"قان ئالماشتۇرۇش" ئۈنۈمى ھاسىل قىلالايدىغان 6 خىل يىمەكلىك
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 7539:قېتىم كورۇلدى
قان سۇيۇتۇش دورىسى: پىياز
    بەزى كىشىلەر پىياز يىيىشنى ياخشى كۆرمەيدۇ، ھەمىشە پىيازنىڭ ئاچچىقى يامان بولغانلىقتىن ئادەمنىڭ كۆزىدىن ياش ئاققۇزۇۋىتىدۇ دىيىشىدۇ. بىراق مۇتلەق كۆپ قىسىم كىشىلەر پىيازنىڭ، تەركىبىدە پىروستاگلاندىن A (前列腺素A) بار بولغان بىردىنبىر كۆكتات ئىكەنلىكىنى چوقۇم بىلمەيدۇ؛ بۇنىڭ بىلەن بىرگە پىيازنىڭ تەركىبىدە يەنە باشقا ۋىيتامىنلارمۇ بار بولۇپ، ئۇلار ئورتاق تەسىر كۆرسىتىپ، قان تۇمۇرلارنىڭ كېڭىيىشى، قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىش ۋە قاننىڭ قۇيۇقلىقىنى تۆۋەنلىتىپ نۆكچە شەكىللىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق روللارنى ئوينايدۇ.
قان تۇمۇرلارنى يۇمشىتىش دورىسى: سەۋزە
    سەۋزە يىيىشلىك بولۇپلا قالماي، ئۇنىڭ يەنە نۇرغۇن ئۇزۇقلۇق تەركىبلىرى بار، مەسىلەن سىئانىت فىنوللادىن(山奈酚) قاتارلىق؛ بۇ تەركىبلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ قاننىڭ ماي تەركىبىنى تۆۋەنلىتىش ۋە تاجىسىمان ئارتىرىيە تۇمۇرىدىكى قان ئېقىم مىقدارىنى ئاشۇرۇش رولى بار بولۇپ، قان تۇمۇر قېتىشىشقا قارىتا ناھايىتى ياخشى بولغان ياخشىلاش ئۈنۈمى بار.
قاننى "ئۇرۇقلىتىش" دورىسى: سۇلۇ(燕麦)
   سۇلۇ تەركىبىدە سۇدا ئىرىشچان يىمەكلىك تالا ماددىسى ۋە ئادەم بەدىنىگە زۈرۈر بولغان ئامىنو كسلاتا ۋە فىنول كىسلاتا تۈرىدىكى ماددىلار بار بولۇپ، داۋاملىق سۇلۇ ئىستىمال قىلغاندا، قاندىكى قەنت مىقدارى ۋە خولىستىرىننى تۆۋەنلىتىپ، قان سۇيۇقلۇقىنىڭ "ساغلام" ھالىتىنى ساقلاشقا ئىنتايىن بەك پايدىلىق بولىدۇ.
قان تازىلاش ئىشچىسى: سامساق
     بىزنىڭ تۇرمۇش مۇھىتىمىزدا، بىز ھەرۋاقىت قوغۇشۇن بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرىشىمىز مۇمكىن؛ سامساق بولسا قان تەركىبىدىكى قوغۇشۇننىڭ قۇيۇقلۇقىنى ئۈنۈملۈك ھالدا تۆۋەنلىتەلەيدىغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق بىزنىڭ نىرۋا سېستىمىمىزنى قوغدايدۇ.
قان تۇمۇر "ياماقچىسى" : پېدىگەن
    پېدىگەننىڭ ئۇزۇقلۇق تەركىبى ئىنتايىن مول بولۇپ، خولىستىرىننى تۆۋەنلىتىپلا قالماي، يەنە قان نۆكچىلىرى شەكىللىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ؛ بۇلار بىلەن بىرگە پىدىگەننىڭ تەركىبىدە ۋىيتامىن P ۋە ۋىيتامىن C بار بولۇپ، ۋىيتامىن P بولسا قان تۇمۇرلارنىڭ ئىلاستىكىلىقىنى ئۈنۈملۈك ھالدا ئاشۇرالايدۇ ھەمدە بۇ ئارقىلىق قان تۇمۇرلار يېرىلىش ۋە قان چىقىشنى ئازايتىدۇ.
يۇقىرى قان بېسىم دورىسى: يىرىك ئاشلىق
    داۋاملىق تۈردە يىرىك ئاشلىق ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە، يۇقىرى قان بېسىم كىسەللىكىگە گىرىپتار بولۇپ قېلىش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىشكە بولىدۇ ھەمدە خولىستىرىننى تۆۋەنلىتىشكىمۇ ئىنتايىن پايدىلىق بولىدۇ. يىرىك ئاشلىقلا ئەمەس، قېرىنقولاق، لامنارىيە قاتارلىقلارمۇ ئىنتايىن ياخشى بولغان، قان سۇيۇقلۇقىنىڭ ساغلاملىقىنى ساقلايدىغان يىمەكلىكلەر ھىسابلىنىدۇ.

ئەرلەر قانداق ئايال كىشىنى كۆڭلىدىن چىقىرۋىتەلمەيدۇ

نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تەپەككۇر بوشلۇقى بار بولۇپ، مۇھەببەت جەھەتتە ھىسياتقا ئۆزىنىڭ ئېڭى بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ؛ بۇ سەۋ

راك كىسەللىكىگە قارشى تۇرىدىغان يىمەكلىكلەر

ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلىشى، يىمەك-ئىچمەك ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ ئەمىلىيەتتە ئاشقازان راكىلا ئەمەس، چوڭ ئۈچەي راكى، جىگەر راكى، ئاش

دىققەت! بۇ ئەھۋاللارمۇ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنگە باراۋەر

لىكىن، بەزى ماشىنا ئىگىلىرى، تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولۇپ، "ھاراقنى كۆپ ئىچمىدىم، ماشىنا ھەيدىسەم بولىۋىرىدۇ" دەپ قارايدۇ؛ نەتىجىدە،

تاماقتىن كىيىنكى يېرىم سائەت، كۈتۈنۈشتىكى ئالتۇن مەزگىل

تاماقتىن كىيىن 15مىنۇت ئارام ئېلىپ، بەزىبىر يىنىك مۇزىكالارنى ئاڭلاڭ ھەمدە ئازراق چاي ئىچىپ بىرىڭ، ئەمما كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.

ھەقىقىي ئىلمىي ئورۇقلاش ئۈچۈن چوقۇم 90 كۈن قەتئىي داۋاملاشتۇرىمىز

ئادەم تېنىدىكى ياغ ھۈجەيرىسىنىڭ خاتىرىسى بولۇپ، بۇ دەل تېز سۈرئەتتە ئورۇقلاپ بولغاندىن كېيىن ناھايىتى تېز ئەسلىگە كېلىپ قىلىشنىڭ ئاسا

ئادەم نېمىشقا بۇرنىنى كوچىلاشقا ئامراق كېلىدۇ

ئىگىلەشلەرگە ئاساسلانغاندا، %91 ئادەم بۇرنىنى كوچىلايدىكەن؛ قالغان %9 ئادەم بولسا، ھەر نېمە دېگەن بىلەنمۇ بۇرنىنى كوچىلايدىغانلىقىنى ئې

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号