسىپىرما يوق ئىدى. بۇ ئەھۋالنى ئاڭلاپ، ئەرنىڭ قەلبىنى قاراڭغۇلۇق باستى؛ چۈنكى ئۇ شۇنچە يىلدىن بىرى خەقنىڭ بالىسىنى مىنىڭ بالام دەپ بېقىپ كەلگەن ئىدى.
   ماراكەش كۈندىلىك گىزىتىنىڭ ئاخباراتىغا ئاساسلانغاندا، بۇ ئەر سىدىسىلىمانى دەيدىغان كىچىك بىر شەھەردە تۇرۇشلۇق بولۇپ، بىر مەكتەپنىڭ پىروففىسورى ئىكەن. ئۇ يېقىندا سالامەتلىك تەكشۈرتۈش ئۈچۈن دوختۇرخانىغا بارغاندا، سۈيدۈك ئاجرىتىش سېستىمىسى كىسەللىكلىرى بۆلۈم دوختۇرى ئۇنىڭ ئوڭ تەرەپ ئۇرۇقدان ئىچىدە بىر كىچىك ئۆسمە بايقىغان؛ دوختۇر بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈشلەردىن كىيىن، بۇ ئۆسىمىنىڭ ئادەمنىڭ بەدەن ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزمەيدىغانلىقنى، بىراق ئادەمنىڭ كۆپىيىش ئىقتىدارىنى پۈتۈنلەي يوق قىلىۋاتىدىغانلىقىنى بايقىغان. دوختۇرنىڭ ئېيتىشىچە، تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ ئۆسمىنىڭ ئۇ ئەر پىروففىسورنىڭ بەدىنىدە شەكىللەنگىلى 50 نەچچە يىل بولغانلىقى ھەمدە بۇ سەۋەپلىك ئەر پىروففىسور ئاجرىتىپ چىقارغان مەنىيدە ئىسپىرما يوق بولىدىغانلىقى ئىسپاتلانغان.
    پىروففىسور ھەرقانچە قىلىپمۇ بۇ يەكۈنگە ئىشىنەلمەي، دوختۇرنى خاتالىشىپ قالغان دەپ قارىغان؛ چۈنكى ئۇ توي قىلغىلى 35يىل بولغان بولۇپ، ئۇنىڭ ھازىر 9 پەرزەنتى بار ئىكەن، شۇڭا ئۇنى قانداقمۇ كىچىكىدىن تارتىپلا تۇغماس كىسىلىگە گىرىپتار بولغان دەپ ئېيتىشقا بولسۇن؟ شۇندىن كىيىن، پىروففىسور يەنە باشقا ئورۇنلارغا بېرىپ بىر قاتار تەكشۈرۈشلەرنى قىلغۇزغان بولۇپ، ئاخىرقى نەتىجىدە ئىلگىرىكى دوختۇرنىڭ چىقارغان يەكۈنىنىڭ توغرا ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان.
   بۇ يىل 4-ئايدا، پىروففىسور ئادۇۋكات تەكلىپ قىلىپ، ئايالىغا ئاجرىشىش تەلىپىنى قويغان ھەمدە زىناخورلۇق جىنايىتى بىلەن ئايالىنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلغان ۋە 9 بالىسى بىلەن ئاتا-بالىلىق مۇناسىۋەتنى ئۈزۈشتە چىڭ تۇرغان. ئۇنىڭ بۇ ۋاقىتتىكى غەزىپىگە گەپ توغرا كەلمەيتتى، چۈنكى ئايالى 35 يىلدىن بىرى ئۇنى ئالداپ كەلگەن ھەمدە ئىرىگە ئاسىيلىق قىلىپ، باشقىلاردىن توققۇز بالا تاپقان.
   خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، پىروففىسور ئەرزىنى قوبۇل قىلغان سوت مەھكىمىسىدىن، تىببى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، ئۆزىنىڭ 50 يىلدىن بىرى تۇغماس كىسىلىگە گىرىپتار ئىكەنلىكىنى ھەمدە ئۆزىنىڭ توققۇز ئەمەس بىرمۇ پەرزەنتلىك بولالمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بىكىتىپ چىقىشىنى تەلەپ قىلغان. سوت مەھكىمىسى تەرەپنىڭ ئاشكارىلىشىچە، پىروففىسور، بارلىق ئالاقىدار تەكشۈرۈشلەرنىڭ ھەممىنى قىلىپ تۈگەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئېيتقانلىرى ۋە ئايالى ئۈستىدىن قىلغان ئەرزىنىڭ ھەقىقى ئەھۋال ئىكەنلىكى، تىبابەت تېخىنىكىسى تەرپىدىن ئسىپاتلىنىپ چىققان ئىدى. پىروففىسورنىڭ مەنىي تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇ ئاجرىتىپ چىقارغان مەنىي سۇيۇقلىقىدا ئىسپىرما يوق ئىكەن؛سۈيدۈك ئاجرىتىش سېستىمىسى كىسەللىكلىرى دوختۇرىنىڭ دوكلاتى ۋە بىئولوگىيىلىك ئانالىز ماتىرياللىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۇنىڭ ئوڭ تەرەپ ئۇرۇقداندىكى شەكىللىنىش تارىخى 50 يىلدىن ئاشقان ئۆسمە، ئۇنىڭ مەنىي سۇيۇقلۇقىدا ئىسپىرما بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سەۋەپ ئىكەن.
    ئىگىلەشلەرگە ئاساسلانغاندا، زىناخورلۇق جىنايىتى، ماراكەشتە ئېغىر جىنايەت ھىسابلىنىدىغان بولۇپ، ئەگەر سوت مەھكىمىسى پىروففىسورنىڭ ئايالىنى جىنايىتى بار دەپ بىكىتسە، ئۇنداقتا پىروففىسورنىڭ ئايالى قاماق جازاسىغا ئۇچرايدىكەن.

كەچتە ئالما يىيىش ئاشقازانغا زىيانلىقمۇ

ئالما، تۇرمۇشىمىزدا كۆپ ئۇچرايدىغان مىۋىلەرنىڭ بىرى؛ ئۇنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، بەدەنگە ئىھتىياجلىق بولغان ۋىيتام

نامراتلىشىپ كەتكەنسىرى بۇ ئىككى خىل ئادەتنى يىتىلدۈرۈڭ

سىز ئەتىگىنى ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ بولالماي كارۋاتتا بىردەم يېتىۋالماقچى بولۇۋاتقاندا، خىزمەت مەيدانىدىكى قابىللار ئاللىبۇرۇن قەھۋە ئىچك

دۆلىتىمىزدىكى تۇنجى "تۈكلۈك ئوغۇل" توي قىلدى

بۇيىل 42ياشقا كىرىپ قالغان يۈ جېنخۇەن، مىكروبىلوگدا ئۆزىنىڭ توي خەۋرىنى ئېلان قىلىپ، ئايالى بىلەن ئىككىسىنىڭ تويلىشىش گۇاھنامىسىنىڭ رە

ئەر-خوتۇنلار بۇ ئۈچ نەرسىنى ئورتاق بەھىرلىنىپ باقمىغان بولسا

ھازىرقى مۇھەببەت، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ تۈرتكىسى ئاستىدا، رېتىمى تەدرىجى ھالدا تىزلىشىپ كەتتى. نۇرغۇن ياش ئەر-خوتۇنلار، ھېچقانچىلىك

قايتا تويلاشقان ئائىلىلەردىكى مەخپىيەتلىك

بىز بۈگۈن تىلغا ئېلىپ ئۆتمەكچى بولغان مەزمۇن: قايتا تويلاشقانلار قۇرۇپ چىققان ئائىلىلەردىكى مەخپىيەتلىكنى، تۇنجى توي قىلىپ ئائىلە قۇر

دۇفۇنىڭ بۇ خىل تەييارلاش ئۇسۇلىنى بىر مىنۇتتا ئۆگىنىۋالالايسىز

دۇفۇ، ئەڭ ئەرزان بولغان بىر خىل كالتسى تۇلۇقلاش ماتىريالى بولۇپ، كۈندىلىك تۇرمۇشتا ھەمىشە ئىستىمال قىلىپ تۇرىمىز؛ بۇندىن باشقا، دۇفۇنى

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号