بالىياتقۇ كۆچۈرۈش ئوپراتسىيىسى قىلدۇرغان ئايال ئوڭۇشلۇق تۇغدى
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 7543:قېتىم كورۇلدى

    يۇقىرىدىكى رەسىمدىكى بۇ بوۋاق، ھەقىقەتنمۇ بىر "مۆجىزىلىك بوۋاق" بولۇپ، ئۇ تىبابەت ساھەسىدىكى بىر ئابىدە. چۈنكى بۇ بوۋاق، دۇنيادىكى، ئۆلگۈچى تەقدىم قىلغان بالىياتقۇ كۆچۈرۈلگەندىن كىيىن، كۆچۈرۈلگەن بالىياتقۇدا ھامىيلە بولۇپ شەكىللىنىپ تۇغۇلغان تۇنجى بوۋاق.
    ئەنگىلىيە "ئەينەك" گىزىتىنىڭ 5-دىكابىردىكى خەۋرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ مۆجىزىلىك بوۋاق بىرازىلىيەدە تۇغۇلغان؛ بوۋاقنىڭ ئانىسى ھامىلدار بولۇپ 35 ھەپتە 3كۈنلۈك بولغاندا قوساقنى يېرىش ئوپراتسىيىسى قىلىش ئارقىلىق بۇ بوۋاقنى تۇغقان؛ بوۋاقنىڭ تۇغۇلغان ۋاقىتتىكى ئېغىرلىقى 5جىڭ 200گىرام كەلگەن بولۇپ، ئىنتايىن ساغلام تۇغۇلغان بوۋاق ھىسابلىنىدۇ.
     بوۋاقنىڭ ئانىسى بۇ يىل 32 ياشقا كىرگەن بولۇپ، تۇغۇلما كىسەللىك سەۋەبىدىن، ئۇنىڭ بالىياتقۇسى يوق ئىدى.
    بۇ ئانا بالىياتقۇ كۆچۈرۈش ئوپىراتسىيىسى قىلدۇرۇشتىن 4 ئاي بۇرۇن، پروبىركىدا ھامىيلە يىتىلدۈرۈش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ جەمئى 8 دانە ئۇرۇقلانغان تۇخۇم يىتىشتۈرۈپ چىققان. ئۇنىڭ ئۈچۈن بالىياتقۇ تەقدىم قىلغىنى، 45 ياشلىق بىر ئايال كىشى بولۇپ، ئۇ بەخىتكە قارشى سەكتە كىسىلى بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن.
    بۇ بوۋاق تۇغۇلۇشتىن بۇرۇن، يەرشارى بويىچە 10 نەپەر ئايال، ئۆلگۈچى تەقدىم قىلغان بالىياتقۇ كۆچۈرۈش ئوپراتسىيىسى قىلدۇرغان بولۇپ، بىراق ھېچقايسىسى ئوڭۇشلۇق ھالدا ھامىلە يىتىشتۈرەلمىگەن ئىدى. بىراق ئۆزىنىڭ ھايات ئانىسى تەقدىم قىلغان بالىياتقۇنى كۆچۈرگەن ئايال ئوڭۇشلۇق ھالدا ھامىلدار بولۇپ، ھامىيلە يىتىشتۈرگەن ھەمدە بالىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك تۇغقان مىسال بار ئىدى.
    بۇ قېتىملىق ئوپراتسىيىنى تاماملىغان، بىرازىلىيە سانپاۋلۇ داشۆسىدىكى دەننى دوكتورنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ قېتىملىق، ئۆلگۈچىنىڭ بالىياتقۇسىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا كۆچۈرۈش ئوپراتسىيىسى، تىبابەت ساھەسىدىكى بىر قېتىملىق زور ئىلگىرلەش بولۇپ، بۇ تېخىنىكا تۇغماس ئاياللار ۋە بالىياتقۇ كىسەللىكىگە گىرىپتار بولغان ئاياللارنىڭ بەخىت ئاۋازى ئىكەن.
    ئىلگىرى ھايات كىشىلەرنىڭلا بالىياتقۇسىنى قۇبۇل قىلىپ باشقىلارغا كۆچۈرۈش ئوپراتسىيىسى قىلىنىدىكەن؛ بۇ قېتىملىق ئوپراتسىيىنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك بولۇشى، بالىياتقۇ تەقدىم قىلىش كىلىش مەنبەسىنىڭ زور دەرىجىدە كېڭەيگەنلىكىدىن دىرەك بىرىدىكەن.

ئەرلەر قانداق ئايال كىشىنى كۆڭلىدىن چىقىرۋىتەلمەيدۇ

نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تەپەككۇر بوشلۇقى بار بولۇپ، مۇھەببەت جەھەتتە ھىسياتقا ئۆزىنىڭ ئېڭى بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ؛ بۇ سەۋ

راك كىسەللىكىگە قارشى تۇرىدىغان يىمەكلىكلەر

ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلىشى، يىمەك-ئىچمەك ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ ئەمىلىيەتتە ئاشقازان راكىلا ئەمەس، چوڭ ئۈچەي راكى، جىگەر راكى، ئاش

دىققەت! بۇ ئەھۋاللارمۇ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنگە باراۋەر

لىكىن، بەزى ماشىنا ئىگىلىرى، تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولۇپ، "ھاراقنى كۆپ ئىچمىدىم، ماشىنا ھەيدىسەم بولىۋىرىدۇ" دەپ قارايدۇ؛ نەتىجىدە،

تاماقتىن كىيىنكى يېرىم سائەت، كۈتۈنۈشتىكى ئالتۇن مەزگىل

تاماقتىن كىيىن 15مىنۇت ئارام ئېلىپ، بەزىبىر يىنىك مۇزىكالارنى ئاڭلاڭ ھەمدە ئازراق چاي ئىچىپ بىرىڭ، ئەمما كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.

ھەقىقىي ئىلمىي ئورۇقلاش ئۈچۈن چوقۇم 90 كۈن قەتئىي داۋاملاشتۇرىمىز

ئادەم تېنىدىكى ياغ ھۈجەيرىسىنىڭ خاتىرىسى بولۇپ، بۇ دەل تېز سۈرئەتتە ئورۇقلاپ بولغاندىن كېيىن ناھايىتى تېز ئەسلىگە كېلىپ قىلىشنىڭ ئاسا

ئادەم نېمىشقا بۇرنىنى كوچىلاشقا ئامراق كېلىدۇ

ئىگىلەشلەرگە ئاساسلانغاندا، %91 ئادەم بۇرنىنى كوچىلايدىكەن؛ قالغان %9 ئادەم بولسا، ھەر نېمە دېگەن بىلەنمۇ بۇرنىنى كوچىلايدىغانلىقىنى ئې

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号