تۇخۇم سېتىۋالغاندا ئېقىنى تاللاش كېرەكمۇ ياكى قىزىلىنىمۇ؟
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 288813:قېتىم كورۇلدى
   تۇخۇم، ئاددىي پۇقرالارنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇزۇقلۇق يېمەكلىكى بولۇپ، باھاسى تۆۋەن ئۇزۇقلۇقى يۇقىرى. تۇخۇمدا ناشتىلىق تەييارلاشقا بولۇپلا قالماي، قورۇما قورۇشتىمۇ كۆپ ئىشلىتىلىدۇ.
   ئادەتتە بازاردىن تۇخۇم سېتىۋالماقچى بولساق، مەيلى كۆكتات بازىرىدىكى تۇخۇم بولسۇن ياكى تاللا بازىرىدىكى تۇخۇم بولسۇن، تۇخۇملارنىڭ رەڭگى پەرقلىنىدىغان بولۇپ، كۆپ قىسىم كىشىلەر توخۇمنىڭ سىرتقى شەكلىگە قاراپ تۇخۇم تاللايدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ خىل تاللاش ئۇسۇلى خاتا.
   بازاردىكى تۇخۇملارنىڭ رەڭگىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى، ئاساسلىقى ئىككى سەۋەبتىن بولۇپ، بىرسى توخۇنىڭ سورتى ئوخشىمايدۇ، ئىككىنچىسى مېكياننىڭ قېنىدا ئۆزگىرىش كۆرۈلگەن. ئىگىلەشلەرگە ئاساسلانغاندا، دۆلىتىمىزدىكى توخۇلارنىڭ سورتى ئاز دېگەندىمۇ 100 خىلدىن ئاشىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپ قىسىم مېكيانلار ئاق تۇخۇم تۇغىدۇ. شۇڭا، ئادەتتە ئاق رەڭلىك تۇخۇم نىسبەتەن كۆپ ئۇچرايدۇ. مېكياننىڭ قان سۇيۇقلۇقىدا بىر خىل مىتابولىزىم ھاسىلاتى بار بولۇپ، ئەگەر مېكيان بۇ خىل ماددىنى مىتابولىزىملىيالمىسا، ئۇنداقتا بۇ مېكيان تۇغقان تۇخۇم قىزىل رەڭلىك بولىدۇ.
   ئەمەلىيەتتە، ئاق شاكاللىق تۇخۇم بىلەن قىزىل شاكاللىق تۇخۇم كۆپ پەرقلەنمەيدۇ، لېكىن تەركىبىدىكى ئۇزۇقلۇقلارنىڭ مىقدارىدا بەلگىلىك پەرق بار. ھەر 100گىرام تۇخۇم تەركىبىدە، قىزىل شاكاللىق تۇخۇمدا 14.4گىرام ئاقسىل بار، ئاق شاكاللىق تۇخۇمدا بولسا 15گىرامغا يىتىدۇ؛ ياغ تەركىبى بولسا، قىزىل شاكاللىق تۇخۇمنىڭ 11.8گىرام، ئاق شاكاللىق تۇخۇمنىڭ بولسا 9.9گىرام بولىدۇ. شۇڭا، بۇ ئىككى خىل تۇخۇمنىڭ ئۇزۇقلۇق تەركىبىدە بەك كۆپ پەرق بولمىغاچقا، نەزەرىيە جەھەتتىن، قايسى خىلنى تاللاپ سېتىۋالساق ئوخشاش بولىدۇ.
   لېكىن مەن ئۆزۈم تاللاشقا توغرا كەلسە، مەن ئاق تۇخۇمنى تاللايمەن. چۈنكى، ھازىر يۇقىرى ئاقسىللىق تۆۋەن ياغ تەركىبلىك يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

مۇھەببىتى ساختا ئەرلەر سىزنى بۇ ئۈچ يەرگە باشلايدۇ

ئەر-ئاياللار مۇناسىۋىتىدە، ئۇچرىشىشقا چىقىش ناھايىتى مۇھىم بىر ئىش بولۇپ، ئەگەر سورۇن ياخشى تاللانغان، مۇھىت كەيپىياتىمۇ توغرا بولغان

سېلىشتۇرمىسا كۆڭۈل ئاغرىمايدۇ

بىرەر مەسىلىنى ئەڭ ئوبرازلىق ھالدا تەسۋىرلەپ بىرىشتە، ئۇنى باشقا بىر نەرسە بىلەن سېلىشتۇرۇپ تەسۋىرلەش، ئەڭ ئۈنۈملۈك بىر ئۇسۇلدۇر.

تۆت يۈز جىڭلىق يىگىت ئۇرۇقلىدى، ئەمما ئازراقمۇ خۇشال بولالمىدى

نۇرغۇن كىشىلەر سەمىرىپ كىتىشكە باشلىغان بولۇپ، كۆپ قىسىم كىشىلەر خىزمەت ۋاقتىدا ئورۇنداقتا ئولتۇرۇپ ئىشلىگەنلىكى ئۈچۈن، سېمىزلەرنىڭ س

ئاياللارنىڭ قەلبى ئۆزگەرسە بۇ ئۈچ ئىشتا ئاشكارىلاپ قويىدۇ

دەسلەپ باشقىلارنىڭ ئېغىزىدىن، "ئەرلەرنىڭ تالاغا قارىشى پەقەت نۆل قېتىم ۋە نۇرغۇن قېتىم بولىدۇ" دىگەنلىكىنى ئاڭلىغان ۋاقتىمدا ئازراق ئ

چۈمۈچ تۇتقانلار دىققەت: ياغ تەركىبى راستىنلا قورقۇنچلۇقمۇ؟

ئاز بولمىغان گۈزەللىكنى سۆيگۈچى كىشىلەر، گۆش تۈرىدىن تېخىمۇ قاچىدىغان بولۇپ، ھەرقېتىم غىزالىنىدىغان ۋاقىت كەلگەندە، ئۇلار يىمەكلىكنى

مۇھەببەتتىكى بارلىق ساداقەتسىزلىكلەرنىڭ تۈپ سەۋەبى پەقەت بىرلا

مۇھەببەت دۇنياسىدا، ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ھەممىدىن بەك ئازاپلايدىغىنى، سىز چوڭقۇ ياخشى كۆرگەن ھەمدە بارلىقىڭىزنى ئاتىغان ئاشۇ ئادەمنىڭ، كۈ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号