ئەر-خوتۇنلار بۇ ئۈچ نەرسىنى ئورتاق بەھىرلىنىپ باقمىغان بولسا
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5806:قېتىم كورۇلدى
    ھازىرقى مۇھەببەت، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ تۈرتكىسى ئاستىدا، رېتىمى تەدرىجى ھالدا تىزلىشىپ كەتتى. نۇرغۇن ياش ئەر-خوتۇنلار، ھېچقانچىلىك مۇھەببەت ئاساسى يوق ئەھۋالدا، توي قىلىشنى تىز سۈرئەتتە بىكىتىپ گۇاھنامە ئېلىشىدۇ. بۇنداق توي مۇناسىۋىتى، تۇرمۇش سىناقلىرىغا ئازراقمۇ بەرداشلىق بىرەلمەيدىغان بولۇپ، كۆپىنچە ئەھۋاللاردا، ھالاۋەتتە بىللە بولالىغان بىلەن جاپادا بىللە بولالمايدۇ؛ ئەگەر ئالدى تەرەپتە تۇيۇقسىز قىيىنچىلىق پەيدا بولسا، بۇ ئائىلە بەلكىم بىراقلا ۋەيران بولۇپ كىتىشى مۇمكىن. ئەگەر ئەر-خوتۇنلار ئارىسىدا، تۆۋەندىكى ئۈچ نەرسىنى ئورتاق بەھىرلىنىپ باقمىغان بولسا، ئۇنداقتا ئۇلار باشتىن ئاخىرى قەلىبلىرى تۇتاشمىغان بولىدۇ.
ئۆزىنىڭ كۆڭلىدىكى ئىشلىرىنى ھەمبەھىرلىنىپ باقمىغان
   ئەر-خوتۇنلار ئارىسىدا، ئەسىلىدىلا مەخپىيەتلىك بولماسلىقى كىرەك، مەيلى خۇشاللىنارلىق ئىش بولسۇن ياكى خاپا بولىدىغان ئىش بولسۇن، ھەممىسىنى ئۆز-ئارا ھەمبەھىرلىنىشى كىرەك. بىراق كۈندىلىك تۇرمۇشتا، نۇرغۇن ئەر-خوتۇنلار پەقەت خۇشاللىنارلىق ئىشنىلا قارشى تەرەپ بىلەن ھەمبەھىرلىنىپ، خاپىلىق ئىشلارنى كۆڭلىدە يۇشۇرۇپ قالىدۇ. ئەمىلىيەتتە، بۇ قارشى تەرەپنى قوغدىغانلىق ئەمەس، ئەكسىچە ئوتتۇرلۇقتىكى ئارىلىقنى تېخىمۇ يېراقلاشتۇرۋىتىدىغان بىر خىل قىلمىش. كىمنىڭمۇ كۆڭلى بىئارام بولىدىغان ۋاقىتلىرى يوق دەيسىز؟ ئەگەر سىز قارشى تەرەپ بىلەن ھەمبەھىرلەنمىسىڭىز، قارشى تەرەپمۇ سىز بىلەن ھەمبەھىرلەنمەيدۇ؛ بۇنىڭدا، ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ، ئىككەيلەننىڭ ئارىلىقى بارغانسىرى يېراقلاپ كىتىدۇ. بۇنداق ئەر-خوتۇنلار، ئەزەلدىن بىر-بىرىنى چوڭقۇر ياخشى كۆرۈشۈپ باقمىغان بولىدۇ.
ئورتاق قەرز
    ھەرقانداق بىر ئائىلىدە، جىددى پۇلغا ئىھتىياجلىق بولىدىغان ۋاقىت بولۇپ قالىدۇ. ئەگەر ئائىلىدە بەزىبىر تۇيۇقسىز ئەھۋاللار كۆرۈلۈپ، باشقىلاردىن ۋاقىتلىق قەرز ئېلىپ تۇرۇشقا توغرا كەلگەن ۋاقىتتا، يېنىڭىزدىكى ئۇ ئادەمنىڭ سىزگە ھەقىقى مۇئامىلە قىلىدىغىنىنى ياكى ساختا مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى كۆرىۋىلىشقا بولىدۇ. ھەرقانداق بىر مۇناسىۋەت پۇلغا چېتىلسا، ئازدۇر-كۆپتۇر سەزگۈر بولۇپ قالىدۇ؛ بىراق ئەر-خوتۇنلار پۇلنىڭ گېپىنى قىلىشمايمىز دىسە قاملىشامدۇ؟ بىرلىكتە ئۆتنە ئالغان ئىكەن، ئەلۋەتتە ئورتاق قەرز ھىسابلىنىدۇ؛ ئەگەر ئايال كىشى پۇل مەسىلىسى سەۋەپلىك سىزدىن ۋاز كەچسە، ئۇنداقتا سىزنىڭ توي تۇرمۇشىڭىزنىڭمۇ قايتا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئەھمىيىتى قالمايدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ قەلبىدە، پۇل سىزدىنمۇ مۇھىم ئورۇننى ئىگىلىگەن بولىدۇ.
بىر ئىستاكان چاي
   ئەگەر ئىككەيلەن بىر-بىرىدىن يىرگىنىپ، بىرسى ئىچكەن چاينى يەنە بىرسىنىڭ ئىچكۈسى كەلمىسە، ئۇنداقتا ئىككەيلەن ئوتتۇرسىدىكى مۇھەببەت ھەرگىز ھەقىقى مۇھەببەت ئەمەس؛ چۈنكى، ئۇلارنىڭ ئاتالمىش مۇھەببىتىنىڭ ئارىسىدا قارشى تەرەپكە بولغان يىرگىنىش يۇشۇرۇنغان. مۇھەببىتى چوڭقۇر بىر جۈپ ئەر-خوتۇنغا نىسبەتەن، بىر ئىستاكان چاينى ئورتاق بىللە ئىچىش ياكى بىر قاچا تاماقنى بىللە يىيىش، ئەڭ ئادەتتىكى بىر ئىش بولۇپ، بۇ خىلدىكى ئەر-خوتۇنلار، بىر-بىرىنى ھەقىقى ياخشى كۆرىدىغان ئەر-خوتۇنلار ھىسابلىنىدۇ.

مۇھەببىتى ساختا ئەرلەر سىزنى بۇ ئۈچ يەرگە باشلايدۇ

ئەر-ئاياللار مۇناسىۋىتىدە، ئۇچرىشىشقا چىقىش ناھايىتى مۇھىم بىر ئىش بولۇپ، ئەگەر سورۇن ياخشى تاللانغان، مۇھىت كەيپىياتىمۇ توغرا بولغان

چۈمۈچ تۇتقانلار دىققەت: ياغ تەركىبى راستىنلا قورقۇنچلۇقمۇ؟

ئاز بولمىغان گۈزەللىكنى سۆيگۈچى كىشىلەر، گۆش تۈرىدىن تېخىمۇ قاچىدىغان بولۇپ، ھەرقېتىم غىزالىنىدىغان ۋاقىت كەلگەندە، ئۇلار يىمەكلىكنى

ئالاقىنى ۋاقىتلىق ئۈزۈشنى ئۆگىنىش، ئاياللارنىڭ پاراسىتى

پىسخىلوگلارنىڭ بايقىشىچە، سىز بىر ئادەمنى قانچە ئىزدەپ يېقىنلاشقانسىرى، ئۇ شۇنچە ئۆزىنى قاچۇرىدىكەن.

ئوغۇل دوستىڭىز بولسىمۇ قالايمىقان چاقچاق قىلماڭ، تۈرمىگە كىرىسىز

لى موۋنىڭ قىزدوستى چاقچاقنى چېكىدىن ئاشۇرۋەتكەن بولۇپ، لى موۋغا ئۆمۈرلۈك زىيان ئېلىپ كەلگەن ئىكەن. ئاخىرىدا، لى موۋ قىز دوستىنى سوتقا ئ

دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت ئون خىل ئىچىملىك

بۇ خىل پىۋا، ئادەتتە ياۋرۇ-ئامىرىكىدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خۇسۇسى كۇلۇبلاردىلا كۆرىلىدىغان بولۇپ، باھاسى ئۈچ بوتولكا ماۋتەي ھارىقى

ئاچچىق يەپ ئېغىزىڭىز ئېچىشىپ قالغاندا، بۇ ئۇسۇلنى سىناپ بېقىڭ

تۇرمۇشتا ھەرخىل ئاچچىق يېمەكلىكلەر بار، ئاچچىق ئۇششاق يېمەكلىكلەرمۇ ئاز ئەمەس؛ بەزى يېمەكلىكلەرنىڭ ئاچچىقلىقىدىن، ئېغىزىڭىز ئېچىشىپ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号