ئادەم نېمىشقا بۇرنىنى كوچىلاشقا ئامراق كېلىدۇ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5808:قېتىم كورۇلدى
   بىز كۈندە ئۆزىمىزمۇ سەزمىگە ئەھۋال ئاستىدا قىلىپ سالىدىغان بىر ھەرىكەت بار:
   بارماقلىرىمىزنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن بۇرۇن تۆشىكىمىزگە تىقىپ، نەمخۇش ھەم ئازراق ئېلاستىكىلىقى بار نەرسىگە تەككۈزۈپ، كەينىدىن كوچىلاپ ئېلىۋەتسەك، بۇرۇن تۆشۈكچىلىرىمىز شۇ ھامانلا ناھايىتى راھەت ھېس قىلىپ كېتىدۇ...
   شۇنداق، بۈگۈن بىز، ئادەمنى خۇمار قىلىپ قويىدىغان بۇرۇن كوچىلاش ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.
   ئىگىلەشلەرگە ئاساسلانغاندا، %91 ئادەم بۇرنىنى كوچىلايدىكەن؛ قالغان %9 ئادەم بولسا، ھەر نېمە دېگەن بىلەنمۇ بۇرنىنى كوچىلايدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغىلى ئۇنىمايدىكەن. ئۇنداقتا، نېمە ئۈچۈن شۇنچە كۆپ ئادەم بۇرنىنى كوچىلاشنى ياخشى كۆرىدۇ؟
   بۇنى بىر نەچچە قاتلامغا بۆلۈپ چۈشەندۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ:
   1. ئىنسانشۇناسلىق ئىلىمى قاتلىمىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا: قەدىمدىن تارتىپ شۇنداق.
   ئىنسانلارنىڭ 6000يىلدىن ئارتۇق بۇرۇن كوچىلاش تارىخى بار، قەدىمقى مىسىر دەۋرىدىكى تام رەسىملىرىدە، ئادەملەرنىڭ قول بارماقلىرىدا بۇرنىنى كوچىلاپ تۇرغان رەسىملىرى خاتىرىلەنگەن.
   2. بەدەن قاتلىمى جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا: بۇرۇن تۆشۈكچىلىرى ئېچىلىپ ئادەم راھەت ھېس قىلىدۇ.
   بۇرۇن قاقىچى، بۇرۇننى توسىۋىلىپ، بىزنى ئەركىن نەپەسلەنگىلى قويمايدۇ. بۇرۇن قاقىچىنى كوچىلاپ ئېلىۋەتسەك، خۇددى توسۇلۇپ قالغىلى ئۇزۇن بولغان يول تۇيۇقسىز ئېچىلىپ كەتكەنگە ئوخشاش، ئادەمنى ناھايىتى بەك راھەتلەندۈرىدۇ.
   3. روھىيەت قاتلىمى جەھەتتىن ئېيتقاندا: ئادەمگە بەك خوشياقىدىغان بولغاچقا، خۇمار قىلىپ قويىدۇ!
   ئادەمنىڭ بۇرۇن بوشلۇقىغا نۇرغۇنلىغان نىرىپلار تارالغان بولۇپ، ھەر قېتىم بارماقلىرىمىزدا بۇرنىمىزنى كوچىلىغاندا، بۇرۇن بوشلۇقىدىكى نىرىپلار غىدىقلىنىدۇ؛ بىز پەقەت بەك قاتتىق كۈچىۋەتمىسەكلا، ئادەمگە ھەقىقەتەن خوش يېقىپ، خۇمار قىلىپ قويىدۇ.
   ئەڭ سىرلىق بولغىنى، بۇرۇن تۆشۈكچىسىنىڭ يۇمشاقلىق ۋە ئىلاستىكىلىقى ئىنتايىن ياخشى بولۇپ، چوڭىيالايدۇ ھەم كىچىكلىيەلەيدۇ، ئادەتتە ئون بارمىقىمىزنىڭ ھەممىسى پېتىپ كېتىدۇ، شۇڭا مەشغۇلات ئېلىپ بارماق ئاسان.
   شۇنىڭ ئۈچۈن، ئىنسانلار تۇغۇلىشىدىنلا بۇرنىنى كوچىلاشقا ئامراق كېلىدۇ.
   لېكىن، بۇرۇن كوچىلاش بۇرۇن تۆشۈكچىسىنى يوغىنىپ قويارمۇ؟
   ئۇنداق بولمايدۇ. بۇرۇن تۆشۈكچىسىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى، بىزنىڭ كىچىك ۋاقتىمىزدا يېتىلىشتىن توختىغان ۋاقىتتىلا بېكىتىلىپ مۇقىملىشىپ بولىدۇ؛ شۇڭا، بىز بۇرنىمىزنى ھەركۈنى توختىماي كوچىلىساقمۇ، ئۇ ھەرگىز يوغىناپ كەتمەيدۇ. بىراق، ئەگەر بۇرۇن كوچىلاش نامۇۋاپىق بولۇپ قالسا، ياللۇغ كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، بۇرۇن تۆشۈكچىسىمۇ ۋاقتىلىق يوغىناپ قالىدۇ؛ ئەمما ياللۇغ قايتقاندىن كېيىن، بۇرۇن تۆشۈكچىسى يەنىلا ئەسلىدىكى چوڭ-كىچىكلىك ھالىتىگە قايتىپ كېلىدۇ.
   ئاخىرىدا مېنىڭ دەيدىغىنىم، بۇرۇننى كوچىلىسىڭىز مەسىلە يوق، ئەمما چوقۇم تىرناقلىرىڭىزنى ۋاقتىدا ئېلىپ تۇرۇشنى ۋە بارماقلىرىڭىزنى پاكىزە تۇتۇشنى ئۇنۇتماڭ.

ئەرلەر قانداق ئايال كىشىنى كۆڭلىدىن چىقىرۋىتەلمەيدۇ

نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تەپەككۇر بوشلۇقى بار بولۇپ، مۇھەببەت جەھەتتە ھىسياتقا ئۆزىنىڭ ئېڭى بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ؛ بۇ سەۋ

راك كىسەللىكىگە قارشى تۇرىدىغان يىمەكلىكلەر

ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلىشى، يىمەك-ئىچمەك ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ ئەمىلىيەتتە ئاشقازان راكىلا ئەمەس، چوڭ ئۈچەي راكى، جىگەر راكى، ئاش

دىققەت! بۇ ئەھۋاللارمۇ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنگە باراۋەر

لىكىن، بەزى ماشىنا ئىگىلىرى، تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولۇپ، "ھاراقنى كۆپ ئىچمىدىم، ماشىنا ھەيدىسەم بولىۋىرىدۇ" دەپ قارايدۇ؛ نەتىجىدە،

تاماقتىن كىيىنكى يېرىم سائەت، كۈتۈنۈشتىكى ئالتۇن مەزگىل

تاماقتىن كىيىن 15مىنۇت ئارام ئېلىپ، بەزىبىر يىنىك مۇزىكالارنى ئاڭلاڭ ھەمدە ئازراق چاي ئىچىپ بىرىڭ، ئەمما كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.

ھەقىقىي ئىلمىي ئورۇقلاش ئۈچۈن چوقۇم 90 كۈن قەتئىي داۋاملاشتۇرىمىز

ئادەم تېنىدىكى ياغ ھۈجەيرىسىنىڭ خاتىرىسى بولۇپ، بۇ دەل تېز سۈرئەتتە ئورۇقلاپ بولغاندىن كېيىن ناھايىتى تېز ئەسلىگە كېلىپ قىلىشنىڭ ئاسا

ئادەم نېمىشقا بۇرنىنى كوچىلاشقا ئامراق كېلىدۇ

ئىگىلەشلەرگە ئاساسلانغاندا، %91 ئادەم بۇرنىنى كوچىلايدىكەن؛ قالغان %9 ئادەم بولسا، ھەر نېمە دېگەن بىلەنمۇ بۇرنىنى كوچىلايدىغانلىقىنى ئې

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号