ئەرلەر ئايالىغا ئاسىيلىق قىلغاندىن كىيىن ئەڭ قورقىدىغىنى نىمە؟
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 8584:قېتىم كورۇلدى
     ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتىگە قارىتا ھازىر نۇرغۇن كىشىلەر قورقۇش پۇزۇتسىيەسى تۇتىدۇ، چۈنكى توي تۇرمۇشىدا تالاغا قاراش بەك كۆپ؛ توي تۇرمۇشى جەريانىدا تالاغا قاراش نىسبىتى يەر شارى بويىچە دۆلىتىمىزدە ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تويلىشىشقا قارىتا قورقۇش كىسلى بار. بۇندىن باشقا ھازىر بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدۇ، ئىلگىرى توي قىلىش ئۆمۈرلۈك بولاتتى؛ ئەمما ھازىر توي قىلغان ئىككى تەرەپنى مەڭگۈ بىللە بولىدۇ دىيىشكە بولمايدىغان بولۇپ قالدى؛ توي قىلغاندىن كىيىن ئاجرىشىش ئېھتىماللىقى بار، ئاجراشمىسىمۇ بىر-بىرىنىڭ مۇھەببىتىگە ئاسىيلىق قىلىش ئەھۋاللىرى كۆرلىدۇ، بىر-بىرىگە ئاسىيلىق قىلىش بولسا بىز ئادەتتە كۆپ ئېيتىدىغان تالاغا قاراشتۇر.
    توي تۇرمۇشى ئىچىدە تالاغا قاراش، بۇ بىر قەدەر كۆپ كۆرلىدىغان پاراڭ تىمىسى بولۇپ، ئۇنىڭ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىشتىكى سەۋەپ، ئەر-خوتۇنلار ئارىسىدىكى ئاسىيلىق قىلمىشى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغىنىدا. گەرچە ئاجرىشىش، ئاسان قارار چىقارغىلى بولىدىغان ئىش بولمىسىمۇ، ئەمما تالاغا قاراش كۆزنى يۇمۇپ ئاچقانچىلىك ئىش. ئۇنداقتا توي تۇرمۇشى سىرتىدىكى مۇھەببەت راستىنلا شۇنداق ئەرلەرنى قىزىقتۇرىدىغان، ئەرلەرنىڭ ئاسىيلىق قىلىشىغا ئەرزىيدىغان كىلەمدۇ؟ ياق، ئەمىلىيەتتە ئەھۋال ئۇنداق ئاددى ئەمەس.
    تويلاشقاندىن كىيىن جۈپتىگە ئاسىيلىق قىلىش ئۆزىگە ئاسىيلىق قىلغانغا، ئۆزىنىڭ ئائىلىسىگە ئاسىيلىق قىلغانغا ئوخشاش بولۇپ، تويلاشقان جۈپتىگە ئاسىيلىق قىلغان ئەرلەرنىڭ ئەمىلىيەتتە بىز ئويلىغاندەك ھېچنىمىدىن قورقۇنچىسى يوق بولمايدۇ. ئۇنداقتا ئەرلەر تالاغا قارىغاندىن كىيىن، قايسى ئىشتىن ئەڭ قورقىدۇ؟ ھىسيات مۇتەخەسسىلىرى سىزگە جاۋابنى ئېيتىپ بىرىدۇ.
1. تويلاشقان جۈپتىگە ئاسىيلىق قىلغان ئەرلەر ئايالى بىلگەندىن كىيىن، جىدەل قىلىپ ئالەمگە يېيىۋىتىشىدىن، ئۆزىنىڭ سەتچىلىكتە قېلىشىدىن قورقىدۇ.
    ئاتالمىش "قول سۇنسا يەڭ ئىچىدە" دىگەن گەپ بار؛ ئەرلەر تويلاشقان جۈپتىگە ئاسىيلىق قىلغاندىن كىيىن، ئۇلارنىڭ ئەڭ قورقىدىغىنى ئۆزىنىڭ تالاغا قارىغانلىق قىلمىشىنى ئايالى بايقاپ قالغاندىن كىيىن، ئايالى جىدەل قىلىپ، سەتچىلىكنى جاھانغا يېيىۋىتىشىدۇر. ئەلەرنىڭ تويلاشقان جۈپتىگە ئاسىيلىق قىلغانلىق قىلمىشى ئايالى تەرپىدىن ھەقىقىيلىقى ئىسپاتلانغاندىن كىيىن، ئەرلەرنىڭ ئىناۋىتىگە ئېغىر دەرىجىدە تەسىر يىتىش خەۋىپى تۇغۇلىدۇ؛ چۈنكى ئايالى ئىرىنىڭ قىلمىشىنى ھەرگىز ئىچىدە بىلىپ ئۆتكۈزۈۋەتمەيدۇ، ئايالى ھېچبولمىغاندا دوستلىرىغا ھال ئېيتىپ دەرت تۆكىدۇ؛ بۇنىڭدا كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئەرنىڭ ئاسىيلىق قىلغانلىقىنى بىلىپ كىتىدۇدە، بۇ سەۋەپلىك ئەر كىشى قەيەرگە بارسا باشقىلارنىڭ ئەيىبلىشىگە ۋە سۇغۇق مۇئامىلىسىگە ئۇچرايدىغان ئەھۋال كىلىپ چىقىدۇ.
2. ئايالىغا ئاسىيلىق قىلغان ئەرلەر ئۆزىنىڭ قىلمىشىنىڭ ئائىلىسگە تەسىر كۆرسىتىپ، ئائىلىسىنىڭ ۋەيران بولۇپ، خوتۇن بالىلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىشىدىن قورقىدۇ.
     ئايالىغا ئاسىيلىق قىلغان ئەرلەر ئۆز قىلمىشىنىڭ ئائىلىسىگە تەسىر كۆرسىتىشىدىن قورقىدۇ. ھەممەيلەن ئەرلەرنىڭ تالاغا قارىشى زىرىكىشتىن بولىدۇ، جىسمانى ئېھتىياجىنى ئاساس قىلىدۇ دەيدۇ؛ كۆپىنچە ۋاقىلاردا ئەرلەرنىڭ تالاغا قارىشى "يىڭىلىقنى سىناپ بېقىش" پىسخىكىسى تەسىرىدىن بولىدىغان بولۇپ، ھەقىقى ئاسىيلىق قىلىشنى ئويلىمايدۇ؛ ئۇلار يەنىلا ئۆزىنىڭ ئائىلىسى ئايرىلىشنى خالىمايدۇ، چۈنكى ئۆزى ئەسلىدىلا ئائىلىسىدىن ۋاز كىچىش مەقسىتىدە بولغان ئەمەس؛ ئەگەر راستىنلا قۇتقۇزىۋالغىلى بولمايدىغان دەرىجىگە بېرىپ يەتسە، ئەرلەرنىڭ ئەڭ قورقىدىغىنى ئائىلىسى ۋەيران بولۇپ، خوتۇن-بالىلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىش بولىدۇ.
3. ئەرلەر ئاخىرى بېرىپ ئائىلە ۋە مال-دۇنيا ھەممىدىن تەڭ قۇرۇق قېلىشىدىن قورقىدۇ.
    ئەرلەرنىڭ ئايالىغا ئاسىيلىق قىلىشىدا، خاتالىق كۆپىنچە ئەرلەرنىڭ ئۆزىدە بولۇپ، بۇ سەۋەبلىك  ئۇلار ئاجرىشىش جەھەتتە مۇتلەق پايدىسىز ئورۇندا تۇرىدۇ؛ شۇنىڭ ئۈچۈن ئەگەر ئاياللار ئاجىرىشىش تەلىۋىنى ئوتتۇرغا قويسا، بۇ ئەرلەرنىڭ ئىقتىسادى ۋە روھى جەھەتتە ھەممە نەرسىدىن بىر كىچىدىلا ئايرىلىپ قالىدىغانلىغىدىن دىرەك بىرىدۇ؛ بۇ خىل نەتىجە ئەرلەرگە نىسبەتەن ئىنتايىن قورقۇنچلۇق بولۇپ، ئەگەر ئۇلار ناھايىتى چوڭ ئىشەنچىسى بولمىسا، ئادەتتە ئاسانلىقچە ئاجىرىشىش يولىنى تاللىمايدۇ.
4. ئەرلەر ئاجراشقاندىن كىيىن، قايتا توي قىلىشىنىڭ تەس بولۇپ قېلىشىدىن قورقىدۇ.
    نۇرغۇن ئاياللارنىڭ نەزىرىدە، ئەرلەر بىرىنچى قېتىم ئۆزىنىڭ ئايالىغا ئاسىيلىق قىلغان ئىكەن، ئۇنداقتا چوقۇم ئۇندىن كىيىنكى ئايالىغىمۇ ئاسىيلىق قىلىش ئىھتىماللىقى ناھايىتى يۇقىرى بولىدىغان ھىسابلىندۇ؛ بۇ كۆپ قىسىم ئاياللارنىڭ تويلاشقان جۈپتىگە ئاسىيلىق قىلغان ئەرلەر بىلەن توي قىلىشنى خالىماسلىقىدىكى سەۋەپ بولۇپ، بۇنداق ئەرلەردىن ئاياللارلا قورقۇپ قالماستىن، ئەرلەر ئۆزىمۇ قايتا توي قىلالماسلىقىدىن قورقىدۇ. چۈنكى ئۇلار ئايالىغا ئاسىيلىق قىلغانلىق سەۋەپتىن، ئۆيدىن "سوپۇندەك" بولۇپ چىققاندىن باشقا، نام-ئابرويىمۇ چۈشۈپ كەتكەن بولغاچقا، ئۇلارنىڭ قايتا توي قىلمىقى تېخىمۇ تەسكە توختايدۇ.
    ئەرلەرنىڭ ئايالىغا ئاسىيلىق قىلىشى، گەرچە بەزىدە قەستەنلىك بىلەن بولمىسىمۇ، ئەمما بۇ خىل قىلمىشنىڭ ئۆزى ئاياللارغا مىسلىسىز ئازاپ ئېلىپ كىلىدىغان بولغاچقا، تويلاشقان جۈپتىگە ئاسىيلىق قىلىش ھەقىقەتەن خەتەرلىق قىلمىش بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.

كەچتە ئالما يىيىش ئاشقازانغا زىيانلىقمۇ

ئالما، تۇرمۇشىمىزدا كۆپ ئۇچرايدىغان مىۋىلەرنىڭ بىرى؛ ئۇنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، بەدەنگە ئىھتىياجلىق بولغان ۋىيتام

نامراتلىشىپ كەتكەنسىرى بۇ ئىككى خىل ئادەتنى يىتىلدۈرۈڭ

سىز ئەتىگىنى ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ بولالماي كارۋاتتا بىردەم يېتىۋالماقچى بولۇۋاتقاندا، خىزمەت مەيدانىدىكى قابىللار ئاللىبۇرۇن قەھۋە ئىچك

دۆلىتىمىزدىكى تۇنجى "تۈكلۈك ئوغۇل" توي قىلدى

بۇيىل 42ياشقا كىرىپ قالغان يۈ جېنخۇەن، مىكروبىلوگدا ئۆزىنىڭ توي خەۋرىنى ئېلان قىلىپ، ئايالى بىلەن ئىككىسىنىڭ تويلىشىش گۇاھنامىسىنىڭ رە

ئەر-خوتۇنلار بۇ ئۈچ نەرسىنى ئورتاق بەھىرلىنىپ باقمىغان بولسا

ھازىرقى مۇھەببەت، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ تۈرتكىسى ئاستىدا، رېتىمى تەدرىجى ھالدا تىزلىشىپ كەتتى. نۇرغۇن ياش ئەر-خوتۇنلار، ھېچقانچىلىك

قايتا تويلاشقان ئائىلىلەردىكى مەخپىيەتلىك

بىز بۈگۈن تىلغا ئېلىپ ئۆتمەكچى بولغان مەزمۇن: قايتا تويلاشقانلار قۇرۇپ چىققان ئائىلىلەردىكى مەخپىيەتلىكنى، تۇنجى توي قىلىپ ئائىلە قۇر

دۇفۇنىڭ بۇ خىل تەييارلاش ئۇسۇلىنى بىر مىنۇتتا ئۆگىنىۋالالايسىز

دۇفۇ، ئەڭ ئەرزان بولغان بىر خىل كالتسى تۇلۇقلاش ماتىريالى بولۇپ، كۈندىلىك تۇرمۇشتا ھەمىشە ئىستىمال قىلىپ تۇرىمىز؛ بۇندىن باشقا، دۇفۇنى

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号