ھەممەيلەن نامراتلار بىر ئۆمۈر نامرات ئۆتۈپ كەتمەيدۇ دىيىشىدۇ؛ بىراق، نامراتلارنىڭ بېيىپ پۇلدارغا ئايلىنىشىغا بەلگىلىك تاكتىكا كىتىدۇ. بىراق، بېيىپ پۇلدار كىشىگە ئايلىنىش ئۇنداق ئاددى ئەمەس بولۇپ، سىز ئەتىگىنى ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ بولالماي كارۋاتتا بىردەم يېتىۋالماقچى بولۇۋاتقاندا، خىزمەت مەيدانىدىكى قابىللار ئاللىبۇرۇن قەھۋە ئىچكەچ شۇ كۈندىكى ئەڭ يىڭى ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنىڭ كۆرىۋاتقان بولىدۇ؛ بۇ دەل، پۇلدارلار بىلەن نامراتلار ئوتتۇرسىدىكى ماھىيەتلىك پەرق.
بۇ ئەھۋال، "ئادەتلىنىش ئادەمنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىدۇ" دىگەن ھەقىقەتنى تولۇق ئەكىس ئەتتۈرگەن بولۇپ، پۇلىڭىز قالماي نامراتلىشىپ قالغىنىڭىزدا، كۆڭلىڭىزنى تىنچلاندۇرۇپ تۆۋەندىكى بۇ ئۈچ خىل ئادەتنى يىتىلدۈرۈشىڭىز كىرەك؛ بۇنىڭدا سىز ئاندىن ئوڭۇشسىزلىقنى يىڭىپ چىقىپ، باش كۆتۈرىدىغان پۇرسەتكە ئىرىشەلەيسىز.

كۆپرەك مېڭىپ، بەدىنىڭىزنى جانلاندۇرۇڭ
ھەرىكەت قىلىش، ئادەمنىڭ روھىنى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان قىلىدۇ؛ ئەگەر پۇلدار كىشىلەردىن بولاي دىسىڭىز، ئالدى بىلەن بەدىنىڭىزنى چېنىقتۇرۇشىڭىز كىرەك. پەقەت ساغلام بولغان بەدىنىڭىز بار بولغاندىلا، سىزنىڭ كەلگۈسىڭىزنىڭ ئاندىن پارلاق بولۇش مۇمكىنچىلىكى بولىدۇ.
ھازىر نۇرغۇن كىشىلەر شىركەتتە بىر ئولتۇرۋالسا 10سائەت مىدىرلىماي ئولتۇرۇپ ئىشلەيدۇ، نۇرغۇن كىشىلەر ئورنىدا ئۇزۇن ۋاقىت مىدىرلىماي ئولتۇرىدۇ؛ بۇ خىل ئادەتنىڭ خىزمەت ئۈنۈمىگە پايدىسى بولمايلا قالماي، يەنە تېخى تەن ساغلاملىقىغىمۇ تەسىر يەتكۈزىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، ئەگەر ئۇلار دىققىتىنى يېغالماي قالسا ياكى بىرەر قىيىن نوقتىغا دۇچ كىلىپ قالسا، باشقىلارنىڭ "ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ بىردەم چۆگىلەپ كىرىڭ، روھىڭىز كۆتۈرۈلۈپ قالىدۇ" دىگەن تەكلىۋىنى ئاڭلايدىكەن. بۇنداق ئەھۋاللارنىڭ كۆپ ئۇچرىشى، مېڭىپ بىرىشنىڭ قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ بىرىشكە يىتەرلىك.
ئۇنىڭ ئۈستىگە، نۇرغۇن پۇلدار كىشىلەر، ئىلگىرى بەدەن چېنىقتۇرۇشنى كۈچەيتكەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەرخىل ھەرىكەتلىنىش ئۇسۇللىرى بار؛ ئەگەر سىز ئۇلارغا يېقىنلاشماقچى بولسىڭىز، ئۇنداقتا كۆپرەك مېڭىپ، بەدىنىڭىزنى جانلاندۇرۇشقا تىرىشىڭ.

ئۆزىڭىزنىڭ بوشلۇقىنى ياخشى باشقۇرۇپ، ھەرۋاقىت تەپەككۇرىڭىزنى رەتلەپ ئۆزىڭىزنى ئۆزىڭىز تەكشۈرۈپ تۇرۇڭ
پۇلدار كىشىلەرنىڭ كىيىنىشى ياكى خىزمەت بوشلۇقى قالايمىقان بولۇپ قالىدىغان ئەھۋاللار ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدۇ؛ پۇلدار كىشىلەر مەيلى قانداق ۋاقىت بولمىسۇن، ھەرۋاقىت رەتلىك كىيىنىپ پاقىراپ يۈرىدۇ. ئۇلارنىڭ خىزمەت بوشلۇقىمۇ، كۆپ ھاللاردە رەتلىك ۋە پاكىز كىلىدىغان بولۇپ، خالىغان بىر نەرسىنى سورىسىڭىز، بۇ نەرسىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى دەرھال ئەسلىيەلەيدۇ. بۇ خىل ئادەتلىنىش، ئۇلارنىڭ ئىزدىگەن نەرسىسىنى قىسقا مۇددەت ئىچىدە تېپىپ چىقىشىغا پايدىلىق بولۇپلا قالماي، ئۇلارنىڭ مىڭىسىنىڭ ھەرۋاقىت سەگەك تۇرىشىغىمۇ پايدىلىق بولىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن، ھەركۈنى نۇرغۇن ۋاقىت سەرپ قىلىپ نەرسە-كىرەكلىرىڭىزنى ئىزدەپ ئۆتكەندىن، خىزمەت رايونىڭىز ۋە تۇرمۇش رايونىڭىزنى پاكىزە تازىلاپ رەتلىك تۇتقىنىڭىز ياخشى. بۇندىن باشقا، سىز يەنە كۈندىلىك پىلانلىرىڭىزنى ئىنىق قىلىپ تىزىپ چىقىپ، ۋاقتىدا تۇلۇق ئورۇنلاپ مېڭىڭ؛ ھەر ۋاقىت تەپەككۇرىڭىزنى رەتلەپ، ئۆزىڭىزنىڭ ئارتۇقچىلىق ۋە كەمچىلىكلىرىڭىزنى تەكشۈرۈپ تۇرۇڭ، بۇنىڭدا ئۆزىڭىزنى ھەركۈنى ئاز-ئازدىن بولسىمۇ يۇقىرى كۆتۈرەلەيسىز.

گەرچە ياخشى ئادەت يىتىلدۈرۈش تەس بولسىمۇ، ئەمما ياخشى ئادەت ھەقىقەتەن سىزگە ئۆمۈرلۈك پايدا ئېلىپ كىلىدۇ. پۇلىڭىز قالماي نامراتلىشىپ قالغان ۋاقتىڭىزدا، يۇقارقى ئىككى خىل ئادەتنى يىتىلدۈرۈپ كۆرۈپ بېقىڭ؛ بوشاشماي تىرىشىش ئارقىلىق، ئۆزىڭىزنى تېخىمۇ كۆپ نەتىجىگە ئىرىشتۈرۈڭ.