تاماقتىن كىيىنكى يېرىم سائەت، كۈتۈنۈشتىكى ئالتۇن مەزگىل
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5695:ئادەم ئۆگەندى

ئەتىگەنلىك ناشتىن كىيىنكى يېرىم سائەت
   1. بەدەن چېنىقتۇرۇشقا ئالدىرماڭ، بولمىسا ھەزىم قىلىش ناچار بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
   2. قوللىرىڭىزدا تىز بوغۇمىڭىزنى ئۇۋۇلاپ بىرىڭ، بۇنىڭدا ئاشقازان جىڭلولىرىنى راۋانلاشتۇرىدۇ؛ بۇندىن باشقا يەنە، قىش كۈنلىرىدە سۇغۇق يەلنى ھەيدەپ، بوغۇملارغا سۇغۇق ئۆتۈپ كىتىشتىن ساقلايدۇ.
چۈشلۈك تاماقتىن كىيىنكى يېرىم سائەت
   1. چۈشلۈك تاماقتىن كىيىنكى يېرىم سائەت، بەدەن ھالىتى ۋە روھى ھالەتنى تەڭشەشتىكى ئەڭ مۇھىم ۋاقىتتۇر. تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، چۈشتە مۈگدەپ بىرىشنىڭ، بېسىمنى يىنىكلىتىش، ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق ئۈنۈملىرى بار بولۇپ، پەقەت ئون نەچچە مىنۇتلا مۈگدىگەن تەقدىردىمۇ، ئۈنۈمى ناھايىتى كۆرۈنەرلىك بولىدىكەن.
   2. ئۇخلاشقا ئىمكانىيەت بولمىغان تەقدىردىمۇ، پۇت-قوللىرىمىزنى سوزۇپ، بىر نەچچە قېتىم چوڭقۇر نەپەس ئېلىۋالساق، جىددىچىلىكتىن چىڭىپ قالغان بەدىنىمىزنى بوشىتىشقا پايدىلىق بولىدۇ.
كەچلىك تاماقتىن كىيىنكى يېرىم سائەت
   1. ھەرىكەت قىلىشقا ئالدىرماڭ، يۇيۇنۇشقا ۋە پۇتىڭىزنى سۇغا چىلاشقىمۇ ئالدىرماڭ؛ بولمىغاندا، بەدىنىڭىز يۈز قىسىمدىكى قان ئېقىمى ئېشىپ كىتىپ، ئاشقازان-ئۈچەي يوولىدىكى قان ئېقىمى ئازلاپ كىتىدۇ ھەمدە بۇ سەۋەپلىك ئاشقازان-ئۈچەينىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى ئاجىزلاپ كىتىدۇ.
   2. بۇ ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ، بەزىبىر ئۆي ئىشلىرىنى قىلسىڭىز بولىدۇ؛ مەسىلەن، قاچا يۇيۇش ياكى ئۆي ئىچىنى رەتلەش قاتارلىقلار. ئازراق مىدىرلاپ بەرسىڭىز، ھەزىم قىلىش سېستىمىسىغا كۆپ بېسىم چۈشۈرمەيدۇ.
   تاماقتىن كىيىن بۇ ئىشلارنى قىلماڭ:
تاماقتىن كىيىن دەرھال مىۋە چىۋە يىيىش
   يىمەكلىك ئاشقازانغا كىرگەندىن كىيىن، 1-2سائەتلىك ھەزىم قىلىش ۋاقتىغا ئىھتىياجلىق؛ ئەگەر تاماقتىن كىيىن دەرھال مىۋە-چىۋە يىسەك، ئالدىدا يىگەن يىمەكلىكلەر تەرپىدىن توسۇپ قېلىنىپ، مىۋە-چىۋىنىڭ ئاسان ھەزىم بولالماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەمدە ئاشقازان ئاسانلا كۆپۈپ قالىدۇ. شۇڭا، مىۋە-چىۋىنى ئەڭ ياخشى ئىككى ۋاخ تاماقنىڭ ئارىلىقىدا يىيىش لازىم، بۇنىڭدا ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى بولىدۇ.
تاماقتىن كىيىن دەرھال چېنىقىش
   تاماقتىن كىيىنكى يېرىم سائەت ئىچىدە، ئاشقازانغا يىمەكلىك تولغانلىق سەۋەبىدىن، ئاشقازان ناھايىتى ئېغىر بولۇپ قالىدۇ. بۇ ۋاقىتتا چېنىقىمەن دىسەك(سەيلە قىلىش قاتارلىق يىنىك تىپتىكى چېنىقىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، ئاشقازان تەۋرىنىش "ئازابى"غا ئۇچراپ، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى تەسىرگە ئۇچرايدۇ، ئەگەر بۇ ئەھۋال ئۇزۇن مەزگىل داۋاملاشسا، ئاشقازان كىسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
تاماقتىن كىيىن دەرھال قېنىق چاي ئىچىش
   تاماقتىن كىيىنلا قېنىق چاي ئىچسەك، چاي ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنى سۇيۇلدۇرۇپ، يىمەكلىكنىڭ ھەزىم قىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، چاي تەركىبىدىكى تاننىك كىسلاتا، يىمەكلىك تەركىبىدىكى ئاقسىلنى، ئاسان ھەزىم بولمايدىغان قاتتىق ھالەتتىكى ماددىلارغا ئايلاندۇرۇپ قويۇپ، ئاشقازاننىڭ بېسىمىنى ئاشۇرۋىتىدۇ ھەمدە ئاقسىلنىڭ بەدەنگە سۈمۈرۈلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
تاماقتىن كىيىن دەرھال يېتىپ ئۇخلاش
   بەزىلەر ئىشتىن قايتىپ كىلىپ تاماق يەپ بولغاندىن كىيىن، تويۇنۇش تۇيغۇسى ئۇلارنىڭ ئۇيقۇسىنى كەلتۈرىدۇ، بۇنىڭغا كۈندۈزلۈك خىزمەتتىكى چارچاش قوشۇلۇپ، ئۇلار بىردەم يېتىپ ئۇخلىۋالىدۇ. بىراق، تاماق يەپ بولۇپلا ئۇخلاش، ئاشقازاننىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىۋىدىغان بولۇپ، يىمەكلىك ھەزىم بولماي بەدەندە ساقلىنىپ قېلىپ، سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
تاماق يەپ بولۇپلا يۇيۇنۇش
   تاماق يەپ بولۇپلا يۇيۇنغاندا، بەدەن يۈز قىسىمدىكى قان ئېقىم مىقدارى كۆپىيىپ، ئاشقازان ۋە ئۈچەي يولىدىكى قان مىقدارى ئازلاپ قالىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا، ئاشقازان ۋە ئۈچەينىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىغا تەسىر يىتىپ، ھەزىم قىلىش ناچارلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئىلىم پەن نوقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، تاماقتىن بۇرۇن قوساق ئاچ ۋاقىتتا يۇيۇنۇشقا بولمايدۇ، بولمىسا ئوكسىگىن يىتىشمەسلىك ۋە ۋاقىتلىق قان ئازلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ تاماقتىن كىيىن دەرھال يۇيۇنۇشقىمۇ بولمايدۇ، ئەڭ ياخشىسى تاماق يەپ بولۇپ بىرسائەت ياكى تېخىمۇ ئۇزۇن ۋاقىتنى ئۆتكۈزىۋىتىپ ئاندىن يۇيۇنۇش كېرەك.
تاماقتىن كىيىن بۇ ئۇسۇللاردا كۈتۈنۈش قىلىڭ
   تاماقتىن كىيىن 15مىنۇت ئارام ئېلىپ، بەزىبىر يىنىك مۇزىكالارنى ئاڭلاڭ ھەمدە ئازراق چاي ئىچىپ بىرىڭ، ئەمما كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.
   يېرىم سائەتتىن كىيىن، چىشىڭىزنى چوتكىلاپ ياكى ئېغىزىڭىزنى چايقاپ، ئېغىز بوشلۇقى، جۈملىدىن چىشىڭىزنىڭ ساغلاملىقىنى ئاسراڭ.
   كەينىدىن سەيلە قىلىش نۆۋىتى كىلىدۇ. سەيلە قىلغاندا يول مېڭىشنىلا بىلمەي، سەيلە قىلىش جەريانىدا نەپەس رېتىمىڭىزنى تەڭشەپ، رېتىملىق ۋە تۇراقلىق ھالدا نەپەسلىنىڭ؛ بۇنىڭدا، ئاشقازان ئۈچەينىڭ ھەزىم قىلىشى ۋە ئۇزۇقلۇق سۈمۈرىشىگە تېخىمۇ پايدىلىق بولىدۇ.

قورۇما قورىغاندا تۇزنى قايسى ۋاقىتتا قوشۇش كىرەك

يىمەكلىك تۇزى، تۇرمۇشىمىزدىكى كەم بولسا بولمايدىغان خۇرۇچ ماتىريالى بولۇپ، ئەگەر تۇز قوشۇلمىسا، ھەرقانچە يىيىشلىك يىمەكلىكمۇ تەمسىز ت

چەتئەللىك ئايال ئوڭۇشلۇق ھالدا بەشكىزەك قىز تۇغدى

ئىگىلەشلەرگە قارىغاندا، ئامىرىكا خىيوستوندىكى بىر دوختۇرخانىدا، بىر ھامىلدار ئايال بەشكىزەك قىز تۇغقان بولۇپ، بۇ، يېقىنقى 50يىلدىن بىر

بىر ئايالنىڭ يازغان يىللىق "خىزمەت" خۇلاسىسى

يىللار ئاتقان ئوققا ئوخشايدۇ. ئاياللارغا تەۋە بولغان ۋاقىت تېخىمۇ رەھىمسىزرەك بولۇپ، بولۇپمۇ 30ياشتىن ئاشقان ئاياللار بىر تەرەپتىن خىزم

كۈنلىرىڭىز قانچە تەسلەشكەنسىرى، بۇ تۆت ئىشتا شۇنچە چىڭ تۇرۇڭ

قىيىنچىلىققا تولغان كۈنلەر، قوش بىسلىق پىچاققا ئوخشايدىغان بولۇپ، ئۈمىدۋار كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇ بىر خىل ھەرىكەتلەند

قان بېسىمنى كونتىرول قىلىشتىكى خاتا قاراشلار

بۇنداق ئەھۋالدا، قان تۇمۇرلىرىدا كۆپۈپ قېلىش ۋە ئاجىز نوقتىلار كۆرۈلۈش ئىھتىماللىقى بار بولۇپ، بۇ جايلاردا ھەر ۋاقىت يېرىلىش ۋە توسۇلۇ

"كۆڭلى" نامرات ئەرگە ياتلىق بولسىڭىز، بىر ئۆمۈر جاپا تارتىسىز

ئاياللار ئۆزىگە لايىق تاللىغاندا، كۆپىنچە ئاياللارنىڭ ئويلىشىدىغىنى، ئۇنىڭ ئىقتىسادى ئاساسى بار يوقلۇقى ئەمەس، بەلكى ئۇ ئەركىشىنىڭ كە

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号