راك كىسەللىكىگە قارشى تۇرىدىغان يىمەكلىكلەر
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5691:ئادەم ئۆگەندى
   دۆلىتىمىزنىڭ ئاشقازان راكى كىسەللىكى كۆرۈلۈش نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، ھەر يىلى پۈتكۈل يەرشارىدا دىئاگونوز قويۇپ جەزىملەشتۈرۈلگەن ئاشقازان راكى بىمارلىرىنىڭ يېرىمى دىگۈدەك بىزنىڭ دۆلىتىمىزدىن كەلگەن. ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلىشى، يىمەك-ئىچمەك ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ ئەمىلىيەتتە ئاشقازان راكىلا ئەمەس، چوڭ ئۈچەي راكى، جىگەر راكى، ئاشقازان ئاستى بېزى راكى، ئۆپكە راكى، مەزى بېزى راكى، سۈت بېزى راكى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى، يىمەك-ئىچمەك ئامىلىدىن ئايرىلالمايدۇ. بەزى يىمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلساق راك كىسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، ئەمما يەنە بەزى يىمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىپ بەرسەك، راك كىسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
چىچەكسەي
   چىچەكسەينىڭ كۆكتات شاھى دىگەن نامى بار؛ بىراق، ئۇنىڭ يەنە بىر ئارتۇقچىلىقى بار بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ، چىچەكسەينىڭ راك كىسەللىكىگە قارشى تۇرۇش رولى بار. "ئىلىم-پەن" ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ھارۋاد داشۆسى تىببى شۆيەنىنىڭ ئالىملىرى، چىچەكسەي تەركىبىدىكى 3لىك ئىندول مىتانول مولىكولاسىنىڭ راك ئۆسمىسىنىڭ شەكىللىنىشىنى توسالايدىغانلىقىنى بايقىغان. بۇندىن باشقا، چىچەكسەي تەركىبىدە يەنە نۇرغۇنلىغان ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ماددىلار بار بولۇپ، ئەركىن رادىكاللارنى يوقىتالايدۇ؛ تەتقىقاتلاردا بايقىلىشىچە، ھەر ھەپتىسىگە ئۈچ قېتىم چىچەكسەي يەپ بىرىشنى داۋاملاشتۇسا، راك كىسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى %60 تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن.
سامساق
   سامساق تەركىبىدە سامساق ماددىسى مول بولۇپ، بۇ خىل ماددا ئاشقازان چىقىش ئېغىزى باكتىرىيىسىنى توسۇپ، ئاشقازان راكىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئەمىلىيەتتىمۇ، سامساق يىيىشنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەرنىڭ ئاشقازان راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋىپى ھەقىقەتەن تۆۋەنرەك بولىدۇ.
شوخلا
   شوخلا تەركىبىدە پەمىدۇر قىزىل ماددىسى مول، بۇ خىل ماددا بولسا، بىر خىل كۈچلۈك ئوكسىدلىغۇچى رىئاكتىپ؛ بىراق، بۇ خىل ماددا پەقەت شوخلىنى پىشۇرغان ۋاقىتتا ئاندىن قويۇپ بىرىلىدۇ. پەمىدۇر قىزىل ماددىسى، مەزى بېزى راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈنۈمىگە ئىگە.
قارا قېرىنقولاق
   قارا قېرىنقولاقنىڭ تەركىبىدە مول مىقداردا مور پولىساخارىدلىرى بار بولۇپ، بۇ خىل پولىساخارىد ئىممونت كۈچنى ئاشۇرۇپ، بۇ ئارقىلىق راك كىسەللىكىگە قارشى تۇرالايدۇ.
سۇلۇ
   سۇلۇنىڭ تەركىبىدە كۆپ خىل ئۇزۇقلۇق تەركىبلىرى مول؛ بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئاساسلىق بولغىنى، يىمەكلىك تالاسى بولۇپ، يىمەكلىك تالا ماددىسى ئۈچەينىڭ قىمىرلىشىنى تىزلىتىپ، قەۋزىيەتنى ياخشىلايدۇ ھەم بۇ ئارقىلىق چوڭ ئۈچەي راكىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
پىياز
   پىياز سامساققا ئوخشاش بولۇپ، پىيازنىڭ تەركىبىدىمۇ سامساق ماددىسى مول؛ بۇندىن باشقا، پىياز تەركىبىدە يەنە مول مىقداردا دۇب تىرە ماددىسى بار بولۇپ، بۇ خىل ماددا ئەركىن رادىكاللارنى تازىلاپ، راك فاكتورىنىڭ شەكىللىنىشىنى توسىدۇ.

قورۇما قورىغاندا تۇزنى قايسى ۋاقىتتا قوشۇش كىرەك

يىمەكلىك تۇزى، تۇرمۇشىمىزدىكى كەم بولسا بولمايدىغان خۇرۇچ ماتىريالى بولۇپ، ئەگەر تۇز قوشۇلمىسا، ھەرقانچە يىيىشلىك يىمەكلىكمۇ تەمسىز ت

چەتئەللىك ئايال ئوڭۇشلۇق ھالدا بەشكىزەك قىز تۇغدى

ئىگىلەشلەرگە قارىغاندا، ئامىرىكا خىيوستوندىكى بىر دوختۇرخانىدا، بىر ھامىلدار ئايال بەشكىزەك قىز تۇغقان بولۇپ، بۇ، يېقىنقى 50يىلدىن بىر

بىر ئايالنىڭ يازغان يىللىق "خىزمەت" خۇلاسىسى

يىللار ئاتقان ئوققا ئوخشايدۇ. ئاياللارغا تەۋە بولغان ۋاقىت تېخىمۇ رەھىمسىزرەك بولۇپ، بولۇپمۇ 30ياشتىن ئاشقان ئاياللار بىر تەرەپتىن خىزم

كۈنلىرىڭىز قانچە تەسلەشكەنسىرى، بۇ تۆت ئىشتا شۇنچە چىڭ تۇرۇڭ

قىيىنچىلىققا تولغان كۈنلەر، قوش بىسلىق پىچاققا ئوخشايدىغان بولۇپ، ئۈمىدۋار كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇ بىر خىل ھەرىكەتلەند

قان بېسىمنى كونتىرول قىلىشتىكى خاتا قاراشلار

بۇنداق ئەھۋالدا، قان تۇمۇرلىرىدا كۆپۈپ قېلىش ۋە ئاجىز نوقتىلار كۆرۈلۈش ئىھتىماللىقى بار بولۇپ، بۇ جايلاردا ھەر ۋاقىت يېرىلىش ۋە توسۇلۇ

"كۆڭلى" نامرات ئەرگە ياتلىق بولسىڭىز، بىر ئۆمۈر جاپا تارتىسىز

ئاياللار ئۆزىگە لايىق تاللىغاندا، كۆپىنچە ئاياللارنىڭ ئويلىشىدىغىنى، ئۇنىڭ ئىقتىسادى ئاساسى بار يوقلۇقى ئەمەس، بەلكى ئۇ ئەركىشىنىڭ كە

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号