قايتا تويلاشقان ئائىلىلەردىكى مەخپىيەتلىك
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5717:ئادەم ئۆگەندى
    بىز بۈگۈن تىلغا ئېلىپ ئۆتمەكچى بولغان مەزمۇن: قايتا تويلاشقانلار قۇرۇپ چىققان ئائىلىلەردىكى مەخپىيەتلىكنى، تۇنجى توي قىلىپ ئائىلە قۇرغانلار مەڭگۈ بىلمەيدۇ، سىز بىلەمسىز بىلمەمسىز؟
ئالدىنىپ قېلىشتىن قورقۇش
    بىرىنچى قېتىملىق توي تۇرمۇشى ۋە مۇھەببىتى ۋەيرانچىلىققا ۋە ئازاپقا ئۇچرىغاندىن كىيىن، ئىككىنچى قېتىم قايتا تويلاشماقچى بولغاندا، ئۇلار ئالدىنىپ قېلىشتىن قورقىدۇ، ئىلگىرىكى كۆڭۈل ئازابىنى يەنە بىر قېتىم تارتىپ قېلىشتىن قورقىدۇ. چۈنكى، بىر قېتىم مەغلۇبىيەتلىك مۇھەببەتنى باشتىن كەچۈرگەن بولغاچقا، ئۇلاردا مۇھەببەتكە قارىتا گۇمان پەيدا بولۇپ، ھەممە نەرسىگە گۇمان نەزىرى بىلەن قارايدىغان بولۇپ قالىدۇ؛ بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ساپ ۋە سەمىمى مۇھەببەتكە ئىنتىزار بولىدۇ. بىراق، ئەگەر قارشى تەرەپ ئۆزىگە بىر سۇغۇق بىز قىزغىن مۇئامىلىدە بولسا، ئۇنى باشقىچە مەقسىتى بار ئوخشايدۇ دەپ قاراپ، توي تۇرمۇشىنىڭ يەنە بىر قېتىم بۇزۇلۇشىدىن ئەنسىرەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئىككىنچى قېتىم قايتا توي قىلىشقانلار، ئادەتتە كۆپرەك پىكىرلىشىپ تۇرىشى، بۇ خىل پىسخىكىسىنى بالدۇرراق يىڭىپ چىقىشى كىرەك.
ئىلگىرىكى ۋە ھازىرقى ئىرىنى سېلىشتۇرىدۇ
    قايتا توي قىلغان ئاياللار، بىر قېتىملىق مەغلۇبىيەتلىك تويلىشىشنى باشتىن كەچۈرگەندىن كىيىن، ئۇلار تېخىمۇ سەزگۈر بولۇپ كىتىدۇ. بەزى كىشىلەر توي قىلغاندىن كىيىن، ئىلگىرىكى ئىرى بىلەن ھازىرقى ئىرىنى سېلىشتۇرۇشقا باشلايدۇ. قايتا تويلاشقان ئەر-خوتۇنلار ئاسان ئۆتكۈزىدىغان خاتالىقنىڭ بىرسى، ئەسلىدىكى جۈپتىنىڭ ئارتۇقچىلىقى بىلەن ھازىرقى ئىرىنىڭ كەمچىلىكىنى سېلىشتۇرۇپ، ھەممە ئىشتىن قۇسۇر ئىزدەپ نارازى بولىشىدۇ. بۇ خىل قىلمىش، قارشى تەرەپنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتىدۇ ھەم ئۆزىنىڭ قايتا قۇرۇپ چىققان ئائىلىسىگە ئۈمىدسىزلىنىشىنى ۋە توي تۇرمۇشىنىڭ يەنە بىر قېتىم بۇزۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بىلىشىڭىز كىرەككى، ھەرقانداق بىر ئادەمنىڭ  ئارتۇقچىلىقى ۋە كەمچىلىكى بار؛ شۇنىڭ ئۈچۈن، قارشى تەرەپكە ئاكتىپچانلىق بىلەن ئومۇميۈزلۈك ھالدا باھا بىرىش، قارشى تەرەپنى چۈشىنىپ ئۇنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى تۇنۇپ يىتىش كىرەك. بۇنىڭ بىلەن بىرگە، قارشى تەرەپنىڭ كەمچىلىكلىرىنى تۈزىتىشىگە ياردەملىشىپ، ئۇنى ئۆزىمىزنىڭ كۆڭلىدىكىدەك ھەمراغا ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولىشىمىز لازىم.
بالىنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتىپ قويۇشتىن ئەنسىرەيدۇ
   ئەمىلىيەتتە، قايتا تويلىشىش، ئىككى ئادەم ئوتتۇرسىدىكىلا ئىش ئەمەس، بۇنىڭدا يەنە بالىنىڭ ھىسياتىنىمۇ ئويلاشماي بولمايدۇ. بالىغا تۇيۇقىسز باشقا بىر ئانا ياكى دادىنى قوبۇل قىلىڭ دىسە، بۇ قسىقا ۋاقىت ئىچىدە ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغان ئىش ئەمەس. ئەگەر بۇ ۋاقىتتا بالىڭىز چوڭۇپ قالغان بولسا، ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ پىكىرى قاراشلىرى بولىدىغانلىقى ئۈچۈن، قايتا تويلىشىشتىن بۇرۇن ئەڭ ياخشىسى ئۇلارنىڭ پىكىرىنى ئېلىش كىرەك. بۇنىڭدا ئاندىن ئۇلارنىڭ روھى جەھەتتىن ئازاپلىنىشىنى ئازايتىقىلى بولىدۇ.
ئىرىنىڭ ئىلگىرىكى ئايالى بىلەن تېپىشىۋىلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ
    قايتا توي قىلغان ئاياللار، ئىلگىرىكى مەغلۇبىيىتى سەۋەپلىك، ئىلگىرىكى توي تۇرمۇشى ئېلىپ كەلگەن پىسخىكىلىق توسالغۇدىن بالدۇرراق قۇتۇلۇش ئۈچۈن، ئۇلار ناھايىتى تىزلا بۇ قېتىملىق توي تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىرىپ كىتىدۇ. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، ئۇلار كۆپىنچە، ھازىرقى ئىرىنىڭ ئىلگىرىكى ئايالى بىلەن نىمە سەۋەپتىن ئاجرىشىپ كەتكەنلىكىنى چۈشىنىشكە ئۈلگۈرمىگەن بولغاچقا، تويدىن كىيىن ئىرىنىڭ ئىلگىرىكى ئايالى بىلەن تېخى تۇلۇق ئۈزۈلۈشۈپ بولالمىغانلىقىنى بايقىسا، روھى جەھەتتىن ئازاپلىنىپ تۈگىشىپ كىتىدۇ.
    بۇ ۋاقىتتا، ئاياللار ئاسانلا بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى يوقىتىپ قويىدۇ. شۇڭلاشقا، قايتا توي قىلغان ئەرلەر، قايتا تويلاشقان ئايالىنى قەدىرلەيمەن دىسە، ئۇنىڭ يىتەرلىك دەرىجىدە بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بىرىشكە تىرىشمىقى لازىمدۇر.
قايتا تويلاشقانلار تېخىمۇ ئەمىلىيەتچىل كىلىدۇ
   قايتا تويلىشىشنىڭ مەقسەت نىشانى ناھايىتى ئىنىق؛ ئۇ بولسىمۇ، داۋاملىق كۈن ئۆتكۈزىدىغان ئادەمدىن بىرنى تېپىش بولۇپ، تۇراقلىق بىر تۇرمۇشقا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، رومانتىكىلىق ۋە ھاياجانلىق تۇيغۇسى، بۇرۇنقىدەك ئۇنداق مۇھىم بولۇپ كەتمەسلىكى مۇمكىن. بەزى قايتا تويلاشقان كىشىلەر ئۆزىگە تويلىشىدىغان ھەمرا ئىزدىگەن ۋاقىتتا، ئۆزىنىڭ مائاش كىرىمى ۋە قارشى تەرەپكە بولغان تەلىۋىنى ئىنىق ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بالىسى نەچچە ياشقا كىردى، كىمگە قېلىغلىق، ھەر ئايدا نەچچە پۇل نەپەقە پۇلى بىرىدۇ، ئۆي بارمۇ يوق دىگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى ئىنىق سۈرۈشتە قىلىشىدۇ.

كۈنلىرىڭىز قانچە تەسلەشكەنسىرى، بۇ تۆت ئىشتا شۇنچە چىڭ تۇرۇڭ

قىيىنچىلىققا تولغان كۈنلەر، قوش بىسلىق پىچاققا ئوخشايدىغان بولۇپ، ئۈمىدۋار كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇ بىر خىل ھەرىكەتلەند

"كۆڭلى" نامرات ئەرگە ياتلىق بولسىڭىز، بىر ئۆمۈر جاپا تارتىسىز

ئاياللار ئۆزىگە لايىق تاللىغاندا، كۆپىنچە ئاياللارنىڭ ئويلىشىدىغىنى، ئۇنىڭ ئىقتىسادى ئاساسى بار يوقلۇقى ئەمەس، بەلكى ئۇ ئەركىشىنىڭ كە

لى جىياچىڭنىڭ سودا ساھەسىدە مۇۋەپپىقىيەت قازىنىش سىرى

نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ خاتىرسىدە، 70يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت سودا تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغان لى جىياچىڭ ئەزەلدىن ئۇتتۇرۇپ باقمىغان، زىيان تارتىپ

ئاشقازان ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ناچار ئادەتلەر

ئەگەر ئاشقازان سۇيۇقلۇقى ئاشقازان كىسلاتاسى ۋە ئاشقازان ئاقسىل ئىنزىمى ئاجرىتىپ چىقارغان ۋاقىتتا، ئاشقازاندا بۇلارنى نىتراللاشتۇرىدى

26جىڭ ئالتۇن ئېسىپ يۈرىدىغان باينىڭ ساختىلىقى ئاشكارىلىنىپ قالدى

بىراق، بۇ يىل 36ياشقا كىرگەن ۋىيتناملىق ئەر چىن ۋىنفۇ، ئالتۇن زىبۇ-زىننەتلىرىنى "جىڭ" بويىچە ھىسابلايدىغان بولۇپ، ئۇ ھەركۈنى كوچىغا چىق

ئادەم ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا نەچچە كۈن ئۇخلىماي بەرداشلىق بىرەلەيدۇ

ئادەم نىمە ئۈچۈن ئۇخلايدۇ مەسىلىسىگە كەلسەك، ئاددىيلاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، بۇ خۇددى باتارىيەگە توك قاچىلىغانغا ئوخشاش بولۇپ، بۇنىڭدا بىزن

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号