ھال-ئەھۋالىڭىزدىن ۋايسىماڭ، قىيىنچىلىق دىگەن مۇنداق بولىدۇ!
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 9832:قېتىم كورۇلدى

     2018-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى، ۋۇخەن شەھەرلىك شىيې خې دوختۇرخانىسى كىسەلخانىسىدا، جۇ ۋېنبىڭ قىزى جۇ شىنيۈنىڭ  تەكشۈرۈش ھەققى ئۈچۈن بېشى قېتىپ يىغلاپ ئولتۇراتتى؛ بۇ ۋاقىتتا ئۇ "يوقاپ كەتكىلى" 9 يىل بولغان دادىسىنىڭ تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ، ئۆزىنىڭ بۇ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ كىتىشىگە ياردەمدە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىپ كەتكەن ئىدى. ئۇنىڭ يېنىدا، ھازىرقى ئايالى كىچىك قىزى جۇ شىنيۈنى تۇتۇپ، نىمە قىلارىنى بىلەلمەي ئولتۇراتتى. بۇ يىل بىر ياشقا كىرىپ 10 ئاي ئاشقان جۇشىنيۈ، نىرۋا ئانا ھۈجەيرە ئۆسمىسىگە گىرىپتار بولۇپ، كىسەللىك ئەھۋالى ھاياتى ھەر ۋاقىت خەۋپ ئاستىدا تۇرىدىغان  تۆتىنچى باسقۇچقا بېرىپ قالغان ئىدى؛ نەچچە كۈن ئىلگىرى شىنياڭ ۋوگزالىدا، جۇ شىنيۈدە تۇيۇقسىزلا چوڭ تىپتىكى قان چىقىش كۆرۈلۈپ، قۇتقۇزۇش ماشىنىسى ئۇنى دەرھال ۋۇخەندىكى شىيې خې دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ كەلگەن؛ جۇ شىنيۈنىڭ قىزىتمىسى ھازىرغىچە يانماي، قايتىلىنىپ قوزغىلىپ تۇرغان.
     2004-يىلدىكى ۋاقىتتا، جۇ ۋىنبىڭنىڭ ئانىسى بۇرۇن-كاناي راكىغا گىرىپتار بولۇپ قېلىپ، ئۇلار داۋالاش راسخوتى ئۈچۈن 110مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل خەجلىگەندىن كىيىن، ئانىنىڭ كىسەللىك ئەھۋالى كونتىرول قىلىنغان. ئائىلىنىڭ ئېغىر يۈكىگە بەرداشلىق بىرەلمىگەنلىكتىن، جۇ ۋىنبىڭنىڭ دادىسى 2009-يىلى، ئۆيدە 120يۈەن پۇل قالدۇرۇپ چىقىپ كەتكەندىن كىيىن، تا ھازىرغىچە ھېچقانداق ئىز-دىرىكى بولمىغان. ئۇ ۋاقىتتا جۇ ۋىنبىڭنىڭ ئانىسىنىڭ سالامەتلىكى تېخى پۈتۈنلەي ئەسلىگە كىلىپ بولالمىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ ئايالىنىڭ (بىرىنچى ئايالى) تۇغۇتى يېقىنلاپ قالغان بولۇپ، جۇ ۋىنبىڭ ئىشلەپ تاپقان پۇللار بولسا دادىسىنىڭ قولىدا ئىدى. چوڭ قىزى تۇغۇلغان ۋاقىتتا، جۇ ۋىنبىڭ ساقچىخانىغا دىلو مەلۇم قىلىپ، "يوقاپ كەتكەن" دادىسىنى ئىزدەش بىلەن بەنت بولۇپ كەتكەنلىكتىن، ئانىسى ئۆزى يالغۇز دوختۇرخانىدا كىلىنىنىڭ تۇغۇتىغا قاراشقا مەجبۇر بولغان؛ ئەلۋەتتە، تۇغۇت چىقىمىنى ئۇلارنىڭ تۇققانلىرى يېغىش قىلىپ چىقىرىشىپ بەرگەچ تۇرغان ئىدى.
     جۇ ۋىنبىڭ، خېنەن ئۆلكىسى شىنياڭ شەھىرى خۇاڭ چۈەن ناھىيىسى گېياڭ ئىش بىجىرىش باشقارمسىى بالىسۈن كەنتىدىن بولۇپ، دادىسى يوقاپ كەتكەندىن كىيىن، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش شارائىتى تېخىمۇ جاپالىق بولۇپ كەتكەن ئىدى. ئۇنىڭ ئايالى(بىرىنچى ئايالى) ئائىلىنىڭ نامراتلىقىنى سەۋەپ قىلىپ، ئەمدىلا 7 ئايلىق بولغان قىزىنى تاشلاپ قويۇپ، ئۆيدىن چىقىپ كەتكەن؛ ئەسلىدە بەخىتلىك بولغان بىر ئائىلە، قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە ئۈزۈل-كىسىل ۋەيران بولۇش گىردابىغا بېرىپ قالغان ئىدى. بۇ ۋاقىتتىكى جۇ ۋىنبىڭ بولسا، دادىسىنىڭ ئىز-دىرىكىنى قىلىش بىلەن بىرگە، يەنە ئېغىر كىسەل ياتقان ئانىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، تېخى ياشقا توشمىغان بالىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش دىگەنلەر بىلەن بولۇپ، ئازاپلىنىپ كۆڭلى يېرىم بولۇشقا ۋاقىتمۇ چىقمىغان ئىدى.
     كىيىنكى كۈنلەردە، جۇ ۋىنبىڭ پۇل تېپىش ئۈچۈن سىرتقا چىقىپ ئىشلىدى؛ ياشقا توشىمىغان بالىسى بولسا، تېنى ئاجىز بولغان ئانىسىنىڭ خەۋەر ئېلىشىغا قالدى. بالىسى تەدرىجى چوڭ بولغانسىرى، مىنىڭ نىمىشقا ئانام يوق دەپ سوراشقا باشلىدى؛ بۇنداق ۋاقىتلاردا جۇ ۋىنبىڭ ئۇنىڭغا ئانىڭىز سىزگە ئويۇنچۇق ۋە چىرايلىق كىيىملەرنى ئېلىپ بىرىش ئۈچۈن، سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ پۇل تېپىپ كىلىشكە كەتتى دەپ جاۋاپ بىرەتتى. جۇ ۋىنبىڭ ئىشنى ئەستايىدىل قىلىدىغان بولۇپ، جاپا چىكىشتىنمۇ باش تارتمايتتى، شۇڭا ئۇ تىرىشىپ ئىشلەپ ئازراق پۇل تېپىپ، ئۆيىنىڭ بىر قىسىم قەرزلىرىنى تۆلىدى. 2014-يىلى جۇ ۋىنبىڭ سىرتتا ئىشلەۋاتقان مەزگىلىدە ھازىرقى ئايالى تاڭ شۈيەن بىلەن تۇنۇشۇپ توي قىلغان بولۇپ، 2016-يىلى كىچىك قىزى جۇ شىنيۈنى تۇغقان ئىدى.
    جۇ شىنيۈنىڭ تۇغۇلۇشى، جۇ ۋىنبىڭنىڭ ئائىلىسىگە خۇشاللىق ئېلىپ كەلدى؛ جۇ ۋىنبىڭ ئۆز كۆڭلىدە، يەنە بىر نەچچە يىل جاپالىق تىرىشىپ ئىشلىسە، ئانىسى كىسەل بولۇپ قالغاندا بولۇپ قالغان قەرزلەرنىڭ ھەممىنى تۆلەپ بولالايدىغانلىقى ھەمدە ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇش شارائىتىمۇ ياخشىلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا چوت سوقۇپ يۈرەتتى. بىراق "يىتىمنىڭ ئېغىزى ئاشقا تەگسە، بۇرنى تاشقا تىگىپتۇ" دىگەندەك، بۇ يىل 6-ئاينىڭ 28-كۈنى، جۇ شىنيۈ ۋۇخەن شىيې خې دوختۇرخانىسىدا نىرۋا ئانا ھۈجەيرە ئۆسمىسى دەپ دىئاگونوز قويۇلدى. ئەينى ۋاقىتتا جۇ ۋىنبىڭ بۇ خىل كىسەللىكنى ئاڭلاپ باقمىغان بولۇپ، بۇ كىسەللىكنىڭ ئېغىرلىق دەرىجىسىنى تېخىمۇ چۈشەنمەيتتى: قىسقىغىنا نەچچە ئاي ئىچىدە، ئۇ قىزىنىڭى 4 قېتىملىق خېمىيىلىك داۋالاش ۋە باشقا تەكشۈرۈش راسخوتى ئۈچۈنلا 100مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل خەجلىدى.
    ھازىر تېخى، ئۆسمە يەنىلا جۇشىنيۈنىڭ قورسىقىدا؛ دوختۇرنىڭ ئېيتىشىچە، خىمىيلىك داۋالاش ئېلىپ بېرىشتىن كىيىن، ئۆسمە كىچىكلىسە ئاندىن ئوپراتسىيە قىلىشقا بولىدىكەن. جۇ شىنيۈ ئۆزىنىڭ قانداق كىسەل بولۇپ قالغانلىقىنى بىلمىگەچكە، ئاسما ئۇكۇلنى كۆرسە، "سۈت! بۇ مىنى ساقايتىدىغان سۈت!" دەپ كىتەتتى؛ بالىنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ،  چوڭلارنىڭ كۆزلىرىدىن ئىختىيارسىز ھالدا ياشلار تۆكۈلەتتى. جۇ شىنيۈ كىسەل بولۇپ قالغاندىن كىيىن، جۇ ۋىنبىڭ ئۇنى داۋالىتىمەن دەپ دوختۇخانىلاردا يۈرگەن بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنىڭ كىرىمى يەنە ئۈزۈلۈپ قالدى؛ ئۇرۇغ-تۇققانلىرى ۋە يېقىنلىرىدىن قەرز ئالغان 60مىڭ يۈەن پۇلمۇ تۈگەپ قالاي دەپ قالغان ئىدى. جۇ ۋىنبىڭ قىزى خېمىيىلىك داۋالاشنى قوبۇل قىلىشى جەريانىدىكى نەچچە كۈن ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ، قۇرلۇش ئورۇنلىرىغا بېرىپ پارچە ئىش قىلىپ، ئازراق تۇرمۇش پۇلى تاپاتتى؛ قىزىنى دوختۇرغا كۆرسىتىشكە كۆپرەك پۇل بار بولۇش ئۈچۈن، جۇ ۋىنبىڭ ئادەتتە يېرىم كىچىلەرگىچە ئىشلەيتتى.
     10-ئاينىڭ 26-كۈنى، جۇ ۋېنبىڭ جىياڭشىدىكى بىر قورۇلۇش ئورنىغا بېرىپ ئىشلىمەكچى بولغان ئىدى، بىراق خىمىيىلىك داۋالاش سەۋەپلىك قان پىلاستىنكىسى ۋە ئاق قان دانىچىسى ئازلاپ كەتكەن جۇشىنيۈدە، شىنياڭ ۋوگزالىدا زور مىقداردا قان چىقىپ كىتىش كۆرۈلۈپ، ئېغىز-بۇرۇنلىرى قانغا تولۇپ كەتتى.  ئۇلار كىچىلەپ قۇتقۇزۇش ماشىنىسىغا ئولتۇرۇپ، خېنەن شىنياڭدىن ۋۇخەن شىيې خې دوختۇرخانىسىغا يىتىپ كەلدى. دوختۇرخانىغا كەلگەندىن كىيىن، جۇ شىنيۈ داۋاملىق تۈردە قىزىپ، قورسىقى ئىسىلىپ، زۇكامداپ بۇرنىدىن سۇ ئېقىپ توختىمايۋاتاتتى؛ قاندىكى مۇھىم كۆرسەتكۈچلەر تۆۋەن بىر ئادەمگە نىسبەتەن، قىزىپ قېلىشتا ئەڭ قورقىدىغىنى يۇقۇملىنىش پەيدا قىلىش بولۇپ، ھازىر جۇ شىنيۈنىڭ ھەر كۈنلۈك داۋالاش خىراجىتى ئۈچۈن 2000يۈەندىن ئارتۇق پۇل كىتىدۇ.
     بىر كۈنى جۇۋىنبىڭ ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە قايتىپ ، ئايالىنىڭ چوڭ قىزىنى ئۇرۋاتقان ھالەتنىڭ ئۈستىگە كىلىپ قالدى؛ تاڭ شۈيەن گەرچە چوڭ قىزىغا ئۆگەي بولسىمۇ، ئەمما ئادەتتە ئىككى قىزىنى ئوخشاش كۈرەتتى، بۇندىن بۇرۇنمۇ قىزىنى قەتئى ئۇرۇپ باقمىغان ئىدى، شۇڭلاشقا جۇ ۋىنبىڭ دەرھال بېرىپ نىمە ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى سورىدى. تاڭ شۈيەننىڭ دىيىشىچە، ئۇ چوڭ قىزىنىڭ قولىدا پۇل بارلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ باشقىلارنىڭ پۇلىنى ئېلىۋالغان ئوخشايدۇ دەپ گۇمانلىنىپ، ئۇنى ئۇرغان ئىكەن. بىراق بۇ ۋاقىتتا چوڭ قىزىنىڭ ئېيتقان سۆزلىرى، ئۇ ئىككىسىنىڭ كۆزلىرىدىن ياشلار ئاققۇزۇۋەتتى: ئەسلىدە بۇ پۇللار، ئۇلارنىڭ تۇققانلىرى بەرگەن پۇللار بولۇپ، چوڭ قىزى ئادەتتە خەجلىۋىتىشكە كۆزى قىيماي، سىڭلىمنىڭ كىسىلىنى كۆرسىتىشكە ئىشلىتىمەن دەپ يېغىۋاتقان پۇللار ئىكەن.
    ھازىر جۇ شىنيۈ ۋۇخەن شىيې خې دوختۇرخانىسىدا داۋالىنىۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ قىزىتمىسى ھازىرمۇ قايتىلاپ قوزغىلىپ تۇرىدۇ. جۇۋىنبىڭنىڭ ئائىلىسى ئەسلىدىنلا ئانىسىنىڭ كىسەللىكى سەۋەبىدىن قەرزگە بوغۇلۇپ كەتكەن بولۇپ، ھازىر قىزىمۇ كىسەل بولۇپ يېتىپ قالدى، ئەمما جۇ ۋىنبىڭ قىزىنى داۋالىتىشقا پۇل يوقلىقىدىن بېشى قېتىپ، نىمە قىلىشىنى بىلەلمەي، يۈرەكلىرى سۇ بولۇپ كىتىۋاتاتتى...

كەچتە ئالما يىيىش ئاشقازانغا زىيانلىقمۇ

ئالما، تۇرمۇشىمىزدا كۆپ ئۇچرايدىغان مىۋىلەرنىڭ بىرى؛ ئۇنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، بەدەنگە ئىھتىياجلىق بولغان ۋىيتام

نامراتلىشىپ كەتكەنسىرى بۇ ئىككى خىل ئادەتنى يىتىلدۈرۈڭ

سىز ئەتىگىنى ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ بولالماي كارۋاتتا بىردەم يېتىۋالماقچى بولۇۋاتقاندا، خىزمەت مەيدانىدىكى قابىللار ئاللىبۇرۇن قەھۋە ئىچك

دۆلىتىمىزدىكى تۇنجى "تۈكلۈك ئوغۇل" توي قىلدى

بۇيىل 42ياشقا كىرىپ قالغان يۈ جېنخۇەن، مىكروبىلوگدا ئۆزىنىڭ توي خەۋرىنى ئېلان قىلىپ، ئايالى بىلەن ئىككىسىنىڭ تويلىشىش گۇاھنامىسىنىڭ رە

ئەر-خوتۇنلار بۇ ئۈچ نەرسىنى ئورتاق بەھىرلىنىپ باقمىغان بولسا

ھازىرقى مۇھەببەت، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ تۈرتكىسى ئاستىدا، رېتىمى تەدرىجى ھالدا تىزلىشىپ كەتتى. نۇرغۇن ياش ئەر-خوتۇنلار، ھېچقانچىلىك

قايتا تويلاشقان ئائىلىلەردىكى مەخپىيەتلىك

بىز بۈگۈن تىلغا ئېلىپ ئۆتمەكچى بولغان مەزمۇن: قايتا تويلاشقانلار قۇرۇپ چىققان ئائىلىلەردىكى مەخپىيەتلىكنى، تۇنجى توي قىلىپ ئائىلە قۇر

دۇفۇنىڭ بۇ خىل تەييارلاش ئۇسۇلىنى بىر مىنۇتتا ئۆگىنىۋالالايسىز

دۇفۇ، ئەڭ ئەرزان بولغان بىر خىل كالتسى تۇلۇقلاش ماتىريالى بولۇپ، كۈندىلىك تۇرمۇشتا ھەمىشە ئىستىمال قىلىپ تۇرىمىز؛ بۇندىن باشقا، دۇفۇنى

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号