بىر جۈپ مېيىپ ئەر-خوتۇننىڭ مىھرى مۇھەببىتى
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 7329:قېتىم كورۇلدى
 
     11-ئاينىڭ 26-كۈنى، لىيۇ خەي بىلەن ئايالى لى مېيۋېن ئۆز ھويلىسىدا تۇرۇپ كولاۋاتاتتى. لىيۇ خەي بىلەن لى مېيۋېن ئىچكى موڭغۇل ئاپتۇنۇم ناھايىتى كۇلۈن ئايمىقى، كوۋ خېزى بازىرىدا ئولتۇرۇشلۇق بىر جۈپ ئەر خوتۇنلار.
    1997-يىلى، 25 ياشلىق سەپتىن چىكىنگەن جەڭچى لىيۇخەينى خىزمەت جەريانىدا تاسادىبىيلىقتىن توك سوقوۋىتىپ، ئۇنىڭ ئىككى قولى كىسىۋىتىلگەن؛ ئايالى لى مېيۋېن گۇاڭشى ئۆلكىسىدىن بولۇپ، 13ياش ۋاقتىدا ھادىسىگە ئۇچراپ ئىككى پۇتىدىن ئايرىلىپ قالغان. رەھىمسىزلىككە تولغان بۇنداق رىئاللىققا قارىتا، لىيۇخەي قالدۇق بىلەكلىرى بىلەن كىيىم كىيىپ تاماق ئىتىشنى ئۆگەندى، لى مېيۋېن بولسا ئىككى ئورۇندۇققا تايىنىپ يول مېڭىشنى ئۆگەندى. 2007-يىلى، لىيۇخەي تېلىۋىزوردا ئۆزى بىلەن ئوخشاش قەيسەرلىك بىلەن ياشاۋاتقان لى مېيۋېننى كۆرۈپ، ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلاشتى. "ئىككىمىز بىرگە بولساق، قول ھەم پۇتىمىز بار بولىدۇ"، بۇ لىيۇ خەينىڭ ئەينى ۋاقىتتا لى مېيۋېنغا بەرگەن ۋەدىسى ئىدى.
    ئىككى ئايدىن كىيىن، تۇغۇلغاندىن بويان تۇنجى قېتىم يېراققا سەپەرگە چىققان لى مېيۋېن، گۇاڭشى ئۆلكىسىدىن ئىچكى موڭغۇلغا كەلدى. بۇ ئىككەيلەن توي قىلغاندىن كىيىن، ئىككى ئادەمدىكى ئىككى قول ۋە ئىككى پۇتقا تايىنىپ، ئۆي ئىشلىرى، كۆكتات تېرىش، توخۇ بېقىش قاتارلىق دىھقانچىلىق ئەمگەكلىرىنى جايىدا قىلىپ ماڭدى. بۇ ئىككەيلەن توي قىلغاندىن بويانقى 11يىل مابەينىدە، مەيلى بالىسى تۇغۇلغان، مەكتەپكە بارغان ۋاقتىلاردا بولمىسۇن ياكى ئەر-خوتۇن ئىككەيلەن ئاغرىپ قېلىپ دوختۇرغا كۆرۈنگەن ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشى جەريانىدا بولمىسۇن، ئۇلارنىڭ ئۇرۇغ-تۇققان، دوست-يارەنلىرى كۆپلەپ ياردەم قىلدى؛ بىراق ئەر-خوتۇن ئىككەيلەن نۇرغۇن ئاق كۆڭۈل كىشىلەرنىڭ قىلغان ئىئانىسىنى چىرايلىقچە رەت قىلدى. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ئۇلار ھازىرقىدەك كۆكتات تېرىپ ۋە توخۇ بېقىپ، بىر ئائىلىنىڭ تۇرمۇشىنى قامداپ كىتەلەيدىغان بولۇپ، باشقىلارنىڭ ئاق كۆڭۈللۈكىدىن پايدىلىنىپ پۇل يېغىۋىلىشنى دۇرۇس بىلمەيتتى؛ ئۇلار قىزىغا ئۈلگە بولۇپ، ئۇنىڭغا ئۆزى مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرەلەيدىغان بولۇشنى ئۆگىتىشنى ئويلايتتى.
    12-ئاينىڭ 1- كۈنى لى مېيۋىن كىيىملەر يۇيۇپ بولغاندىن كىيىن، لىيۇ خەي ئۇ كىيىملەرنى ئېلىپ چىقىپ، سىرتقا يېيىپ قويماقچى بولۇۋاتاتتى.
    12-ئاينىڭ 1-كۈنى، لى مېيۋېن ئارقا ھويلىسىدا، توخۇلارغا يەم بىرىۋاتاتتى.
    11-ئاينىڭ 29-كۈنى، لىيۇ خەي بېرىپ مەكتەپتىن يانغان قىزىنى ئەكەلدى.
    11-ئاينىڭ 27-كۈنى، لى مېيۋېن لىيۇخەينىڭ بېشىنى يۇيۇپ قويۇۋاتاتتى.
    11-ئاينىڭ 30-كۈنى، لى مېيۋېن تاماق ئىتىۋاتاتتى، قىزى بولسا بىر چەتتە ئانىسىغا ياردەملىشىۋاتاتتى.
    11-ئاينىڭ 23-كۈنى، لىيۇ خەينىڭ ئاچىسى نەۋرىسىنى ئېلىپ، لىيۇخەي بىر ئائىلە كىشىلىرىنى يوقلاپ كەلدى.
    لىيۇخەي ئەر-خوتۇن ۋە قىزىنىڭ بىللە چۈشكەن سۈرىتى.(11-ئاينىڭ 30-كۈنى تارتىلغان)
    ئادەمنى تەسىرلەندۈرىدىغان بۇ سۈرەتلەر، ئەگەر سىزنىڭمۇ يۈرەك تارىڭىزنى چەككەن بولسا، ئاستىندىكى ئېلاننى دەسسىگەچ، سۆز قالدۇرۇش رايونىدا مۇشۇ ۋاقىتتىكى كۆڭۈل ھسياتلىرىڭىزنى كۆپچىلىك بىلەن بەھىرلىنىڭ.
 

ئەرلەر قانداق ئايال كىشىنى كۆڭلىدىن چىقىرۋىتەلمەيدۇ

نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تەپەككۇر بوشلۇقى بار بولۇپ، مۇھەببەت جەھەتتە ھىسياتقا ئۆزىنىڭ ئېڭى بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ؛ بۇ سەۋ

راك كىسەللىكىگە قارشى تۇرىدىغان يىمەكلىكلەر

ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلىشى، يىمەك-ئىچمەك ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ ئەمىلىيەتتە ئاشقازان راكىلا ئەمەس، چوڭ ئۈچەي راكى، جىگەر راكى، ئاش

دىققەت! بۇ ئەھۋاللارمۇ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنگە باراۋەر

لىكىن، بەزى ماشىنا ئىگىلىرى، تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولۇپ، "ھاراقنى كۆپ ئىچمىدىم، ماشىنا ھەيدىسەم بولىۋىرىدۇ" دەپ قارايدۇ؛ نەتىجىدە،

تاماقتىن كىيىنكى يېرىم سائەت، كۈتۈنۈشتىكى ئالتۇن مەزگىل

تاماقتىن كىيىن 15مىنۇت ئارام ئېلىپ، بەزىبىر يىنىك مۇزىكالارنى ئاڭلاڭ ھەمدە ئازراق چاي ئىچىپ بىرىڭ، ئەمما كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.

ھەقىقىي ئىلمىي ئورۇقلاش ئۈچۈن چوقۇم 90 كۈن قەتئىي داۋاملاشتۇرىمىز

ئادەم تېنىدىكى ياغ ھۈجەيرىسىنىڭ خاتىرىسى بولۇپ، بۇ دەل تېز سۈرئەتتە ئورۇقلاپ بولغاندىن كېيىن ناھايىتى تېز ئەسلىگە كېلىپ قىلىشنىڭ ئاسا

ئادەم نېمىشقا بۇرنىنى كوچىلاشقا ئامراق كېلىدۇ

ئىگىلەشلەرگە ئاساسلانغاندا، %91 ئادەم بۇرنىنى كوچىلايدىكەن؛ قالغان %9 ئادەم بولسا، ھەر نېمە دېگەن بىلەنمۇ بۇرنىنى كوچىلايدىغانلىقىنى ئې

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号