ھەقىقىي ئىلمىي ئورۇقلاش ئۈچۈن چوقۇم 90 كۈن قەتئىي داۋاملاشتۇرىمىز
6 يىل ئىلگىرى jadi 5808:قېتىم كورۇلدى
ھەقىقىي ئىلمىي ئورۇقلاش ئۈچۈن چوقۇم 90 كۈن  قەتئىي داۋاملاشتۇرىمىز
 
ھەقىقىي ئىلمىي ئورۇقلاشتا ھېچ بولمىغاندا 90 كۈن غەيرەت قىلغاندىلا ئاندىن ئارتۇقچە گۆشلەرگە خوش دىيەلەيمىز.
 ئورۇقلاشتا نىمە ئۈچۈن 90 كۈندىن ئارتۇق غەيرەت قېلىمىز؟
 
1، تەدرىخىي ھەم ئۈزلۈكسىز ئورۇقلىغاندىلا تېخىمۇ ساغلام ئورۇقلىغىلى بولىدۇ،  سېمىزلىك بىر كۈندىلا پەيدا بولۇپ قالمىغىنىدەك، ئورۇقلاشنىمۇ قىسقىغىنە بىر نەچچە كۈندە ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمايدۇ، ئورۇقلاشقا نىيەت قىلىشتىن بۇرۇن، ئۇنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك بىر سىناق ئىكەنلىكىنى بىلىشىمىز كېرەك! بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ تىز سۈرئەتتە تۈۋەنلىشىشى سالامەتلىكىڭىزنىڭ تىز سۈرئەتتە خوراۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
ئادەتتە بىر ھەپتىدە بىر كىلو، بىر ئايدا ئىككى كىلودىن تۆت كىلوغىچە ئورۇقلىغاندا ئورۇقلاش سۈرئىتى ئەڭ مۇۋاپىق بولغان بولىدۇ. لېكىن تەن ئېغىرلىقى بىر قەدەر زور كىشى بولسا، مۇشۇ ئاساستا ئېغىرلىقىنىڭ كېمىيىشى كۆپىرەك بولىشى مۇمكىن، مەسىلەن 70 كىلو كېلىدىغان بىر كىشى بىر ئايدا تۆت كىلو ئورۇقلىغان بولسا، 100 كىلو كېلىدىغان بىرسى ئالتە كىلو ياكى سەككىز كىلو ئەتىراپىدا ئورۇقلىسا مۇۋاپىق بولىدۇ.
 
2، ھۈجەيرىلەرنىڭ يېڭىلنىش دەۋرىيلىكىنى توغرا ئىگەللىگەندە  ئۇزۇن مەزگىللىك ئورۇقلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
قورامىغا يەتكەندىن كېيىن ئادەم تېنىدىكى ھۈجەيرە سانى ئاشمايدۇ ياكى ئازايمايدۇ، لېكىن ھۈجەيرىنىڭ چوڭ كىچىكلىكىدە ئۆزگۈرۈش بولىدۇ. ئورۇقلاش ياغ ھۈجەيرىسىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكىنى ئۆزگەرتىشتۇر . ئادەم بەدىنىدىكى ھۈجەيرىلەرنىڭ يېڭىلىنىش دەۋرىيلىكى ئادەتتە 90 - 180 كۈن بولىدۇ . بىراق ئادەم تېنىدىكى ياغ ھۈجەيرىسىنىڭ خاتىرىسى بولۇپ، بۇ دەل  تېز سۈرئەتتە ئورۇقلاپ بولغاندىن كېيىن ناھايىتى تېز ئەسلىگە كېلىپ قىلىشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرىدىن. چۈنكى ئورۇقلايدىغان كۈن سانى ھۈجەيرىنىڭ يېڭىلىنىشىغا ئېھتىياجلىق بولغان كۈن سانىغا يەتمىسە ، ئۇنداقتا سېمىز گۆش ئاسانلا خاتىرىسىگە ئەگىشىپ قايتىدىن بەدەنگە يېنىپ كېلىدۇ.
 
3،ئورۇقلاش بىسىمىنى يېنىكلەتكەندە ئورۇقلاش ئاسانلىشىدۇ..
ئورۇقلاشنى 90 كۈن يەنى ئۈچ ئايدىن ئارتۇق داۋاملاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۇزۇن مەزگىللىك ئورۇقلاش پىلانى تۈزۈش كېرەك، تېز ئورۇقلاشنى قوغلاشمىغاندا، ئۆزىمىزگە ھەر كۈنى قاتىق تەلەپ قويۇپ بىسىم ئىچىدە ياشىشىمىزنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ، ئىسسىقلىقنى زور دەرىجىدە ئازايتىپ، ھەر كۈنى نورمىدىن ئارتۇق ھەركەت قىلىپ، بىكار تۇرماي تارازىغا چىقىپ يۈرمەسلىك كېرەك.  شۇنداق بولغاندىلا ئورۇقلاش بىر خىل كۆڭۈللۈك ئىشقا ئايلىنىپ، بەرداشلىق بېرىش كۈچىمىز ئاشىدۇ.  
بەلكىم سىز ھازىر نىمە ئۈچۈن ئورۇقلاشنى 90 كۈندىن ئارتۇق داۋاملاشتۇرۇشىمىز كېرەكلىكىنى چۈشەندىڭىزغۇ دەيمەن؟  ھەرگىزمۇ يېرىم يولدا بەل قويىۋەتمەڭ، ئەمەلىيەتتە ئورۇقلاش ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەس، ئىلمىي ئورۇقلاش دىگەن تەغدىردىمۇ يەنىلا نۇرغۇن قېيىنچىلىقلار كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. ھالبۇكى مۇشۇ قېيىنچىلىقلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىش سىزنىڭ غەلبىلىك ئورۇقلاش پىلانىڭىزنىڭ ئەمەلگە ئېشىش ئاشماسلىقىنى بەلگىلەيدۇ.
 

ئەرلەر قانداق ئايال كىشىنى كۆڭلىدىن چىقىرۋىتەلمەيدۇ

نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تەپەككۇر بوشلۇقى بار بولۇپ، مۇھەببەت جەھەتتە ھىسياتقا ئۆزىنىڭ ئېڭى بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ؛ بۇ سەۋ

راك كىسەللىكىگە قارشى تۇرىدىغان يىمەكلىكلەر

ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلىشى، يىمەك-ئىچمەك ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ ئەمىلىيەتتە ئاشقازان راكىلا ئەمەس، چوڭ ئۈچەي راكى، جىگەر راكى، ئاش

دىققەت! بۇ ئەھۋاللارمۇ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنگە باراۋەر

لىكىن، بەزى ماشىنا ئىگىلىرى، تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولۇپ، "ھاراقنى كۆپ ئىچمىدىم، ماشىنا ھەيدىسەم بولىۋىرىدۇ" دەپ قارايدۇ؛ نەتىجىدە،

تاماقتىن كىيىنكى يېرىم سائەت، كۈتۈنۈشتىكى ئالتۇن مەزگىل

تاماقتىن كىيىن 15مىنۇت ئارام ئېلىپ، بەزىبىر يىنىك مۇزىكالارنى ئاڭلاڭ ھەمدە ئازراق چاي ئىچىپ بىرىڭ، ئەمما كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.

ھەقىقىي ئىلمىي ئورۇقلاش ئۈچۈن چوقۇم 90 كۈن قەتئىي داۋاملاشتۇرىمىز

ئادەم تېنىدىكى ياغ ھۈجەيرىسىنىڭ خاتىرىسى بولۇپ، بۇ دەل تېز سۈرئەتتە ئورۇقلاپ بولغاندىن كېيىن ناھايىتى تېز ئەسلىگە كېلىپ قىلىشنىڭ ئاسا

دادىنىڭ قىزلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى خاتىرىلىگەن ئىجادىي سۈرەتلىرى

ئۇلارنى بېلىق بىلەن بىللە يۇيۇنغىلى ۋە بۆرە بىلەن بىللە ھۇۋلىغىلى قويۇپ بەرگەن؛ بۇ قىزلارنىڭ تۇرمۇشى ئىزچىل تۈردە ناھايىتى قىزىقارلىق

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号