دىققەت! بۇ ئەھۋاللارمۇ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنگە باراۋەر
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5808:قېتىم كورۇلدى
   دۆلىتىمىزدە، "ھاراق بولمىسا سورۇن بولماس" دىگەن بىر گەپ بار؛ دوست-بۇرادەرلەر ۋە ئۇرۇغ-تۇققانلار يېغىلىپ تاماق يىيىشكەندە، ئازراق ھاراق ئىچىپ كەيپىياتنى كۆتۈرىمىز. لىكىن، بەزى ماشىنا ئىگىلىرى، تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولۇپ، "ھاراقنى كۆپ ئىچمىدىم، ماشىنا ھەيدىسەم بولىۋىرىدۇ" دەپ قارايدۇ؛ نەتىجىدە، يولغا چىقىپ بولغۇچە قاتناش ساقچى تارماقلىرىغا تۇتۇلۇپ قالىدۇ.
   دۆلىتىمىزدە، ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدەش قانۇنغا خىلاپ قىلمىش ھىسابلىنىدۇ، قاتناش ساقچى تارماقلىرى بۇنداق ئەھۋالنى قاتتىق بىتەرەپ قىلىدۇ. قاتناش ساقچىلىرى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش جەريانىدا، ئەگەر ماشىنا ئىچىدە ھاراق پۇرىقى بارلىقىنى سىزىپ يەتسە، ئالاقىدار ئۈسكىنە ئارقىلىق، شوپۇرنىڭ ھاراق ئىچكەن ئىچمىگەنلىكىنى تەكشۈرىدۇ. بۈگۈن كۆپچىلىككە ئېيتماقچى بولغىنىمىز، تۆۋەندىكى بىرنەچچە خىل ئەھۋاللارمۇ، ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەن قاتاردا بىتەرەپ قىلىنىدۇ.
   بىرىنچىدىن، ھاراق ئىچكەندىن كىيىن ماشىنا ئىچىدە ئارام ئېلىش. بۇ نوقتىنى نۇرغۇنلىغان ماشىنا ئىگلىرى نەزەردىن ساقىت قىلىپ، ھاراق ئىچىپ بولغاندىن كىيىن بېشى قېيىپ بىئاراملىق ھىس قىلسا، ماشىنا ئىچىدە بىردەم يېتىپ ئارام ئېلىۋالماقچى بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، ماشىنا ئىگىسى چوقۇم ماشىنىنىڭ ئوتىنى ئۆچۈرۋىتىپ كەينى تەرەپ ئۇرۇندۇقتا ئارام ئېلىشى كېرەك؛ بولمىسا، ئەگەر ماشىنا ئوت ئېلىغلىق ھالەتتە بولسا، ماشىنا ھەيدەلمىگەن تەقدىردىمۇ، يەنىلا ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەن قاتاردا بىتەرەپ قىلىنىدۇ.
   ئىككىنچىدىن، ھاراق ئىچكەندىن كىيىن ماشىنىنى يۆتكەش. بەزىلەر ھاراق ئىچكەندىن كىيىن، ماشىنا ھەيدەشكە بولمايدىغانلىقىنى ھىس قىلىپ، ماشىنىسىنى تېخىمۇ ئەپلىكرەك بولغان ماشىنا توختىتىش ئورنىغا توختىتىپ قويۇپ ئاندىن ئاممىۋى قاتناشتا قايتىشنى ياكى ماشىنا ئىچىدە ئولتۇرۇپ ئارام ئېلىۋىلىشنى ئويلايدۇ. بىراق، بۇ ئەھۋال بىرىنچى ئەھۋالغا ئوخشايدىغان بولۇپ، ھاراق ئىچكەندىن كىيىنلا، ماشىنىنى قەتئى ئوت ئالدۇرۇشقا بولمايدۇ، بولمىسا ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەن قاتاردا بىتەرەپ قىلىنىدۇ.
   ئۈچىنچىدىن، ھاراق ئىچىپ ئەتىسى ماشىنا ھەيدەش. بەزىلەر ئالدىنقى كۈنى يېرىم كىچىگىچە ھاراق ئىچىپ، ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەندىلا ماشىنا ھەيدىمەكچى بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، گەرچە ھاراق ئىچكەندىن كىيىن ماشىنا ھەيدىمىگەن بولسىمۇ، ئەمما يىتەرلىك ئارام ئالمىغان بولغاچقا، بەدەندىكى ئىسپىرتلار تۇلۇق مىتابولىزىملىنىپ بولالمايدۇ، شۇڭا بۇنداق ئەھۋالدا ماشىنا ھەيدىسىڭىزمۇ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنگە ھىساب بولىدۇ. ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، تەكشۈرۈشتە، پەقەت سىزنىڭ قېنىڭىز تەركىبىدىكى ئىسپىرت مىقدارى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتسىلا، ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەن دەپ قارىلىدۇ، سىزنىڭ شۇ كۈننىڭ ئۆزىدە ھاراق ئىچكەن ئىچمىگەنلىكىڭىز ئاساس قىلىنمايدۇ.
    دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئاخىرىقى بىر نوقتا، ئىسپىرت تەركىبى بار يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىشقا بولمايدۇ. بەزىبىر مىۋىلەرنى ۋە گازلىق سۇلارنى ئىچكەن ۋاقىتتا، تەكشۈرۈشتە قاندىكى ئىسپىرت مىقدارى ئۆلچەمدىن ئارتۇق چىقىۋالىدۇ. شۇڭا بۇ نوقتىغىمۇ دىققەت قىلىش كېرەك.

ئەرلەر قانداق ئايال كىشىنى كۆڭلىدىن چىقىرۋىتەلمەيدۇ

نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تەپەككۇر بوشلۇقى بار بولۇپ، مۇھەببەت جەھەتتە ھىسياتقا ئۆزىنىڭ ئېڭى بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ؛ بۇ سەۋ

راك كىسەللىكىگە قارشى تۇرىدىغان يىمەكلىكلەر

ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلىشى، يىمەك-ئىچمەك ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ ئەمىلىيەتتە ئاشقازان راكىلا ئەمەس، چوڭ ئۈچەي راكى، جىگەر راكى، ئاش

دىققەت! بۇ ئەھۋاللارمۇ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنگە باراۋەر

لىكىن، بەزى ماشىنا ئىگىلىرى، تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولۇپ، "ھاراقنى كۆپ ئىچمىدىم، ماشىنا ھەيدىسەم بولىۋىرىدۇ" دەپ قارايدۇ؛ نەتىجىدە،

تاماقتىن كىيىنكى يېرىم سائەت، كۈتۈنۈشتىكى ئالتۇن مەزگىل

تاماقتىن كىيىن 15مىنۇت ئارام ئېلىپ، بەزىبىر يىنىك مۇزىكالارنى ئاڭلاڭ ھەمدە ئازراق چاي ئىچىپ بىرىڭ، ئەمما كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.

دادىنىڭ قىزلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى خاتىرىلىگەن ئىجادىي سۈرەتلىرى

ئۇلارنى بېلىق بىلەن بىللە يۇيۇنغىلى ۋە بۆرە بىلەن بىللە ھۇۋلىغىلى قويۇپ بەرگەن؛ بۇ قىزلارنىڭ تۇرمۇشى ئىزچىل تۈردە ناھايىتى قىزىقارلىق

ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرى ئادەمنى دۆتلەشتۈرۈپ قويىدۇ

ھازىرقى جەمئىيەتتە، رىقابەت كەسكىنلىشىپ روھى بېسىم ئېشىپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن، كىشىلەرنىڭ چوڭ مېڭىسى ئومۇميۈزلۈك ھالدا ھارغىنلىق ھالە

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号