سالامەتلىككە زىيان يەتكۈزىدىغان ناچار ئادەتلەر
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 8771:ئادەم ئۆگەندى

1.  تاماقنى تىز سۈرئەتتە يىيىش

    زىيانلىق تەرىپى: ئاشقازان-ئۈچەينىڭ بېسىمىنى ئاشۇرۇپ، سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

    ئۆزگەرتىش ئۇسۇلى : ۋاقىتىڭىز ھەرقانچە جىددى بولسىمۇ، ئىمكان قەدەر ئاستا يەڭ!

 

2. ئەتىگەندە ناشتا قىلماسلىق

    زىيانلىق تەرىپى: ئاشقازاننى ئېغىر دەرىجىدە زەخمىلەندۈرىدۇ؛ خىزمەتتىكى زىھنىڭىز يىتەرلىك ئۇرغۇپ تۇرمايدۇ، ھەم ئاسانلا سىزنى قېرى كۆرسىتىپ قويىدۇ.

   ئۆزگەرتىش ئۇسۇلى: ئەتىگەنلىك ناشتىنى ئامال قىلىپ تەملىك، ئىشتىھانى ئاچىدىغان تەييارلاڭ؛ مىقدارى يىتەرلىك، سۈپىتى ياخشى بولسۇن؛ ھەجىمى كىچىك، ئىسسىقلىق مىقدارى يۇقىرى بولسۇن. يىمەكلىك تاللاشتا قۇرۇق، سۇيۇق يىمەكلىك ۋە گۆشلۈك، گۆشسىز يىمەكلىكنى ئارىلاشتۇرۇپ تاللاڭ.

 

3.  كەچلىك تاماقنى زىيادە كۆپ يىيىش

    زىيانلىق تەرىپى:  ئادەمنى ئاسانلا سەمىرتىپ قويىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرگە، تاماقلىنىش ۋاقتى ئۇزۇنراق، مىقدارى مول بولغان كەچلىك تاماق ئادەمنى ئۇيقۇسى قاچىدىغان قىلىدۇ.

    ئۆزگەرتىش ئۇسۇلى: كەچلىك تاماقنى ئىمكان قەدەر بۇرۇنراق يەڭ، گۆشسىز يىمەكلىك يەڭ، ئاز يەڭ.

 

4. قەھۋە ئىچىشكە خۇمار بولۇش

     زىيانلىق تەرىپى:  ھامىلدار بولۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىدۇ؛ ئاسان يۈرەك كىسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولىدۇ؛ خىزمەت ئۈنۈمىنى تۆۋەنلىتىدۇ.

     ئۆزگەرتىش ئۇسۇلى:  چاي، مىۋە شەربىتى ياكى باشقا ئىچىملىكلەرنى ئالماشتۇرۇپ ئىچىپ سىناپ بېقىڭ!

 

5. يىمەكلىك ئىسپىرتىنى زىيادە قۇبۇل قىلىش

    زىيانلىق تەرىپى:  كۆپ مىقداردا ياكى ھەمىشە ھاراق ئىچكەندە، جىگەرنىڭ ئىسپىرتتىن زەھەرلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بۇ ئارقىلىق ياللۇغلىنىش، يوغىناپ كىتىش، كۆپىيىش ۋە سۈيدۈك ئاجرىتىش سېستىمىلىرىغا تەسىر كۆرسىتىش قاتالىق ئەھۋاللارنى پەيدا قىلىدۇ.

     ئۆزگەرتىش ئۇسۇلى:  قىزىل ھاراق ئىچسىڭىز بولىدۇ. ئەڭ مۇۋاپىق ۋاقىت چۈشتىن كىيىن سائەت2دىن كىيىن؛ ئاچ قورساققا، ئۇخلاشنىڭ ئالدىدا، زۇكامداپ قالغان ياكى كەيپىياتى ھاياجان ئىچىدە تۇرۋاتقاندا ھاراق ئىچمەسلىك كىرەك.

 

6.  تاماقتىن كىيىن تاماكا چىكىش

     زىيانلىق تەرىپى: تاماكا تەركىبىدىكى زىيانلىق ماددىلارنىڭ بەدەنگە سۈمۈرلۈشى تېخىمۇ ئاسان ھەم تىز بولىدۇ.

     ئۆزگەرتىش ئۇسۇلى:  تاماكا تاشلاش

 

7. قىزىق ساقلاش ئىستاكانىغا چاي دەملەپ ئىچىش

     زىيانلىق تەرىپى: ۋىتامىنلىق تەركىبىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىپ، زور مىقداردا تاننىن كىسلاتاسى ۋە چاي ئىشقارى ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ.

     ئۆزگەرتىش ئۇسۇلى: ئىستاكان ئالماشتۇرۇش كىرەك.

 

8.  ھەر ۋاخلىق تاماقتا خام يىمەكلىك بولۇش

     زىيانلىق تەرىپى:  ھەرخىل پارازىنىت قۇرۇت تىپىدىكى كىسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

    ئۆزگەرتىش ئۇسۇلى: ھەر كۈنى يىڭى كۆكتات شەربىتى ياكى مىۋە شەربىتى ئىچىپ بىرىش؛ يىڭى كۆكتاتلاردىن سۇغۇق سەي تەييارلىغاندا مۇۋاپىق مىقداردا ئاچچىقسۇ قوشۇپ، تۇزنى ئازراق ئىشلىتىش؛ ئاۋال مىۋە قاتارلىق خام يىمەكلىكنى يىگەندىن كىيىن، پىششىق يىمەكلىكلەرنى يىسە، ئاق قان دانىچىسى ئۆرلىۋالىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلمەيدۇ؛ پششىقلاپ ئىشلەنگەن يىمەكلىكلەرنى ئىمكان قەدەر ئاز يىيىش.

 

9.  مىۋىنى تاماق ئورنىدا يىيىش

    زىيانلىق تەرىپى: ئادەم بەدىنىدە ئاقسىل قاتارلىق ماددىلارنىڭ كەمچىل بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئۇزۇقلۇق تەڭپۇ بولماسلىقنى پەيدا قىلىدۇ، ھەتتا كىسەللىك كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

    ئۆزگەرتىش ئۇسۇلى: ئاۋال تورغا چىقىپ، سىزنىڭ بەدەن خارەكتىرىڭىز نىمىلەرنى يىيىشكە ماس كىلىدۇ، تەكشۈرۈپ بېقىڭ.

 

ئىرىڭىز بۇ ئۈچ ئىشنى سۈرۈشتە قىلمىسا ئەھۋال چاتاق

كىچىك ۋاقتىمىزدا، بىز ھەممىمىز ئاتا-ئانىمىزنىڭ بىزنى باشقۇرۋالماسلىقىنى ئۈمىد قىلاتتۇق؛ بىراق چوڭ بولۇپ مۇھەببەتلەشكەندىن كىيىن، يېن

ئەرلەرنىڭ قەلبىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكىنىڭ ئالامەتلىرى

ھەقىقى مۇھەببەتنى ئېغىز ئارقىلىق ئىپادىلىمەيمىز، پەقەت ھەرىكىتىمىز ئارقىلىقلا ئاندىن مۇھەببەتكە بولغان ساداقەتمەنلىكىمىزنى ئىپادىلى

بۇ خىل ئسىتاكانلاردا سۇ ئىچسىڭىز زەھەر ئىچكەنگە باراۋەر

سۇ ئىچىش، كىشىلىك ھاياتتىكى ئەڭ مۇھىم ئىشلارنىڭ بىرسى بولۇپ، سۇ ئىچكەن ئىستاكان، ئىچكەن سۇنىڭ سۈپىتىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ؛ ئەگەر

گازىر چېقىشقا ئامراقلار كۆرۈپ بىلىۋىلىڭ

گازىر، تۇرمۇشىمىزدا كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىل ئىستىراھەت يىمەكلىكى بولۇپ، ئۆزى كىچىك ئادەتتىكىچە بولغان بىلەن، تەمى خۇمالىق بولغاچقا، ك

سىناق: ئۆمرىڭىزدە نەچچە قېتىم توي قىلىدىغىنىڭىزنى سىناپ كۆرۈڭ

تۆۋەندىكى تۆت خىل ھالقىدىن قايسىسىنى تاقاشنى ھەممىدىن بەك ئارزۇ قىلىسىز؟ ئۆمرىڭىزدە نەچچە قېتىم توي قىلىدىغانلىقىڭىزنى سىناپ بېقىڭ!

ئەر كىشى بۇ بەش نەرسىسىنى سىزگە بەرسە

مۇھەببەتتە، ئايال كىشى قارشى تەرەپنىڭ كۆڭلىدە پەقەت ئۆزى يالغۇز بار بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ بۇنىڭدا، ئۇلار ئۆزىنى بەخىتلىك ھىس قىلىدۇ ھە

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号