ئۈچىنچى شەخىس قانداق سۇقۇنۇپ كىرىدۇ؟
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 10044:قېتىم كورۇلدى
    " ئىرىم تالاغا قاراپ ، ھازىر مەن بىلەن ئاجراشماقچى بولىۋاتىدۇ؛ ھەممىسى ئاشۇ تۈلكە جىننىڭ ئىشى، ئائىلىمىزنى بۇزدى، ئەگەر ئۇ بولمىغان بولسا، ئىرىممۇ ماڭا بۇنداق مۇئامىلە قىلمىغان بولاتتى."
    يۇقارقى سۆزلەر بىر ئايالنىڭ سۆز قالدۇرۇش رايونىدا قالدۇرغان سۆزلىرى؛ مەن ئۇنىڭ بۇ سۆزلەرنىڭ قىلىۋاتقان ۋاقتىدىكى ئازاپقا تولغان چىراي ئىپادىلىرىنى ئويلاپ يىتەلەيمەن.
   ھەقىقەتەن توغرا، بىر ئايال كىشىگە نىسبەتەن ھەممىدىن مۇھىم بولغىنى، بەخت ۋە ئىللىقلىققا تولغان بىر ئائىلىسى بولۇش، ئۆزىگە كۆيىنىدىغان ئىرى بولۇش ، ئۆلگۈچە بىرگە بولالايدىغان مۇھەببەت بولۇشتۇر. بۇنداق ئاياللار كۈندە قاتتىق نان يىسىمۇ، ئەسكى كەپىلەردە كۈن ئۆتكۈزسىمۇ، پەقەت مۇھەببەت بار بولسىلا، ئۇلار خۇددى باشقا ئىشلارنىڭ ھەممىسى بەرىبىردەك ھىس قىلىدۇ.
   ئەمما كۆپىنچە ھاللاردا، مۇشۇنچىلىك بىر تەلەپنىڭ قانائەت تېپىشى ئىنتايىن تەسكە توختايدۇ. بۇرۇن ئۈچىنچى شەخىس تىلغا ئېلىنسا، ھەممە ئادەمنىڭ ئورتاق ئەيىبلىشىگە ئۇچرايتتى؛ لىكىن ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، بۇ يۈز ئابروي مەسىلىسىگە ئۆزگىرىپ، ئاشىنىسى بولماسلىق ئەرلەرنىڭ ئىقتىدارىدىكى مەسىلە، ئاشنىسىنىڭ قاتلام دەرىجىسى ئەر كىشىنىڭ قاتلام دەرىجىسىنىڭ بەلگىسىگە ئايلىنىپ قېلىپتۇ؛ شاللاق ئەمەس ياخشى ئەردىن بىرنى تېپىش ناھايىتى تەسكە توختايدىغان بولۇپ قاپتۇ؛ ئۇنداقتا بۇ خىل ئەھۋاللارنىڭ پەيدا بولۇشىدىكى سەۋەپ زادى نىمە؟
    مەن ئىلگىرى بىر نەچچە ئەر جىنىسلىق دوستلىرىمدىن مۇنداق سوراپ باققان: ئەگەر ئۆيىڭىزدىكى ئايالىڭىز، ئاياللاردا بولۇشقا تىگىشلىك ئەخلاقلىق ھەم ئۆي تۇتۇشنى بىلىدىغان بولسا؛ دوستلىرىڭىزغا ئوخشاش، سىزگە ئامال-چارىلەرنى كۆرسىتىپ ھەمدەمدە بولۇپ ئۆتەلىسە؛ ئاشنىڭىزغا ئوخشاش مۇلايىم ھەم رومانتىك كەلسە؛ ئەگەر ئايالىڭىز بۇ ئۈچ خىل ئالاھىدىلىكنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىيەلىسە، ئەرلەر يەنە تالاغا قارامدۇ؟
    ئۇ دوستۇم ناھايىتى ھەيرانلىق بىلەن، "مۇشۇنداق ئىش بارمىكەن؟ ئەگەر شۇنداق بولىدىغان بولسا، ئۇنداقتا يەنە يۈز-ئابرويىنىڭ تۆكۈلۈش خەۋپىگە قارىماي سىرتقا چىقىپ ئىزدەپ نىمە قىلىدۇ؟ راستىنلا سىرتقا چىقىپ ئىزدىدى دىگەندىمۇ ناھايىتى شۇ يىڭىلىق ھىس قىلىپ شۇنداق قىلىدۇ، ئۇزۇن ئۆتمەي يەنە قايتىپ كىلىدۇ" دەپ جاۋاپ بەردى.

   قارىغاندا ئەرلەرنىڭ كۆڭلىدە ئەمىلىيەتتە بىر تارازا بار ئىكەن؛ خوتۇن-بالىلىرىدىن ۋاز كىچىشنى ئويلايدىغانلار ئاز، يىڭىلىقنى قوغلىشىدىغانلار كۆپ ئىكەن. ئەگەر ئائىلىسىدە يۇقىردا سۆزلەنگەنگە ئوخشاش، ئۈچ خىل ئالاھىدىلىكنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن ئايالى بولسا، ئۈچىنچى شەخىس يەنە سوقۇنۇپ كىرەلەمدۇ؟ ئەگەر مۇۋەپپىقىيەتلىك سوقۇنۇپ كىرەلىگەن بولسا، بۇ چوقۇم ئۈچىنچى شەخىسنىڭ ناھايىتى مەپتۇن قىلارلىق ئىكەنلىكىدىن ئەمەس، بەلكى سىلەرنىڭ نىكاھىڭلارنىڭ ئۆزىدىن مەسىلە چىققانلىق سەۋبىدىن بولىدۇ.
     بۇ ۋاقىتتا ئايالى دىيىشى مۇمكىن: مەن ئەتىگەندىن كەچىكىچە ئالدىراش بولۇپ، چوڭىدىن خەۋەر ئېلىپ بولۇپ، كىچىكىگە قاراپ تىنماي ئالدىراشچىلىقتا ئۆتسەم، ئاخىرىدا كىلىپ ئۇ سىرتتا تۈلكە جىندىن بىرنى تېپىۋالسا، يەنە مىنىڭ خاتالىغىم بولامدىكەن؟
    شۇنداق، سىز ئەتىگەندىن كەچكىچە ئالدىراشلا يۈرۈيسىز، لىكىن سىز ئۆزىڭىز ئۈچۈنمۇ ئالدىراش بولدىڭىزمۇ؟ سىز ئەتىگەندىن كەچكىچە پول سۈرتۈش بىلەن ئاۋارە، لىكىن سىز ئۇنىڭ خىزمەتتە دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرنى قانداق ھەل قىلىدىغىنىنى بىلەمسىز؟ سىز ئەتىگەندىن كەچكىچە ئالدىراشىچىلىق بىلەنلا بولۇپ كىتىسىز، سىز ئەر-خوتۇن ئوتتۇرسىدىكى رومانتىكىلىقنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟ خوتۇن، دوست، ئاشنا، ئۈچ خىل ئالاھىدىلىكنى بىرگە مۇجەسسەملەشتىن سىز نەچچە تۈرلۈكنى قىلالىدىڭىز؟

    ئەگەر ئۆي ئىچى ئىشلىرىنىلا دەيدىغان بولسا، ئۇ خىزمەتچىدىن بىرنى تەكلىپ قىلسىلا بولىدۇ، لىكىن بۇنىڭدا، دوستلارغا ئوخشاش ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ، ئۇنىڭ بۇندىن كىيىنكى خىزمەت پىلانلىرىنى تۈزۈشۈپ بىرىدىغان، خىزمەتتە دۇچ كەلگەن ھەر خىل مەسىلىلەرگە قارىتا مەسلىھەت بىرىدىغان ئادەم بولمايدۇ؛ ئاشنىسىغا ئوخشاش، ئۇ ئىشتىن چۈشۈپ كەلگەندە ئۇنىڭغا مۇلايىملىق ۋە ئىللىقلىق بىرىدىغان ئادەممۇ بولمايدۇ. شۇڭلاشقا ئۇ " خىزمەتچى" تەرپىدىن ئىرىشەلمىگەن نەرسىلىرىنى ئەلۋەتتە سىرتقا چىقىپ ئىزدەيدۇ؛ بۇ ۋاقىتتا ئەگەر پورەكلەپ ئېچىلغان ھەمدە ئۆزىنى بېغىشلاشنى خالايدىغان گۈلدەك بىر قىز ئۇچرىسا، ئۇ نىمىشقا بۇنى قۇبۇل قىلمايدۇ؟ مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ خىلدىكى قىزچاقلار ئۇچرىمىسىمۇ، باشقا خىلدىكى ئاياللار ئۇچرايدۇ، ھەمدە ئوخشاش بىر خىل خېمىيىلىك رىئاكسىيە يۈز بىرىدۇ؛ ئايالى بىلەن كۆرنەرلىك سېلىشتۇرما شەكىللىنىپ، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۇچقۇنلار يالتىراشقا باشلايدۇ.
    تالاغا قاراشنىڭ قانچىلىق مۇددەت داۋاملىشىشى بولسا، بۇ كىيىنكى گەپ. ئەمما نورمال بولغان ھىكايە ۋەقەلىكى بويىچە، بۇ ۋاقىتتا ئايالى بۇ بىر خاتالىقنى تۇتىۋىلىپلا، ھەممىنى قالايمىقان قىلىپ، يىغلاپ قاقشاپ، جاھاننى باشقا كىيىدۇ؛ ئەرنىڭ دەسلىۋىدە ھەقىقى ئايرىلىپ كىتىش ئويى يوق بولسىمۇ، ھازىرقىدەك بۇنداق، بىر تەرەپتە مۇز، بىر تەرەپتە ئوت ھالىتى شەكىللەنگەندىن كىيىن، ئاستاغىنا ئۈچىنچى شەخىس تەرەپكە يۈزلىنىپ ئىسسىنىشقا مەجبۇر بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئۈچىنچى شەخىسنىڭ سوقۇنۇپ كىرىشىدىكى پۈتكۈل جەريانمۇ ئورۇنلۇنۇپ بولغان بولىدۇ.

    شۇڭلاشقا ئاياللار، شۇنى ئىسىڭلاردىن چىقارماڭلاركى، ئەزەلدىن ئۈچىنچى شەخىس مۇۋەپپىقىيەتلىك سوقۇنۇپ كىرگەن ئەمەس، چۈنكى ئۇلاردا ئۇنچىۋالا چوڭ مەپتۇن قىلىش كۈچى يوق. ئۇلارنىڭ ھەيۋىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئۆزەڭلارنى چۈشۈرۋەتمەڭلار. ئەگەر ئۈچىنچى شەخىس پەيدا بولغان بولسا، ئۇنداقتا چوقۇم سىلەرنىڭ نىكاھىڭلاردا مەسىلە كۆرۈلگەن، سىز ئۆزىڭىزنى كۆپرەك تەكشۈرسىڭىز بولىدۇ.
    ئازراق ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ئۆزىڭىزنى يۇقىردىكى ئۈچ خىل ئالاھىدىلىكنى بىرگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن، ئىچىڭىزدىن لاتاپىتىڭىز تىشىپ تۇرىدىغان قىلىپ يىتۈشتۈرسىڭىز، خۇددى گۈلنىڭ پۇرىقى كىپىنەكنى تەبىئى چىللاپ كەلگەنگە ئوخشاش بولالايسىز؛ بۇ كۈندە ئەنسىرەپ ئۆتىدىغان دەرتمەن ئايال بولۇپ ئۆتۈشتىن كۆپ ئاسانغا توختايدۇ.
    ئەگەر سىز مۇشۇنداق بولۇپمۇ ئۆزگەرگەندىن كىيىن ئىرىڭىز يەنە كىتىپ قالسا، سىز ئۆزىڭىزنى تەلەيلىك ھىس قىلسىڭىز بولىدۇ؛ چۈنكى نىكاھ مەغلۇبىيىتىنى بېشىدىن كەچۈرۈش، بەلكىم ئۇنىڭ تەقدىرىگە پۈتۈلۈپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن، ئەمما سىز بولسىڭىز، بۇ سەۋەپلىك يىڭى بىر بەخىت مۇساپىڭىزنى باشلىيالايدىغان بولىسىز.

كەچتە ئالما يىيىش ئاشقازانغا زىيانلىقمۇ

ئالما، تۇرمۇشىمىزدا كۆپ ئۇچرايدىغان مىۋىلەرنىڭ بىرى؛ ئۇنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، بەدەنگە ئىھتىياجلىق بولغان ۋىيتام

نامراتلىشىپ كەتكەنسىرى بۇ ئىككى خىل ئادەتنى يىتىلدۈرۈڭ

سىز ئەتىگىنى ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ بولالماي كارۋاتتا بىردەم يېتىۋالماقچى بولۇۋاتقاندا، خىزمەت مەيدانىدىكى قابىللار ئاللىبۇرۇن قەھۋە ئىچك

دۆلىتىمىزدىكى تۇنجى "تۈكلۈك ئوغۇل" توي قىلدى

بۇيىل 42ياشقا كىرىپ قالغان يۈ جېنخۇەن، مىكروبىلوگدا ئۆزىنىڭ توي خەۋرىنى ئېلان قىلىپ، ئايالى بىلەن ئىككىسىنىڭ تويلىشىش گۇاھنامىسىنىڭ رە

ئەر-خوتۇنلار بۇ ئۈچ نەرسىنى ئورتاق بەھىرلىنىپ باقمىغان بولسا

ھازىرقى مۇھەببەت، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ تۈرتكىسى ئاستىدا، رېتىمى تەدرىجى ھالدا تىزلىشىپ كەتتى. نۇرغۇن ياش ئەر-خوتۇنلار، ھېچقانچىلىك

قايتا تويلاشقان ئائىلىلەردىكى مەخپىيەتلىك

بىز بۈگۈن تىلغا ئېلىپ ئۆتمەكچى بولغان مەزمۇن: قايتا تويلاشقانلار قۇرۇپ چىققان ئائىلىلەردىكى مەخپىيەتلىكنى، تۇنجى توي قىلىپ ئائىلە قۇر

دۇفۇنىڭ بۇ خىل تەييارلاش ئۇسۇلىنى بىر مىنۇتتا ئۆگىنىۋالالايسىز

دۇفۇ، ئەڭ ئەرزان بولغان بىر خىل كالتسى تۇلۇقلاش ماتىريالى بولۇپ، كۈندىلىك تۇرمۇشتا ھەمىشە ئىستىمال قىلىپ تۇرىمىز؛ بۇندىن باشقا، دۇفۇنى

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号