ئاياللارنىڭ بىر ئەرگە كۆڭلى بولسا، بۇ ئۈچ ئىشتا ئۇنى رەت قىلمايدۇ
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 7599:ئادەم ئۆگەندى
    سىز يولۇققان مۇھەببەت قانداق بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، ئۆزىڭىزگە يۈز كىلەلىشىڭىز كىرەك؛ مۇھەببەتتىن ئازاپلىنىپ، قەلبىڭىز جاراھەتلەرگە تولسىمۇ، پۈتۈن ۋۇجۇدىڭىز بىلەن مۇھەببەتلىشىشىڭىز كىرەك؛ چۈنكى پەقەت مۇشۇنداق بولغاندىلا سىز تۇيۇق يولدىن قۇتۇلۇپ، بەخىتلىك ھەم ئەستىن چىقمايدىغان بىر بۆلەك مۇھەببەتكە ئىرىشەلەيسىز.
    ھەممەيلەن ئاياللارنىڭ كۆڭلى دېڭىزدىكى يىڭنىگە ئوخشايدۇ، مەڭگۈ بىلىپ يەتكىلى بولمايدۇ دىيىشىدۇ. ئەرلەرگە نىسبەتەن ئەڭ باش ئاغرىتىدىغان ئىشمۇ ئاياللارنىڭ كۆڭلىدە ئويلىغىنىنى بىلەلمەسلىك بولۇپ، ھەر قېىتم ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكىنى خاتا چۈشىنىۋالغانلىق سەۋەبلىك، ئۇلارنى خاپا قىلىپ قويىدۇ. ئەمىلىيەتتە بۇ سىزنىڭ ئاياللارنى چۈشەنمىگەنلىكىڭىز بولۇپ، ئادەتتە ئاياللار سىزنى بولغۇسى ئىرى قاتارىدا كۆرسە، بۇ ئۈچ خىل ئىشتا ئۇلار سىزنى رەت قىلمايدۇ، ئەرلەر چوقۇم بىلىۋىلىشى كىرەك!
1. سىز ئۇنىڭ يانفونىنى كۆرىمەن دىسىڭىز، ئۇ رەت قىلمايدۇ.
    ھازىرقى مەزگىلدە، بىر ئايال كىشى يانفونىنى سىزنىڭ كۆرىشىڭىزگە بەرسە، ئۇنداقتا ئۇ سىزنى ھەقىقى ياخشى كۆرىدىغان بولىدۇ. چۈنكى ھەر بىر ئادەمنىڭ يانفونىدا نۇرغۇن مەخپىيەتلىكلەر يۇشۇرۇنغان بولۇپ، بۇ مەخپىيەتلىكلەر ئائىلىگە ياكى بۇرۇنقى مۇھەببىتىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن، ياكى مەشۇقى بىلەن پاراڭلىشىش خاتىرسى بار بولۇشى مۇمكىن؛ شۇڭلاشقا ئەگەر كۆڭلى باشقا يەردە ئايال كىشى بولۇپ قالسا، سىزگە يانفونىنى خاتىرجەم ھالدا تاپشۇرۇپ بەرمەيدۇ؛ ئەگەر سىزگە كۆرسىتىشكە مەجبۇر بولۇپ قالسىمۇ، چوقۇم ئالدىن يانفوندىكى خاتىرلارنى پاكىز ئۆچۈرۋىتىپ ئاندىن سىزگە تاپشۇرىدۇ.
    ئەگەر بىر ئايال كىشى چىراي ئۆزگىرىپ كەتمىگەن ھالەتتە، يانفونىنى سىزنىڭ خالىغانچە كۆرىشىڭىزگە تاپشۇرسا، ئۇنداقتا بۇ ئۇنىڭ سىزگە يۈز كىلەلمەيدىغان ئىش قىلمىغانلىقىنى ئىپادىلەپ بىرىدۇ. سىز ئۇنىڭ يانفونىنىڭ ناھايىتى "پاكىزە" ئىكەنلىكىنى بايقايسىز، يانفوندىكى مەزمۇنلارنىڭ كۆپ قىسمى سىز بىلەن بىللە چۈشكەن سۈرەتلىرى ياكى سىز بىلەن پاراڭلاشقان خاتىرىلەر بولىدۇ؛ ئۇ سىزنىڭ ياخشى كۆرگەنلىكتىن، سىز بىلەن پاراڭلاشقان خاتىرىلەرنى يۇۋەتمەي ساقلاپ قويىدۇ، چۈنكى بۇنىڭدا ئۇ سىزنى ئەسلىگەن ۋاقىتلىرىدا، بۇ خاتىرىلەرنى ئېچىپ كۆرەلەيدۇ.
2. سىزنىڭ ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئولتۇرۇپ كىلىش تەلىۋىڭىزنى رەت قىلمايدۇ.
     دەۋر ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىۋاتقان ھازىرقى مەزگىللەردە، گەرچە ئاشىق-مەشۇقلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ تەرەققىياتىمۇ بارغانسىرى تىزلىشىپ كىتىپ بارغان بولسىمۇ، ئەگەر بىر ئايال كىشى سىزنى ياخشى كۆرمىسە، سىزنى ئۆيىگە باشلاپ بارمايدۇ.
    چۈنكى بىر ئايال كىشىنىڭ ياتاق ئۆيى، ئۇنىڭ ئەڭ سىرلىق ھەم ئەڭ مۇھىم جايى ھىسابلىنىدىغان بولۇپ، ئۆزى ئەڭ ئىشىنىدىغان ئادەملەرنىڭلا كىرىشىگە رۇخسەت قىلىدۇ. ئەگەر سىز بىر ئايال كىشىگە ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئولتۇرۇپ كىلىش تەلىۋىنى ئوتتۇرغا قويسىڭىز، ئۇ رەت قىلمىسا، ئۇنداقتا بۇ ئۇنىڭ سىزگە ناھايىتى ئىشىنىدىغىنىنى، كۆڭلىدە سىزنى بولغۇسى ئىرى قاتارىدا كۆرىدىغانلىغىنى چۈشەندۈرىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن سزنىڭ تەلىۋىڭىزنى خوشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىدۇ.
3. سىز ئۇنى ئۇچرىشىشقا تەكلىپ قىلغاندا، بۇ تەكلىپىڭىزنى رەت قىلمايدۇ.
    ئاشىق-مەشۇقلار ئوتتۇرسىدا، كۆرۈشۈش، پاراڭلىشىش دىگەنلەر نورمال ئىش ھىسابلىنىدىغان بولۇپ، ئەگەر ئايال كىشى سىزنى ياخشى كۆرمىسە، ئۇ سىزنىڭ تەكلىپىڭىزگە ماقۇل بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ ياخشى كۆرمەيدىغان ئادەم بىلەن بىرگە تۇرۇشنى ياقتۇرمايدۇ.
    ئەگەر ئۇ ئايال كىشى سىزنى ياخشى كۆرسە، سىز ئۇنى تاماققا تەكلىپ قىلغان ۋاقتىڭىزدا، ئۇ ئىنتايىن خوشال بولىدۇ ھەمدە ئۆزىنى قاتتىق ياساپ تۈزەشتۈرۈپ سىز بىلەن ئۇچرىشىدۇ؛ چۈنكى ئۇ سىز بىلەنكى بولغان ھەر بىر قېتىملىق ئۇچرىشىشنى ئىنتايىن قەدىرلەيدۇ ھەمدە سىزگە ياخشى تەسىرات قالدۇرۇشنى ئويلايدۇ، سىزنىڭ ئالدىڭىزدا ئۆزىنىڭ ئاياللىق نازاكىتىنى ئىپادىلەشنى ئويلايدۇ.

ئىرىڭىز بۇ ئۈچ ئىشنى سۈرۈشتە قىلمىسا ئەھۋال چاتاق

كىچىك ۋاقتىمىزدا، بىز ھەممىمىز ئاتا-ئانىمىزنىڭ بىزنى باشقۇرۋالماسلىقىنى ئۈمىد قىلاتتۇق؛ بىراق چوڭ بولۇپ مۇھەببەتلەشكەندىن كىيىن، يېن

ئەرلەرنىڭ قەلبىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكىنىڭ ئالامەتلىرى

ھەقىقى مۇھەببەتنى ئېغىز ئارقىلىق ئىپادىلىمەيمىز، پەقەت ھەرىكىتىمىز ئارقىلىقلا ئاندىن مۇھەببەتكە بولغان ساداقەتمەنلىكىمىزنى ئىپادىلى

بۇ خىل ئسىتاكانلاردا سۇ ئىچسىڭىز زەھەر ئىچكەنگە باراۋەر

سۇ ئىچىش، كىشىلىك ھاياتتىكى ئەڭ مۇھىم ئىشلارنىڭ بىرسى بولۇپ، سۇ ئىچكەن ئىستاكان، ئىچكەن سۇنىڭ سۈپىتىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ؛ ئەگەر

گازىر چېقىشقا ئامراقلار كۆرۈپ بىلىۋىلىڭ

گازىر، تۇرمۇشىمىزدا كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىل ئىستىراھەت يىمەكلىكى بولۇپ، ئۆزى كىچىك ئادەتتىكىچە بولغان بىلەن، تەمى خۇمالىق بولغاچقا، ك

سىناق: ئۆمرىڭىزدە نەچچە قېتىم توي قىلىدىغىنىڭىزنى سىناپ كۆرۈڭ

تۆۋەندىكى تۆت خىل ھالقىدىن قايسىسىنى تاقاشنى ھەممىدىن بەك ئارزۇ قىلىسىز؟ ئۆمرىڭىزدە نەچچە قېتىم توي قىلىدىغانلىقىڭىزنى سىناپ بېقىڭ!

ئەر كىشى بۇ بەش نەرسىسىنى سىزگە بەرسە

مۇھەببەتتە، ئايال كىشى قارشى تەرەپنىڭ كۆڭلىدە پەقەت ئۆزى يالغۇز بار بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ بۇنىڭدا، ئۇلار ئۆزىنى بەخىتلىك ھىس قىلىدۇ ھە

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号