ئايال چولپان جىن شىڭنىڭ تەۋسىيىلىك جۈملىلىرى!
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 10007:قېتىم كورۇلدى

    1. مەن  ئەزەلدىن  بىر  ھەقىقەتكە ئىشىنىپ  كەلدىم: كىشى  ماڭا  چېقىلمىسا   مەن  كىشىگە  چېقىلمايمەن؛ كىشى  ماڭا  چېقىلسا،  مەن  ئۇنىڭغا  يول  قويىمەن؛  كىشى  ماڭا  قايتا  چېقىلسا،  مەن  ئۇنىڭغا  بېشىنى  كۆتۈرەلمىگۈدەك  زەربە  بىرىمەن.
    2. بەزىلەر  ھەقىقەتەن  نۇرغۇن  پۇل  تاپتى،  لىكىن  يەنىلا  لافېي قىزىل  ھارىقىغا  شۆبى قوشۇپ  ئىچىدۇ،  بۇ  ئەنئەنە  ئەمەس  بەلكى  ئۇنىڭ ساپاسى  ئەسلىدىنلا  شۇنداق.
    3. سىز  جۇڭگۇدا  بىرەر رىژىسورنىڭ  قاملاشمىغان  بىر  فىلىم  ئىشلىگەندىن  كىيىن راھىب  بۇلۇپ  كەتكىنىنى  ئاڭلىغانمۇ؟ بىز  پەقەت  ئۇلارنىڭ فىلىم  ئىشلەپ  بولغاندىن  كىيىن  ئايال باش  پىرسۇناژ  بىلەن تويلاشقىنىنىلا ئاڭلىغان .
    4. ئاياللار  ياش  ۋاقتىدا  يېنىدا  بىر  كۈيۈمچان  ئەرنىڭ  بۇلىشىغا  پەرۋا قىلىپ  كەتمەيدۇ،  ئۇلار  دۇنيانى  بويسۇندۇرغىدەك  دەپتى  بار  ئەرلەرنى  بەكرەك  ياخشى  كۈرىدۇ؛  لىكىن  ئۇلار دۇنيانى  بوي  سۇندۇرغىدەك  دەپتى  بار  ئەرلەرنىڭ يەنە  دۇنيادىكى  ھەممە  ئاياللارنى  بويسۇندۇرۇشنى  ئويلايدىغىنىنى  بىلمەيدۇ.
    5. مىنى  سىزگە  رەھىمسىزلىك  قىلدى  دەپ  ئويلاپ  قالماڭ،  مەن ئۆزۈمگە  تېخىمۇ  رەھىمسىز؛  ئەگەر  سىز  ماڭا  رەھىمسىزلىك  قىلىشقا  پېتىنسىڭىز،  مەن  سىزگە  نىمىنىڭ  رەھىمسىزلىك  ئىكەنلىگىنى  بىلدۈرۈپ  قويىمەن؛ لىكىن  سىز  مىنى  راستلا  رەھىمسىز  دەپ  ئويلىسىڭىز،  سىز  ئەمىلىيەتتە  مىنىڭ  مۇھەببىتىمنىڭ  قانچىلىك  چوڭقۇرلىغىنى  چۈشەنمىگەن  بۇلىسىز.
    6. مەن  ياشانغانلارنىڭ  خەلق  مەيدانىغا يېغىلىپ  ئۇسۇل  ئوينىشىنى  ياقتۇرىمەن،  چۈنكى  بۇ  ئۇلارنى  تىلگىراف  ئالدامچىلىقى،  شاخلىتىپ  سېتىش،  سۇغۇرتا  تۇنۇشتۇرۇش  قاتارلىقلارنىڭ ئالدامچىلىقىدىن ساقلايدۇ؛  ئۇسۇل  مۇزىكىسى  ياڭرىغان  ھامان ئۇسۇلدىن  باشقا  ھەممىنى  ئۇنتۇيدۇ.
    7. ئەرلەرنىڭ  شۇ  بىر نەچچە  خىللا  نەيرىڭى  بار.  ئون  ياشلىق  قىزلارنى  كەمپۈت بىلەن  ئالدايدۇ؛ يىگىرمە  ياشلىق  قىزلارنى  گۈل  بىلەن ئالدايدۇ؛ ئەمما ئۇلار ئوتتۇز  ياشلىق  ئاياللارنى  ئالدايمەن  دىسە پەقەت  چىن  كۆڭۈللا  كارغا  كىلىدۇ.
    8. چولپانلارنىڭ  ئاجرىشىشى،  توي  قىلىشى ۋە  مۇھەببىتىنى  ھەرگىزمۇ  مۇھەببەتنىڭ  ئۆلچىمى  قىلىۋالماڭ.
    9. ئاددى  بىر  ئىشنى  بىر  نەچچە  قىتىم  قايتىلىسىڭىز مۇتەخەسسىسكە ئايلىنىسىز؛  كۆپ  قايتىلىنىدىغان  ئىشنى  كۆڭۈل  قويۇپ  قىلسىڭىز  غەلبە قىلغۇچىغا  ئايلىنىسىز .
    10. كۆز  يېشىڭلارنى  يېغىشتۇرۇڭلار ! يىغلايدىغانلار  ئۆيۈڭلەرگە  بېرىپ  يىغلاڭلار…؛  مىنىڭ  بۈگۈنكىدەك  نەتىجە  قازىنىشىم  مىنىڭ  خالايىق  ئالدىدا  كۆز  يېشى قىلىپ  باقمىغىنىمدا؛  كۆز  يېشى  ھېچنىمىگە  ئەسقاتمايدۇ،  بىز  ئېھتىياجلىق  بولغان نەرسە سەمىمىلىكتۇر،  مەيلى بىز مۇزىكانت  ياكى  سەنئەتكار  بولايلى.
    11. ئۆز ھاياتىڭىزغا  سەمىمى پوزىتسىيە  تۇتۇڭ،  چۈنكى ھاياتىڭىزدا  تاللاشقا  دۇچ  كەلسىڭىز،  سىزنىڭ  مۇھتاج  بولىدىغىنىڭىز  باشقىلارنىڭ  پىكىرى بولماستىن،  ئۆز قەلبىڭىزنىڭ چوڭقۇر  قاتلىمىدىكى سەمىمى ئاۋازدۇر.
    12. ئادەم  ئۆزى  پەسلىكنى  خالىسا، كىيىنىشى ھەرقانچە  قىممەتلىك  بولسىمۇ  بىكار .
    13. ئەڭ  گۈزەل  بولغىنى  كەلگۈسى  ئەمەس،  بەلكى  بۈگۈندۇر.
    14. تەنناز بۇلۇش  ئەرلەرنىڭ  كەينىڭىزدىن  پەرۋانىدەك ئەگىپ كىتەلمەي قېلىشى ئۈچۈن؛ ئۈستەل ئۈستىگە تاشلاپ قويغىنى تەنناز ئەمەس بىر پارچە گۆش.
    15. تۇرمۇش ئەڭ ياخشى سىنارىست ، ئىڭراپ چىققان ناخشا ئاۋازى ، ئىللىقلىققا تولغان سۈرەت ئالدىدا ئىنتايىن جانسىز كۆرۈنىدۇ.
    16. مۇھەببەت ئىجادىيەت ۋە لاھىيەلەشكە مۇھتاج، نىكاھ بولسا تىجارەتكە ئوخشاش يۈرگۈزۈشكە ۋە باشقۇرۇشقا مۇھتاج .
   17. 20ياش ۋاقتىڭىزدا ، ھەممەيلەنگە تەڭ تەقسىملەنگەن بويتاقلىقىڭىزدىن ۋە ئەركىنلىكىڭىزدىن ياخشى ھۇزۇرلىنىڭ ، ئالدى كەينىڭىزگە قاراپ كۆپ ئويلاپ كەتمەڭ؛ 30ياشتا تۇرمۇشتا ئۈستىڭىزگە ئېلىشقا تىگىشلىك مەسئۇلىيەتنى ئويلىشىپ كۆرۈڭ دە ، باتۇرلۇق بىلەن ئۇنى ئۆز زىممىڭىزگە  ئېلىڭ، ئۆزىڭىزنى قاچۇرماڭ.
    18. ئاياللار سىلەرگە بىرىشكە تىگىشلىك بولغاننىڭ ھەممىنى بەردۇق؛ تېخى بىرىپ بولالمىغىنىمىز بار بولسا، ساقلاڭلار !  ساقلاشمۇ بىر خىل ئىلىم.
    19. ئاياللارنىڭ كۈچلۈك ئاجىز دەپ ئايرىمىسى بولمايدۇ؛ ئاياللار بىر پەتنۇسقا ئوخشايدۇ، ئەرلەر بولسا پەتنۇستىكى بۇيۇمغا ئوخشايدۇ؛ ئانىلىق كەڭ قورساقلىققا ھېچنىمە تەڭ كەلمەيدۇ.
    20. مەن بۇرۇن ھېچقانداق ئادەمگە چوقۇنمايمەن دەپ ئېيتقان؛ لىكىن مەن بىرەسىگە چوقىنىدىغان بولسام، چوقۇم مىنىڭ كەلگۈسىدىكى يولدۇشۇمغا چوقىنىمەن؛ مەن بىلەن توي قىلغان ئادەم مىنى  ھەقىقەتەن  ياخشى كۆرىدىغان ، مىنىڭ قەدىر قىممىتىمنى چۈشىنىدىغان ئادەم؛ مىنىڭ يولدۇشۇم بولالىغان ئادەم چوقۇم ئىنتايىن سالاپەتلىك، كۆزى ئۆتكۈر مال تۇنۇيدىغان ئادەم.
    21. بەخىتنى كۆز-كۆز قىلغىلى بولمايدۇ؛ چوقان سېلىپ كۆز-كۆز قىلغان بەخىت ھەرگىزمۇ ھەقىقى  بەخىت ئەمەس.

ئەرلەر قانداق ئايال كىشىنى كۆڭلىدىن چىقىرۋىتەلمەيدۇ

نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تەپەككۇر بوشلۇقى بار بولۇپ، مۇھەببەت جەھەتتە ھىسياتقا ئۆزىنىڭ ئېڭى بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ؛ بۇ سەۋ

راك كىسەللىكىگە قارشى تۇرىدىغان يىمەكلىكلەر

ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلىشى، يىمەك-ئىچمەك ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ ئەمىلىيەتتە ئاشقازان راكىلا ئەمەس، چوڭ ئۈچەي راكى، جىگەر راكى، ئاش

دىققەت! بۇ ئەھۋاللارمۇ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنگە باراۋەر

لىكىن، بەزى ماشىنا ئىگىلىرى، تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولۇپ، "ھاراقنى كۆپ ئىچمىدىم، ماشىنا ھەيدىسەم بولىۋىرىدۇ" دەپ قارايدۇ؛ نەتىجىدە،

تاماقتىن كىيىنكى يېرىم سائەت، كۈتۈنۈشتىكى ئالتۇن مەزگىل

تاماقتىن كىيىن 15مىنۇت ئارام ئېلىپ، بەزىبىر يىنىك مۇزىكالارنى ئاڭلاڭ ھەمدە ئازراق چاي ئىچىپ بىرىڭ، ئەمما كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.

ھەقىقىي ئىلمىي ئورۇقلاش ئۈچۈن چوقۇم 90 كۈن قەتئىي داۋاملاشتۇرىمىز

ئادەم تېنىدىكى ياغ ھۈجەيرىسىنىڭ خاتىرىسى بولۇپ، بۇ دەل تېز سۈرئەتتە ئورۇقلاپ بولغاندىن كېيىن ناھايىتى تېز ئەسلىگە كېلىپ قىلىشنىڭ ئاسا

ئادەم نېمىشقا بۇرنىنى كوچىلاشقا ئامراق كېلىدۇ

ئىگىلەشلەرگە ئاساسلانغاندا، %91 ئادەم بۇرنىنى كوچىلايدىكەن؛ قالغان %9 ئادەم بولسا، ھەر نېمە دېگەن بىلەنمۇ بۇرنىنى كوچىلايدىغانلىقىنى ئې

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号