دۇفۇنىڭ بۇ خىل تەييارلاش ئۇسۇلىنى بىر مىنۇتتا ئۆگىنىۋالالايسىز
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5809:قېتىم كورۇلدى
   دۇفۇ، ئەڭ ئەرزان بولغان بىر خىل كالتسى تۇلۇقلاش ماتىريالى بولۇپ، كۈندىلىك تۇرمۇشتا ھەمىشە ئىستىمال قىلىپ تۇرىمىز؛ بۇندىن باشقا، دۇفۇنى ھەرۋاقىت ئىشلەپچىقىرىشقا بولىدۇ، پەسىلنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ، تەييارلاش ئۇسۇلىمۇ نۇرغۇن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، دۇفۇ بولسا، گۆش ئورنىدا ئىستىمال قىلىشقا ماس كىلىدىغان يىمەكلىك؛ چۈنكى، ئۇنىڭ تەركىبىدە پۇرچاق تۈرىدىكى ئاقسىللار ئىنتايىن كۆپ بولغاچقا، يۇقىرى تىمپىراتۇردا پىشىرۇش نەتىجىسىدە، گۆشتىنمۇ مەززىلىك بولۇپ كىتىدۇ.
   دۇفۇنىڭ تەييارلاش ئۇسۇللىرى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە تۇنۇشتۇرماقچى بولغىنىمىز، مۇچ تۇزى تەملىك دۇفۇ؛ دۇفۇنىڭ بۇ خىل تەييارلاش ئۇسۇلى ئىنتايىن ئاددى بولۇپ، بىر مىنۇتتا ئۆگىنىۋالىمىز. تەييار قىلغان دۇفۇنى قازانغا تاشلاپ قويساق، ئۈچ مىنۇتتىلا پىشىپ تەييار بولىدۇ.
    كىتەرلىك ماتىريال: 500گىرام دۇفۇ، 500گىرام كالا سۈتى، 100گىرام كىراخمال، ئىككى تۇخۇم، مۇۋاپىق مىقداردا مۇچ تۇزى
تەييارلاش ئۇسۇلى

    دۇفۇنى ئاۋال سۇدا يۇيۇپ چايقىۋەتكەندىن كىيىن، سۈيىنى ساقىتىۋىتىپ،  تەرەپ ئۇزۇنلۇقى ئىككى سانتىمىتىر ئەتراپىدا بولغان كىچىك تۆت بۇرجەك قىلىپ توغرىۋالىمىز.
   بىر قاچىغا مۇۋاپىق مىقداردا كىراخمال ئېلىپ، توغراپ تەييار قىلغان دۇفۇنى ئۈستىگە تۆكۈپ، قولىمىزدا ناھايىتى ئاستاغىنا ئارىلاشتۇرۇپ، دۇفۇ يۈزىگە بىر قەۋەت كىراخمال يېپىشتۇرىمىز. كەينىدىن كىراخمال يېپىشتۇرغان دۇفۇ پارچىسىنى ئايرىم بىر قاچىغا سېلىپ ئىشلىتىش ئۈچۈن ئېلىپ قويىمىز.
    چىنىدىن يەنە بىرنى تەييارلاپ، چىنىگە ئىككى قوشۇق كىراخمال سېلىپ ئۈستىگە تۇخۇمدىن ئىككىنى چاقىمىز؛ چوكا بىلەن تەكشى ئارىلاشتۇرغاندىن كىيىن، قۇيۇق ئۇماچ شەكىللىك قىيام ھاسىل بولىدۇ.
   قازانغا ماي قۇيۇپ، ماي ئالتە ئۈلۈش قىزىغان ۋاقىتتا، دۇفۇ پارچىسىنى ئالدىدا تەييارلىغان قىيامنىڭ ئۈستىگە تۆكۈپ، دۇفۇنىڭ يۈزىگە بىر قەۋەت قىيام يېپىشقاندىن كىيىن، ماي قازىنىغا سېلىپ داغلايمىز؛ داغلاپ ئازراق قاتقاندىن كىيىن، ئۇنى ئاستاغىنا مالتىلاپ، قازانغا چاپلىشىۋىلىشنىڭ ئالدىنى ئالىمىز؛ ئاخىرىدا، دۇفۇ داغلىنىپ سارغايغان ۋاقىتتا ئۇنى ئۇسۇپ ئېلىپ، ئۈستىگە ئازراق مۇچ تۇزى سېپىۋەتسەكلا ئىستىمال قىلىشقا بولىدۇ.
   دۇفۇدىن قورۇما قورۇشقىلا بولىدىغان ئەمەس؛ دۇفۇنىڭ ئۇزۇقلۇق تەركىبى مول، تەييارلاش ئۇسۇلىمۇ ئاز ئەمەس. ئەگەر يۇقارقى ئۇسۇلنى ياقتۇرغان بولسىڭىز، ئۆزىڭىز تەييارلاپ سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ.

مۇھەببىتى ساختا ئەرلەر سىزنى بۇ ئۈچ يەرگە باشلايدۇ

ئەر-ئاياللار مۇناسىۋىتىدە، ئۇچرىشىشقا چىقىش ناھايىتى مۇھىم بىر ئىش بولۇپ، ئەگەر سورۇن ياخشى تاللانغان، مۇھىت كەيپىياتىمۇ توغرا بولغان

چۈمۈچ تۇتقانلار دىققەت: ياغ تەركىبى راستىنلا قورقۇنچلۇقمۇ؟

ئاز بولمىغان گۈزەللىكنى سۆيگۈچى كىشىلەر، گۆش تۈرىدىن تېخىمۇ قاچىدىغان بولۇپ، ھەرقېتىم غىزالىنىدىغان ۋاقىت كەلگەندە، ئۇلار يىمەكلىكنى

ئالاقىنى ۋاقىتلىق ئۈزۈشنى ئۆگىنىش، ئاياللارنىڭ پاراسىتى

پىسخىلوگلارنىڭ بايقىشىچە، سىز بىر ئادەمنى قانچە ئىزدەپ يېقىنلاشقانسىرى، ئۇ شۇنچە ئۆزىنى قاچۇرىدىكەن.

ئوغۇل دوستىڭىز بولسىمۇ قالايمىقان چاقچاق قىلماڭ، تۈرمىگە كىرىسىز

لى موۋنىڭ قىزدوستى چاقچاقنى چېكىدىن ئاشۇرۋەتكەن بولۇپ، لى موۋغا ئۆمۈرلۈك زىيان ئېلىپ كەلگەن ئىكەن. ئاخىرىدا، لى موۋ قىز دوستىنى سوتقا ئ

دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت ئون خىل ئىچىملىك

بۇ خىل پىۋا، ئادەتتە ياۋرۇ-ئامىرىكىدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خۇسۇسى كۇلۇبلاردىلا كۆرىلىدىغان بولۇپ، باھاسى ئۈچ بوتولكا ماۋتەي ھارىقى

ئاچچىق يەپ ئېغىزىڭىز ئېچىشىپ قالغاندا، بۇ ئۇسۇلنى سىناپ بېقىڭ

تۇرمۇشتا ھەرخىل ئاچچىق يېمەكلىكلەر بار، ئاچچىق ئۇششاق يېمەكلىكلەرمۇ ئاز ئەمەس؛ بەزى يېمەكلىكلەرنىڭ ئاچچىقلىقىدىن، ئېغىزىڭىز ئېچىشىپ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号